9 ئەيسا مەسىھ ھەم ئۆلگەنلەرنىڭ، ھەم تىرىكلەرنىڭ رەببى بولۇش ئۈچۈن ئۆلۈپ تىرىلدى.
ھايات بولغۇچى ئۆزۈمدۇرمەن. مەن ئۆلگەنىدىم، لېكىن ئەمدى مەڭگۈ ھايات ياشايمەن. ئۆلۈم ۋە ئۆلۈكلەر دىيارىنىڭ ئاچقۇچى مېنىڭ قولۇمدا.
قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ خۇدانىڭ شان-شەرىپىگە ئېرىشىشتىن بۇرۇن، مانا شۇ جەبىر-جاپالارنى بېشىدىن كەچۈرۈشى كېرەك ئەمەسمىدى؟
كۆزىمىز ئېتىقادىمىزنىڭ ئاساسچىسى ۋە مۇكەممەللەشتۈرگۈچىسى بولغان ئەيسا مەسىھتە بولسۇن. ئۇ ئۆزىنى كۈتكەن خۇشاللىق ئۈچۈن، كرېستتىكى ئازابقا بەرداشلىق بەردى ھەم بۇنداق ھاقارەتلىك ئۆلتۈرۈلۈشكە پىسەنت قىلمىدى. شۇنىڭدىن بۇيان، ئۇ خۇدانىڭ تەختىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئولتۇرماقتا.
مەن تىرىكلەر بىلەن ئۆلگەنلەرنى سوراق قىلىدىغان ھەمدە ئۆز پادىشاھلىقىنى قۇرۇش ئۈچۈن قايتا كېلىدىغان ئەيسا مەسىھنىڭ، شۇنداقلا خۇدانىڭ ئالدىدا ساڭا شۇنداق بۇيرۇق قىلىمەنكى،
ئۇ بىزنىڭ خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشىمىزنى، تىرىكلەر ۋە ئۆلگەنلەرنىڭ سوراقچىسى قىلىنىپ تەيىنلەنگەن كىشىنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىنى خەلققە جاكارلىشىمىزنى بۇيرۇدى.
ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنىڭ يېنىغا كېلىپ، مۇنداق دېدى: - ئەرشتە ۋە يەر يۈزىدە پۈتۈن ھوقۇق ماڭا بېرىلدى.
لېكىن، ئۇلار بۇ قىلمىشلىرى ئۈچۈن سوراق قىلىشقا تەييار تۇرغان خۇداغا ھېساب بېرىدۇ. كەلگۈسىدە خۇدا پۈتكۈل ئىنساننى، مەيلى تىرىكلەر ياكى ئۆلگەنلەر بولسۇن، سوراق قىلىدۇ.
سىلەر ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇداغا ئېتىقاد قىلىۋاتىسىلەر. خۇدا ئەيسا مەسىھنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈپ، ئۇنىڭغا شان-شەرەپ بەردى. شۇنىڭ ئۈچۈن، سىلەرنىڭ ئېتىقادىڭلار ۋە ئۈمىدىڭلار خۇداغا باغلانغان.
بىزنى شۇنداق قىلىشقا قىستاۋاتقىنى ئەيسا مەسىھنىڭ مۇھەببىتىدۇر. بىز ئەيسا مەسىھنىڭ ھەممىمىز ئۈچۈن ئۆلگەنلىكىگە ئىشەنگەنىكەنمىز، ئۆزىمىزنىڭ بۇرۇن ياشاپ كەلگەن ھاياتىمىزغا نىسبەتەن ئۆلگەنلىكىمىزگىمۇ ئىشىنىمىز.
سىلەر خۇدا ئىسرائىل خەلقىگە يەتكۈزگەن خۇش خەۋەرنى ئاڭلىغانغۇ. خۇدا پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ ئىگىسى بولغان ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق بىزنى ئۆزى بىلەن ياراشتۇردى.
- ئىزمىردىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ پەرىشتىسىگە مۇنداق ياز:«تۇنجى ۋە ئاخىرقى، ئۆلۈپ تىرىلگۈچى مۇنداق دەيدۇ:
بىلىپ قويۇڭلاركى، بۇغداي دېنى توپىغا تاشلىنىپ قۇربان بولمىغۇچە، يەنىلا بىر تال دان پېتى تۇرىدۇ. قۇربان بولسا، بىخ سۈرۈپ، كۆپ ھوسۇل بېرىدۇ.
دېمەك، ئەيسا مەسىھنىڭ رەب ئىكەنلىكىنى ئۆز ئاغزىڭ بىلەن ئېتىراپ قىلساڭ ۋە خۇدانىڭ ئۇنى تىرىلدۈرگەنلىكىگە چىن قەلبىڭدىن ئىشەنسەڭ، قۇتقۇزۇلىسەن.
ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆلۈپ تىرىلگەنلىكىگە ئىشەنگەنىكەنمىز، ئەيسا مەسىھ قايتا كەلگەندە خۇدانىڭ ئالەمدىن ئۆتكەن ئېتىقادچىلارنى ئەيسا مەسىھ بىلەن بىللە ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىشىمىز كېرەك.
ئەيسا مەسىھ بىز ئۈچۈن ئۆلدى. بۇنىڭدىكى مەقسەت، ئۇ قايتا كەلگەندە، بىز مەيلى ھايات ياكى ئۆلگەن بولايلى، بىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىللە مەڭگۈ ياشىشىمىز ئۈچۈندۇر.