8 بەلكى، ياشىساقمۇ، ئۆلسەكمۇ رەببىمىز ئۈچۈندۇر، قىسقىسى، قانداقلا بولساق، رەببىمىزگە مەنسۇپمىز.
ئەيسا مەسىھكە يۈز كېلەلمەيدىغان ئىشلارنى قىلىپ، خىجالەتچىلىكتە قالماسلىقىمنى ئىنتىزارلىق بىلەن ئۈمىد قىلىمەن ھەمدە ھازىرمۇ ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا، مەيلى مەن قانداق ياشاي ياكى قانداق ئۆلەي، ئەيسا مەسىھنى باتۇرلۇق بىلەن ئۇلۇغلايمەن.
ئەيسا مەسىھ بىز ئۈچۈن ئۆلدى. بۇنىڭدىكى مەقسەت، ئۇ قايتا كەلگەندە، بىز مەيلى ھايات ياكى ئۆلگەن بولايلى، بىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىللە مەڭگۈ ياشىشىمىز ئۈچۈندۇر.
بىراق، ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆز نۆۋىتى بار. ئالدى بىلەن كاپالەتچى بولغان ئەيسا مەسىھ تىرىلدى، ئاندىن كېيىن ئەيسا مەسىھ قايتا كەلگەندە ئۇنىڭغا مەنسۇپ بولغانلار تىرىلىدۇ.
لېكىن، پاۋلۇس: - سىلەر نېمىشقا بۇنچىۋالا قايغۇرۇپ، يۈرىكىمنى ئېزىسىلەر؟ مەن يېرۇسالېمدا رەببىمىز ئەيسا ئۈچۈن تۇتقۇن بولۇشقىلا ئەمەس، ئۇ يەردە ئۆلۈشكىمۇ تەييارمەن، - دەپ جاۋاب بەردى.
مەن يەنە ئاسماندا مۇنداق بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم: «بۇ سۆزنى ياز: ˜بۇنىڭدىن كېيىن، رەببىمىزگە مەنسۇپ بولۇپ ئۆلگەنلەر نەقەدەر بەختلىك!Œ» مۇقەددەس روھ: «دۇرۇس، ئۇلار ئۆز ئىشلىرىنى تۈگىتىپ ئارام ئالىدۇ. چۈنكى، قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنىڭ نەتىجىسى ئۇلار بىلەن بىللە بولىدۇ» دېدى.
سىلەرنىڭ ئەيسا مەسىھكە بولغان ئېتىقادىڭلار ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن قىلغان خىزمىتىڭلار خۇداغا ئاتالغان قۇربانلىق ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر مەن ئىسسىق قېنىمنى سىلەرنىڭ بۇ قۇربانلىقىڭلار ئۈستىگە چاچسام، يەنى سىلەر ئۈچۈن ئۆلسەم، خۇرسەن بولىمەن ھەمدە سىلەر بىلەن بىللە شادلىققا چۆمىمەن.
لېكىن، مەن ئۆز مۇساپەمنى تاماملىشىم، رەببىمىز ئەيسانىڭ تاپشۇرغان خىزمىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇندىشىم، يەنى خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنىڭ گۇۋاھچىسى بولۇشۇم ئۈچۈن، ئۆز ھاياتىمنى قىلچە ئايىماي، يېرۇسالېمغا كېتىۋاتىمەن.
چۈنكى، ئۇ ئەيسا مەسىھكە خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ھاياتىنىڭ خېيىمخەتەرگە ئۇچرىشىغا قارىماي، سىلەر ماڭا قىلالمىغان ياردەمنى قىلىمەن دەپ، ئۆلۈشكە تاس قالغانىدى.
بۇ يەردىكى «سادىق خىزمەتكار» دېگەن سۆز پادىشاھ داۋۇتقا قارىتىلغان ئەمەس. چۈنكى، پادىشاھ داۋۇت ئۆزىنىڭ زامانىدا خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە خىزمەت قىلىپ، ئالەمدىن ئۆتۈپ يەرگە كۆمۈلگەن. ئۇنىڭ تېنى چىرىپ كەتكەن.
ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزنى پېترۇسنىڭ قانداق ئۆلۈش ئارقىلىق خۇداغا شان-شەرەپ كەلتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئېيتتى. ئاندىن، ئۇنىڭغا يەنە: - ماڭا ئەگىشىۋەر، - دېدى.
دېمەك، خۇدا ئۆلگەنلەرنىڭ ئەمەس، تىرىكلەرنىڭ خۇداسىدۇر. خۇدانىڭ نەزىرىدە ئۇلارنىڭ ھەممىسى ھاياتتۇر.