Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 14:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 خۇدانىڭ خىزمەتكارى ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىدىغان سەن كىم ئىدىڭ؟ ئۇلارغا ئىگىسى بولغان خۇدا ئۆزى مەسئۇل. خىزمەتكارى ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىش ياكى ئۇنى ئاقلاش خۇدانىڭ ئىشىدۇر. خۇدا ئۇنى ئەيىبسىز قىلالايدۇ. چۈنكى، رەببىمىز بۇنداق قىلىشقا قادىردۇر.

Gade chapit la Kopi




رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 14:4
19 Referans Kwoze  

بىراق، ئەي ئىنسان، خۇدا بىلەن تاكاللىشىدىغان سەن كىمسەن؟ بىر ساپال قاچا ئۆزىنى ياسىغان خۇمدانچىغا: «مېنى نېمە ئۈچۈن بۇنداق ياسىدىڭ؟» دېيەلەمدۇ؟


ھەممىمىزنى قۇتقۇزغان يېگانە خۇدا سىلەرنى يىقىلىپ چۈشۈشتىن ساقلاپ، ئەيىبسىز ۋە خۇشال-خۇرام ھالدا ئۆزىنىڭ ئۇلۇغۋار ھۇزۇرىغا ئېلىپ كېلىشكە قادىردۇر. بارلىق شان-شەرەپ، ئۇلۇغلۇق، قۇدرەت ۋە ھوقۇق رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئەزەلدىن تا ھازىرغىچە ۋە ئەبەدىلئەبەد خۇداغا مەنسۇپ بولغاي، ئامىن!


يۆلەپ تۇرغاچقا ئۇنى پەرۋەردىگار، پۇتلاشسىمۇ يىقىلماي مەزمۇت تۇرار.


شۇ سەۋەبتىن، ئەيسا مەسىھ ئۆزى ئارقىلىق خۇدانىڭ ئالدىغا كەلگەنلەرنى ئۈزۈل-كېسىل قۇتقۇزۇشقا قادىردۇر. ئۇ مەڭگۈ ھايات بولۇپ، ئۇلار ئۈچۈن خۇداغا مۇراجىئەت قىلىدۇ.


ھەرقانداق يېمەكلىكلەرنى يەيدىغانلار گۆش يېمەيدىغانلارنى كەمسىتمىسۇن ھەمدە گۆش يېمەيدىغانلارمۇ ھەرقانداق يېمەكلىكلەرنى يەيدىغانلار ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلمىسۇن. چۈنكى، خۇدا ئۇلارنى قوبۇل قىلغان.


بارلىق شان-شەرەپ خۇداغا مەنسۇپ بولغاي! خۇدا مەن يەتكۈزگەن خۇش خەۋەر ئارقىلىق ئېتىقادىڭلارنى مۇستەھكەملەيدۇ. بۇ خۇش خەۋەر ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى خۇش خەۋەر بولۇپ، ئۇ قەدىمدىن بېرى ساقلىنىپ كەلگەن سىردۇر.


ئۇ چارچىغان كىشىلەرگە مادار بېرىدۇ، ئاجىزلارغا كۈچ بېرىدۇ.


چۈنكى پەرۋەردىگار سۆيەر ئادالەتنى، تاشلىماس ئۆزىنىڭ تەقۋادار خەلقىنى. تائەبەد قوغدايدۇ، ساقلايدۇ ئۇلارنى، بىراق قۇرۇتىدۇ رەزىللەرنىڭ نەسلىنى.


ئىزىڭدىن ماڭدىم مەن قەدەم ئېلىپ، شۇڭا كەتمىدى پۇتلىرىم تېيىلىپ.


خۇدا ئالدىن تەييارلاپ قويغان بۇ ئۈزۈل-كېسىل قۇتقۇزۇشنى ئاخىر زاماندا ئاشكارا قىلغۇچە، ئۆزىنىڭ قۇدرىتى بىلەن سىلەرنى ئېتىقادىڭلار ئارقىلىق قوغدايدۇ.


ناھايىتى روشەنكى، بىز ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغانلىقتىن، خۇدا بىزگە ئۆزىنىڭ روھىنى ئاتا قىلغىنىغا ئوخشاش، ئۇنى يەھۇدىي ئەمەسلەرگىمۇ ئاتا قىلدى! شۇنداق تۇرسا، مەن خۇداغا قانداقمۇ توسقۇنلۇق قىلالايتتىم؟!


سۇندۇرۇلىدۇ رەزىللەرنىڭ بىلەكلىرى، پەرۋەردىگار يۆلەپ تۇرار ھەققانىيلارنى.


يەھۇدىيلار ئېتىقادسىزلىقىدىن ۋاز كېچىپ، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلسا، ئۇلارمۇ ئەسلىدىكى دەرەخكە ئۇلىنىدۇ. چۈنكى، خۇدا ئۇلارنى قايتا ئۇلاشقا قادىردۇر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite