رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 14:23 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى23 لېكىن، بىرەر يېمەكلىككە شەك كەلتۈرۈپ تۇرۇپ، يەنە شۇ يېمەكلىكنى يېگەن كىشى ۋىجدانىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرايدۇ. چۈنكى ئۇ كىشى ئۆزى يېگەن يېمەكلىكنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە ئىشەنچ قىلالمىدى. توغرا ئىكەنلىكىگە ئىشەنچ يوق ھالدا قىلىنغان ھەرقانداق ئىش گۇناھتۇر. Gade chapit la |
لېكىن، ھەممە ئېتىقادچىلار بۇنداق بىلىمنى تونۇپ يەتمىدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئېتىقادچى بولۇشتىن بۇرۇن بۇتپەرەسلىك ئادەتلىرىگە كۆنۈپ قالغاچقا، ھازىرمۇ بۇتقا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان گۆشنى يېيىشنى بۇتقا چوقۇنۇش بىلەن باراۋەر دەپ قارايدۇ. شۇڭا، ئۇلار بۇ گۆشنى يېيىشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ. ئەگەر ئۇلار بۇ گۆشنى يەپ قالغان بولسا، ئۆزلىرىنى بۇلغاندۇق دەپ ھېس قىلىپ، ۋىجدانى ئازابلىنىدۇ.