21 شۇنىڭ ئۈچۈن، گۆش يېيىش، شاراب ئىچىش، شۇنداقلا باشقا ئىشلارنى قىلىشىڭلار قېرىندىشىڭلارنىڭ گۇناھ ئۆتكۈزۈشىگە سەۋەبچى بولسا، بۇلارنى قىلمىغىنىڭلار تۈزۈك.
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەگەر يېگەن گۆشىمىز تۈپەيلىدىن بۇنداق بىلىمنى تونۇپ يەتمىگەن قېرىندىشىمىزنىڭ ئېتىقادى بۇزۇلغۇدەك بولسا، بىز بۇ گۆشنى قەتئىي يېمەيلا قويايلى.
شۇنىڭ ئۈچۈن، بىر-بىرىڭلارنى ئەيىبلەشنى توختىتىڭلار. قېرىندىشىڭلارنى توغرا يولدىن ئازدۇرۇپ، ئۇلارنى گۇناھقا يىقىتىشقا سەۋەب بولىدىغان ھەرقانداق ئىش قىلماسلىقنى قارار قىلىڭلار.
لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا پېترۇسقا قاراپ: - يوقال كۆزۈمدىن، شەيتاندەك سۆزلەۋاتىسەن! سەن ماڭا پۇتلىكاشاڭ، سېنىڭ ئويلىغانلىرىڭ خۇدانىڭ ئەمەس، ئىنساننىڭ خىيالىدۇر، - دېدى.
بىراق ھازىر سىلەر روھانىيلار پەرۋەردىگارنىڭ يولىدىن چەتنەپ كەتتىڭلار. سىلەرنىڭ تەلىملىرىڭلار نۇرغۇن كىشىلەرنى گۇناھ يولىغا باشلىدى. سىلەر مېنىڭ لاۋىيلار بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنى بۇزدۇڭلار.
لېكىن، ساڭا بىر ئېتىرازىم بار، ئۇ بولسىمۇ ئاراڭلاردا بىلئامنىڭ تەلىمىگە ئەگەشكەنلەر بولماقتا. بىلئام بالاق دېگەن ئادەمگە ئىسرائىللارنى بۇتقا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان گۆشنى يېيىش ۋە جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلىشقا ئازدۇرۇشنى ئۆگەتكەنىدى.
سىلەرگە ئەگەشكەن «ئاقساق»لارنىڭ يىقىلىپ چۈشمەسلىكى ئۈچۈن ماڭغان يولۇڭلار تۈز بولسۇن. بۇنىڭ بىلەن سىلەر ئۇلارنىڭ شىپا تېپىشىغا ياردەم بېرەلەيسىلەر.
شۇنداق بولغاندا، سىلەر خۇدانىڭ نېمىدىن خۇرسەن بولۇپ، نېمىدىن خۇرسەن بولمايدىغانلىقىنى پەرق ئېتەلەيسىلەر-دە، ئەيسا مەسىھ قايتا كەلگەن كۈندە پاك ۋە ئەيىبسىز بولالايسىلەر.
چۈنكى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا يېمەك-ئىچمەك قائىدىلىرىگە رىئايە قىلىپ ياشاش ئەمەس، بەلكى ھەققانىيلىق، ئىناقلىق ۋە مۇقەددەس روھ ئاتا قىلغان شاد-خۇراملىق ئىچىدە ياشاش مۇھىمدۇر.
ھالبۇكى، خۇدانىڭ سۆزى ئۇلاردا يىلتىز تارتمىغاچقا، ئۇلار ئۇزۇنغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. خۇدانىڭ سۆزىگە ئىشەنگەنلىكىدىن قىيىنچىلىق ياكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىسا، خۇدا يولىدىن دەرھال چەتنەپ كېتىدۇ.
لېكىن ئېھتىيات قىلىڭلاركى، سىلەرنىڭ مەلۇم يېمەكلىكنى يېيىش-يېمەسلىك ئەركىنلىكىڭلار بۇنداق بىلىمنى تونۇپ يەتمىگەن ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ گۇناھ قىلىشىغا سەۋەب بولۇپ قالمىسۇن.