Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 14:15 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

15 ئەگەر سىلەر يېمەكلىكىڭلار سەۋەبىدىن ئېتىقادى ئاجىز بولغان قېرىندىشىڭلارنى ئۆز ۋىجدانى كۆتۈرمەيدىغان ئىشلارغا دەۋەت قىلساڭلار، مېھىر-مۇھەببەت يولىدا ماڭمىغان بولىسىلەر. سىلەر بۇ قېرىندىشىڭلارنى يېمەكلىك سەۋەبىدىن نابۇت قىلماڭلار. چۈنكى، ئەيسا مەسىھ ئۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئۆز جېنىنى پىدا قىلغان.

Gade chapit la Kopi




رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 14:15
13 Referans Kwoze  

قېرىنداشلار، سىلەر ئەركىنلىككە چاقىرىلدىڭلار. لېكىن، بۇ ئەركىنلىكىڭلار گۇناھكار تەبىئىتىڭلارنىڭ ئارزۇلىرىنى قاندۇرۇشنىڭ باھانىسى بولۇپ قالمىسۇن. ئەكسىچە، بۇنى بىر-بىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت بىلەن خىزمەت قىلىشنىڭ پۇرسىتى، دەپ بىلىڭلار.


ئەيسا مەسىھ بىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىپ، بىز ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلغاندەك، سىلەرمۇ ھاياتىڭلاردا بىر-بىرىڭلارغا شۇنداق مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار. ئۇنىڭ بىز ئۈچۈن ئۆز جېنىنى پىدا قىلىشى خۇددى خۇش پۇراقلىق كۆيدۈرمە قۇربانلىققا ئوخشاش، خۇدانى خۇرسەن قىلدى.


ئەمدى خېتىڭلاردىكى بۇتقا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان گۆشنى يېيىش ياكى يېمەسلىك مەسىلىسىگە كېلەيلى. سىلەر ھەممىمىزنىڭ بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن بىلىمىمىز بار، دەپ قارايسىلەر. بىراق، بىلىمى كۆپ بولغان ئادەم تەكەببۇرلىشىپ كېتىشى مۇمكىن. لېكىن، مېھىر-مۇھەببىتى كۆپ بولغان ئادەم بولسا قېرىندىشىنىڭ ئېتىقادىنى مۇستەھكەملەشكە پۇرسەت ئىزدەيدۇ.


ھەربىرىمىز قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئېتىقادىنىڭ مۇستەھكەملىنىشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ مەنپەئىتىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۇلارنى خۇرسەن قىلىشىمىز كېرەك.


يېمەكلىك سەۋەبىدىن، خۇدانىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى بۇزمايلى. ئەلۋەتتە، ھەممە يېمەكلىك ھالالدۇر. بىراق، بىر ئادەم ئۆزىنىڭ يېمەكلىكى سەۋەبىدىن باشقىلارنىڭ گۇناھ ئۆتكۈزۈشىگە سەۋەبچى بولۇپ قالسا، بۇ دۇرۇس بولمايدۇ.


ئەيسا مەسىھ گۇناھلىرىمىزنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن قىلىنغان قۇربانلىقتۇر. ئۇنىڭ ئۆز جېنىنى قۇربان قىلىشى پەقەت بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل دۇنيادىكى ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈندۇر.


گەرچە مەن يەر-يۈزىدىكى ھەرقانداق تىلدا، ھەتتا پەرىشتىلەرنىڭ تىللىرىدا سۆزلىيەلىسەممۇ، لېكىن باشقىلارغا مېھىر-مۇھەببىتىم بولمىسا، سۆزلىرىم قۇلاققا خۇش ياقمايدىغان داقا-دۇمباق ياكى يېقىمسىز قوڭغۇراق ئاۋازىدەك بولۇپ قالىدۇ.


باشقىلارنى سۆيگەن كىشى ئۇلارغا يامانلىق قىلمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، مېھىر-مۇھەببەت تەۋرات قانۇنىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.


مەن ئادالەتلىك ئادەملەرنىڭ ئۈمىدسىزلىنىشىنى خالىمايتتىم، لېكىن سىلەر ئۇلارنى يالغانچىلىقىڭلار بىلەن ئۈمىدسىزلەندۈردۈڭلار. رەزىللەرنى يامان يولىدىن يانماسلىققا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ھايات قېلىشىغا توسالغۇ بولدۇڭلار.


بۇرۇن ئىسرائىل خەلقى ئىچىدە ساختا پەيغەمبەرلەر بولغىنىدەك، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىمۇ ساختا تەلىم بەرگۈچىلەر مەيدانغا چىقىدۇ. ئۇلار ئادەملەرنى ھالاك قىلىدىغان ساختا تەلىملەرنى ئاراڭلارغا يوشۇرۇن كىرگۈزىدۇ. ئۇلار ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرىنىڭ بەدىلىنى تۆلەپ جېنىنى قۇربان قىلغان رەبنىمۇ رەت قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار تېزلا ئۆز بېشىغا ھالاكەت كەلتۈرىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite