Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 14:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 ئۇنداقتا، گۆش يېمەيدىغان سەن نېمە ئۈچۈن ھەممە يېمەكلىكلەرنى يەيدىغان قېرىندىشىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىسەن؟ ھەممە يېمەكلىكلەرنى يەيدىغان سەنمۇ نېمە ئۈچۈن گۆش يېمەيدىغان قېرىندىشىڭنى كەمسىتىسەن؟ ھەممىمىزنىڭ خۇدانىڭ ھۆكۈم تەختىنىڭ ئالدىدا ھېساب بېرىدىغانلىقىمىزنى بىلمەمسەن؟

Gade chapit la Kopi




رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 14:10
16 Referans Kwoze  

چۈنكى، ھەربىرىمىز ھازىرقى تېنىمىزدە ياشىغان ۋاقتىمىزدىكى ياخشى-يامان ئەمەلىيىتىمىزگە يارىشا چوقۇم قۇتقۇزغۇچى- مەسىھنىڭ سوراق تەختى ئالدىدا ھېساب بېرىپ جاۋابقا ئېرىشىمىز.


شۇنىڭ ئۈچۈن، رەببىمىز قايتىپ كەلمىگۈچە، باشقىلارنىڭ خىزمىتىگە باھا بەرمەڭلار. چۈنكى، ئۇ قايتىپ كەلگەندە، كىشىلەرنىڭ قاراڭغۇلۇق ئىچىدە يوشۇرۇنغان بارلىق ئىشلىرىنى يورۇقلۇققا چىقىرىدۇ ۋە ئىنسانلارنىڭ قەلبىدىكى مەقسەتلىرىنى ئاشكارىلايدۇ. ئۇ چاغدا، خۇدا ھەركىمنى ئۆزىگە تېگىشلىك ماختاشقا سازاۋەر قىلىدۇ.


ئادەمنىڭ قىلغان بارلىق ئىشلىرىغا، مەيلى ياخشى، ياكى يامان ئىشلىرى بولسۇن، ھەتتاكى يوشۇرۇن قىلغان ئىشلىرى بولسۇن، ھەممە ئىشلىرىغا خۇدا ھۆكۈم چىقىرىدۇ.


مەن يەتكۈزۈپ كېلىۋاتقان بۇ خۇش خەۋەر بويىچە، خۇدانىڭ ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ يوشۇرۇن ئىشلىرى ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىدىغان كۈنىدە، يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئىشلار چوقۇم يۈز بېرىدۇ.


شۇنداقلا، ئاتىسى ھېچكىمنى سوراققا تارتمايدۇ، بەلكى ئوغلى تارتىدۇ. چۈنكى، سوراققا تارتىشنىڭ پۈتۈن ھوقۇقىنى ئوغلىغا بەرگەندۇر.


ئۇ بىزنىڭ خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشىمىزنى، تىرىكلەر ۋە ئۆلگەنلەرنىڭ سوراقچىسى قىلىنىپ تەيىنلەنگەن كىشىنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىنى خەلققە جاكارلىشىمىزنى بۇيرۇدى.


مۇقەددەس يازمىلاردا ئۇ ھەققىدە مۇنداق يېزىلغان: «تامچىلار تاشلىۋەتكەن بۇ تاش قۇرۇلۇشنىڭ ئۇل تېشى بولۇپ قالدى.» ھەزرىتى ئەيسا دەل شۇ «تاش»~تۇر!


چۈنكى، ئۇ ئۆزى تاللىغان ئادەم ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيانى ئادىللىق بىلەن سوراق قىلىدىغان قىيامەت كۈنىنى بەلگىلىدى. خۇدانىڭ ئۇنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەنلىكى بۇ ئىشنىڭ مۇقەررەر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.


ھىرود خان ۋە ئۇنىڭ لەشكەرلىرى ھەزرىتى ئەيسانى ھاقارەتلەپ مەسخىرە قىلىشتى. ئاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا پادىشاھلارچە ھەشەمەتلىك تون كىيدۈرۈپ، ئۇنى يەنە پىلاتۇسنىڭ ئالدىغا قايتۇردى.


ئەي ياش، ياشلىقىڭنى خۇشال ئۆتكۈز! ياشلىقىڭنىڭ ھەربىر مىنۇتىدىن ھۇزۇرلان! كۆڭلۈڭ تارتقان، ئۆزۈڭ ياخشى كۆرگەن ئىشلارنى قىل. لېكىن ئېسىڭدە بولسۇنكى، خۇدا قىلغان ھەربىر ئىشلىرىڭغا ھۆكۈم چىقىرىدۇ.


- باشقىلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىپ يۈرمەڭلار. بولمىسا، سىلەرمۇ خۇدانىڭ ھۆكۈمىگە ئۇچرايسىلەر.


ھەزرىتى ئەيسا، ئۆزلىرىنى ئادالەتچى دەۋېلىپ، باشقىلارنى كۆزىگە ئىلمايدىغان كىشىلەرگە قارىتىپ، يەنە بىر تەمسىل ئېيتتى:


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite