Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 13:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

8 مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشتە ئۆزئارا بىر-بىرىڭلارغا قەرزدار بولغاندىن باشقا، ھېچكىمگە ھېچقانداق قەرزدار بولماڭلار. چۈنكى، باشقىلارنى سۆيگەن كىشى تەۋرات قانۇنىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بولىدۇ.

Gade chapit la Kopi




رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 13:8
12 Referans Kwoze  

باشقىلارنى سۆيگەن كىشى ئۇلارغا يامانلىق قىلمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، مېھىر-مۇھەببەت تەۋرات قانۇنىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.


چۈنكى، پۈتۈن تەۋرات قانۇنى «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆي» دېگەن ئەمرگە يىغىنچاقلانغان.


باشقىلارنىڭ ئۆزۈڭلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشىنى كۈتسەڭلار، سىلەرمۇ ئۇلارغا شۇنداق مۇئامىلە قىلىڭلار. تەۋرات قانۇنى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ تەلىماتلىرى مانا شۇ.


ھەركىمگە ئۆزىگە تېگىشلىك ھەققىنى تۆلەڭلار. غەللە-پاراق يىغقۇچىغا غەللە-پاراقنى، باج يىغقۇچىغا باجنى تاپشۇرۇڭلار، ھۆرمەت قىلىشقا تېگىشلىك بولغانلارنى ھۆرمەت قىلىڭلار، ئىززەتلەشكە تېگىشلىك بولغانلارنى ئىززەتلەڭلار.


مۇقەددەس يازمىلاردىكى «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆي» دېگەن ئەمرگە، يەنى خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ بۇ قانۇنىغا ھەقىقىي ئەمەل قىلساڭلار، ياخشى قىلغان بولىسىلەر.


ئەڭ مۇھىمى، مېھىر-مۇھەببەتلىك بولۇڭلار. چۈنكى، مېھىر-مۇھەببەت بىر-بىرىمىزنى باغلاپ، مۇكەممەل ئىناقلىققا باشلايدۇ.


ھازىر سىلەرگە يېڭى بىر ئەمر بېرىمەن. «بىر-بىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار. سىلەرنى سۆيگىنىمدەك، سىلەرمۇ بىر-بىرىڭلارنى سۆيۈڭلار.»


بىزنىڭ بۇنداق بۇيرۇق قىلىشىمىزدىن مەقسەت، پاك قەلب، ساپ ۋىجدان ۋە چىن ئېتىقادتىن كېلىپ چىققان مېھىر-مۇھەببەتنى باشقىلارغا كۆرسىتىشىڭلار ئۈچۈندۇر.


ھەققانىي يول تۇتمايدىغان ياكى قېرىندىشىغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتمەيدىغان كىشى خۇدانىڭ پەرزەنتى ئەمەستۇر. خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى بىلەن شەيتاننىڭ پەرزەنتلىرى مانا مۇشۇنىڭ بىلەن پەرقلىنىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite