Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 13:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 شۇنىڭ ئۈچۈن، ھۆكۈمەتكە قارشىلىق قىلغۇچىلار خۇدانىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قارشىلىق قىلغان بولىدۇ. بۇنداق قارشىلىق قىلغۇچىلار ھۆكۈمەت تەرىپىدىن جازاغا تارتىلىدۇ.

Gade chapit la Kopi




رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 13:2
14 Referans Kwoze  

رەببىمىزنى ھۆرمەتلەش ئۈچۈن، ئىنسانلار ئارىسىدىكى ھوقۇقدارلارغا، يەنى ئەڭ يۇقىرى مەنسەپتىكى پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى ۋالىيلارغا بويسۇنۇڭلار. بۇ ھوقۇقدارلار يامان ئىش قىلغۇچىلارنى جازاغا تارتىش، ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلىش ئۈچۈن تەيىنلەنگەن.


سەن ئېتىقادچىلارغا شۇنى ئەسلىتىپ تۇرغىنكى، ئۇلار ھۆكۈمەت ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا بويسۇنسۇن، ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ھەرقانداق ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا تەييار تۇرسۇن.


قېرىنداشلىرىم، ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىدە ھەممىڭلارلا تەلىم بەرگۈچى بولۇۋالماڭلار! سىلەرگە مەلۇمكى، خۇدا بىز تەلىم بەرگۈچىلەرنى باشقىلاردىن تېخىمۇ ئېغىر سوراققا تارتىدۇ.


شۇنىڭ ئۈچۈن، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا بويسۇنۇش كېرەك. بۇ، پەقەت جازالىنىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى خۇدا ئالدىدىمۇ ۋىجدانلىق بولۇش ئۈچۈندۇر.


ئۇلار تۇل ئاياللاردىن نەپ ئېلىپ، ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنى يەۋېلىپ، ئاندىن ئەتەي باشقىلار كۆرسۇن دەپ، ئۇزۇندىن-ئۇزۇن دۇئا قىلىدۇ. ئۇلار جەزمەن تېخىمۇ قاتتىق جازاغا تارتىلىدۇ!


ئۇلار تۇل ئاياللاردىن نەپ ئېلىپ، ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنى يەۋېلىپ، ئاندىن ئەتەي باشقىلار كۆرسۇن دەپ، ئۇزۇندىن-ئۇزۇن دۇئا قىلىدۇ. ئۇلار جەزمەن تېخىمۇ قاتتىق جازاغا تارتىلىدۇ!


ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي ساختىپەز تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر! سىلەر ئەرشنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ ئىشىكىنى ئىنسانلار ئۈچۈن تاقىدىڭلار! يا ئۆزۈڭلار كىرىشنى ئويلىمىدىڭلار، يا كىرىشنى ئىستىگەنلەرنىڭ كىرىشىگە يول قويمىدىڭلار.}


ئۇلار ھەر كۈنى مەندىن ئۆتۈنىدۇ، ‹سېنىڭ ئەمرلىرىڭنى ئۆگىنىمىز!› دەيدۇ. خۇددى توغرا يولدا ماڭغان خەلقتەك، مېنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىمدىن ئايرىلىپ باقمىغاندەك، ئۇلار مەندىن ئادالەتنىڭ ھۆكۈمىنى سورايدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنى ماڭا يېقىنلىشىشنى خالايدىغاندەك كۆرسىتىدۇ.


پەرۋەردىگار كەچتە سىلەرگە گۆش، ئەتىگەندە تويغۇدەك نان بېرىدۇ. چۈنكى ئۇ سىلەرنىڭ رەنجىگەنلىكىڭلارنى ئاڭلىدى. سىلەرنىڭ بىزدىن رەنجىگىنىڭلار ئەمەلىيەتتە پەرۋەردىگاردىن رەنجىگىنىڭلاردۇر! _ دېدى.


بۇنداق بولغاندا، بەلكىم ئاراڭلاردىن بەزىلەر ماڭا: «ھەممە ئىشنى خۇدا بەلگىلەيدىغان تۇرسا ھەمدە بىز ئۇنىڭ ئىرادىسىگە قارشى چىقالمايدىغان تۇرساق، خۇدا نېمە ئۈچۈن يەنە بىزنى ئەيىبلەيدۇ؟» دېيىشى مۇمكىن.


ھەممە ئادەم ھۆكۈمەتكە بويسۇنۇشى كېرەك. چۈنكى، ھەرقانداق ھاكىمىيەت خۇدادىن كەلگەن ھەم ھۆكۈمەتنى خۇدا ئۆزى تىكلىگەن.


توغرا يولدا ماڭغانلار ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىدىن قورقمايدۇ. لېكىن، يامان يولدا ماڭغانلار ئۇنىڭدىن قورقىدۇ. ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىدىن قورقۇشنى خالىمايمەن دېسەڭ، ئۇنداقتا توغرا يولدا ماڭ. ئۇ چاغدا، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولىسەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite