14 ئەيسا مەسىھنىڭ تەبىئىتىنى ئۆزۈڭلارغا ئۆزلەشتۈرۈڭلار. گۇناھكار تەبىئىتىڭلاردىكى ئارزۇ-ھەۋەسلەرنى قاندۇرۇشنى ئويلىماڭلار.
يېڭى تەبىئەتنى ئۆزۈڭلارغا ئۆزلەشتۈرۈڭلار. بۇ يېڭى تەبىئەت خۇدانىڭ تەبىئىتىگە ماس بولۇپ، ئۇ ھەققانىيلىق ۋە ھەققىقىي پاكلىقتا ئىپادىلىنىدۇ.
چۈنكى، سىلەر چۆمۈلدۈرۈلۈشنى قوبۇل قىلىپ ئەيسا مەسىھكە باغلانغىنىڭلاردا، ئۇنىڭ تەبىئىتىنى ئۆزۈڭلارغا ئۆزلەشتۈردۈڭلار.
قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، سىلەر بۇ دۇنياغا پەقەت مۇساپىر ۋە مېھمانسىلەر. شۇڭا سىلەردىن ئۆتۈنۈپ سورايمەنكى، ئۆزۈڭلارنى سىلەر بىلەن قارشىلىشىدىغان يامان ھەۋەسلەردىن تۇتۇۋېلىڭلار.
ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلار ئۆزىنىڭ گۇناھكار تەبىئىتى ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق يامان ھەۋەسلەرنى كرېستكە مىخلىغان بولىدۇ.
مەن ھەققانىيەتنى كىيىم قىلىپ كىيگەنىدىم. ئادالەت ماڭا يېپىنچا ۋە باش كىيىم بولغانىدى.
روشەنكى، كىشىلەر ئۆزلىرى ئىجاد قىلىۋالغان دىنلاردىكى مۇنداق تەقۋادارلىق، ساختا كەمتەرلىك ۋە ئۆز تېنىنى ئازابقا سالىدىغان قائىدە-يوسۇنلار دانالىقتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە گۇناھكار تەبىئىتىمىزدىكى ھەۋەسلەرنى چەكلەشتە ھېچقانداق پايدىسى يوقتۇر.