رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 12:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى7 خۇدانىڭ سىلەرگە بەرگەن قابىلىيىتى باشقىلارغا خىزمەت قىلىش بولسا، خىزمەت قىلىڭلار؛ خۇدا توغرىسىدا تەلىم بېرىش بولسا، تەلىم بېرىڭلار؛ Gade chapit la |
شۇڭا، خۇدا ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىدە باشتا ئەلچىلەرنى، ئىككىنچىسىگە خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزگۈچىلەرنى، ئۈچىنچىسىگە خۇدا توغرىسىدا تەلىم بەرگۈچىلەرنى، ئۇنىڭدىن كېيىن مۆجىزە كۆرسەتكۈچىلەرنى، كېسەللەرنى ساقايتىش قابىلىيىتىگە ئىگە بولغانلارنى، باشقىلارغا ياردەم بەرگۈچىلەرنى، باشقۇرۇش قابىلىيىتى بولغانلارنى ھەمدە ئۆزلىرىگە نامەلۇم بولغان تىللاردا سۆزلىيەلەيدىغانلارنى تەيىنلىدى.
قېرىنداشلار، مەن خۇلاسە قىلاي، سىلەر خۇداغا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولغىنىڭلاردا، بەزىلىرىڭلار مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتىسىلەر، بەزىلىرىڭلار تەلىم بېرىسىلەر، بەزىلىرىڭلار خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزىسىلەر، بەزىلىرىڭلار ئۆزۈڭلارغا نامەلۇم بولغان تىلدا سۆزلەيسىلەر، باشقىلار بولسا بۇ تىلنى چۈشەندۈرىدۇ. ھەممە ئىش جامائەتچىلىكنىڭ ئېتىقادىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن بولسۇن.