Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 12:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 شۇنىڭغا ئوخشاش، بىز ئېتىقادچىلار كۆپ بولساقمۇ، ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىمىز ئۈچۈن ھەممىمىز بىر تەن بولۇپ، بىر-بىرىمىزگە باغلىنىپ تۇرىمىز

Gade chapit la Kopi




رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 12:5
15 Referans Kwoze  

ئەمەلىيەتتە، ئەزا كۆپ بولسىمۇ، لېكىن پەقەت بىر تەننىلا تەشكىل قىلىدۇ.


بىز ئېتىقادچىلار كۆپ بولساقمۇ، ھەممىمىز بىرلا ناننى بۆلۈشۈپ يېگەنلىكىمىز ئۈچۈن، روھىي جەھەتتە بىر تەن بولىمىز.


شۇنىڭ ئۈچۈن، يالغانچىلىقنى تاشلاپ، بىر-بىرىڭلارغا راست گەپ قىلىڭلار. چۈنكى، ھەممىمىز بىر تەننىڭ ئەزالىرىمىز.


ئۇلارنىڭ ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ بېشى بولغان ئەيسا مەسىھ بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق. ئېتىقادچىلار ئەيسا مەسىھنىڭ باشقۇرۇشى ۋە پەرۋىشىدە خۇددى بەدەندىكى بوغۇم ۋە پەيلەر ئۆزئارا چىڭ تۇتاشقاندەك، ئۆزئارا بىرلىشىپ، خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە ئۆسۈپ يېتىلىدۇ.


بىز ئەيسا مەسىھنىڭ تېنىنىڭ ئەزالىرىمىز.


مەن ھازىر سىلەر ئۈچۈن ئازاب-ئوقۇبەت تارتىۋاتقىنىمغا خۇرسەنمەن. چۈنكى، خۇددى ئەيسا مەسىھ ئازاب-ئوقۇبەت تارتقانغا ئوخشاش، مەن ئۇنىڭ تېنى، يەنى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ئۈچۈن تارتىشقا تېگىشلىك بولغان ئازاب-ئوقۇبەتنىڭ بىر قىسمىنى ئۆز تېنىمدا تارتىۋاتىمەن.


ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ئەيسا مەسىھنىڭ تېنى بولۇپ، بۇ تەن ئۇ تەرىپىدىن تولۇقلىنىپ تۇرىدۇ. ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆزى پۈتكۈل كائىناتنىڭ ھەر جەھەتتىن تولۇقلىغۇچىسىدۇر.


ئۆزۈممۇ سىلەرگە دېگەنلىرىم بويىچە ئىش قىلىمەن. مەن ھەرقايسى جەھەتتىن ھەممە ئادەمنى خۇرسەن قىلىشقا تىرىشىمەن. چۈنكى، مەن ئۆز مەنپەئىتىم ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى كۆپچىلىكنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەيمەن.


بىزنىڭ تېنىمىز كۆپلىگەن ئەزالاردىن تەركىب تاپقان ھەمدە ھەربىر ئەزايىمىزنىڭ ئوخشاش بولمىغان رولى بار.


خۇددى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى بولغان ئەيسا مەسىھ ئۆز تېنىنىڭ، يەنى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ بېشى بولغىنىدەك، ئەرمۇ ئۆز ئايالىنىڭ بېشىدۇر.


مەن ئەمدى ئايرىلىش ئالدىدا تۇرىمەن. ئۇلارنى بۇ دۇنيادا قالدۇرۇپ، سېنىڭ يېنىڭغا كېتىۋاتىمەن. ئى مۇقەددەس ئاتا، ئۇلارنىڭ ساڭا بولغان سادىقلىقىنى ساقلىغىن. بىز ئىككىمىز بىر بولغاندەك، ئۇلارمۇ بىر بولسۇن.


بىزنىڭ تېنىمىزنىڭ ئەيسا مەسىھنىڭ تېنىنىڭ ئەزالىرى ئىكەنلىكىنى بىلمەمسىلەر؟ ئۇنداقتا، ئاراڭلاردا بىرى ئەيسا مەسىھنىڭ تېنىنىڭ ئەزاسى بولغان ئۆز تېنىنى، بىر پاھىشە ئايالنىڭ تېنى بىلەن بىرلەشتۈرسە بولامدۇ؟ ھەرگىز بولمايدۇ!


ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقىنى خۇدانىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا ۋە ئەيسا مەسىھنىڭ تېنى، يەنى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنى مۇستەھكەملەشكە تەربىيىلەشتىن ئىبارەت.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite