4 بىزنىڭ تېنىمىز كۆپلىگەن ئەزالاردىن تەركىب تاپقان ھەمدە ھەربىر ئەزايىمىزنىڭ ئوخشاش بولمىغان رولى بار.
دېمەك، ھەممىڭلار ئەيسا مەسىھنىڭ تېنىنى تەشكىل قىلغانسىلەر. ھەربىرىڭلار بۇ تەننىڭ ئوخشىمىغان ئايرىم-ئايرىم ئەزاسىسىلەر.
مۇقەددەس روھ ئاتا قىلغان ھەدىيىلەر خىلمۇخىلدۇر، لېكىن بۇ ھەدىيىلەرنى ئاتا قىلغۇچى مۇقەددەس روھ بىردۇر.
بىز ھەممىمىز بىر تەننىڭ ئەزالىرى، قەلبىمىزدىكى مۇقەددەس روھمۇ بىر. شۇنىڭغا ئوخشاش، خۇدا بىزنى چاقىرغاندا، بىزگە بەرگەن ئۈمىدمۇ بىردۇر.