رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 12:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى3 خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى ماڭا ئاتا قىلىنغانلىقى ئۈچۈن، ھەربىرىڭلارغا شۇنى ئېيتىمەنكى، ئۆزۈڭلارنى ئارتۇقچە باھالىماڭلار. ئەكسىچە، ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن خۇدا سىلەرگە بەرگەن ئېتىقاد جەھەتتىكى قابىلىيىتىڭلارغا قاراپ، ئۆزۈڭلارنى دەڭسەپ كۆرۈڭلار. Gade chapit la |
كىمگە خۇدا توغرىسىدا تەلىم بېرىش قابىلىيىتى ئاتا قىلىنغان بولسا، ئۇ خۇدانىڭ سۆزلىرىنى سۆزلىسۇن، كىمگە باشقىلارغا خىزمەت قىلىش قابىلىيىتى ئاتا قىلىنغان بولسا، ئۇ خۇدانىڭ بەرگەن كۈچ-قۇدرىتى بىلەن خىزمەت قىلسۇن. بۇنىڭ بىلەن، ھەممە ئىشتا خۇدا ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق مەدھىيىلىنىدۇ. بارلىق شان-شەرەپ ۋە كۈچ-قۇدرەت خۇداغا ئەبەدىلئەبەد مەنسۇپ بولغاي، ئامىن!
لېكىن، ھازىر ئەلچى بولۇشۇم خۇدانىڭ ماڭا كۆرسەتكەن مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق بولدى. ئۇنىڭ ماڭا قىلغان مېھىر-شەپقىتى بىكارغا كەتمىدى. چۈنكى، خۇدانىڭ خىزمىتىدە ئەلچىلەرنىڭ ھەممىسىدىن كۆپ ئەجىر سىڭدۈردۈم. ئەمەلىيەتتە، مەن ئۆز كۈچ-قابىلىيىتىم بىلەن ئەمەس، بەلكى ماڭا مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكەن خۇدانىڭ كۈچى بىلەن ئىشلىدىم.
قېرىنداشلار، ئۆزۈڭلارنى يەھۇدىيلاردىن ئۈستۈن تۇتۇشتىن ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، مۇنداق بىر سىردىن خەۋەرسىز قېلىشىڭلارنى خالىمايمەن. بۇ سىر بولسا: بىر قىسىم ئىسرائىللار خۇدا ئەۋەتكەن قۇتقۇزغۇچىنى ھازىرغىچە تەرسالىق بىلەن رەت قىلسىمۇ، بىراق بۇ ئەھۋال پەقەتلا قۇتقۇزۇلغان يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ سانى تولۇقلانغۇچە داۋاملىشىدۇ.