Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 12:14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

14 سىلەرگە زىيانكەشلىك قىلغۇچىلارغا بەخت تىلەڭلار. ئۇلارغا پەقەت بەخت تىلەڭلاركى، ئۇلارنى قارغىماڭلار.

Gade chapit la Kopi




رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 12:14
11 Referans Kwoze  

يامانلىققا يامانلىق، ئاھانەتكە ئاھانەت بىلەن ئەمەس؛ ئەكسىچە، بەخت تىلەش بىلەن جاۋاب قايتۇرۇڭلار. چۈنكى، خۇدا سىلەرنى باشقىلارغا بەخت تىلەشكە چاقىردى. بۇنداق قىلساڭلار، خۇدا سىلەرنىمۇ بەختلىك قىلىدۇ.


لېكىن شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، سىلەرگە دۈشمەنلىك قىلغانلارغىمۇ مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار، زىيانكەشلىك قىلغانلارغا دۇئا قىلىڭلار.


ھېچقايسىڭلار يامانلىققا يامانلىق قايتۇرماڭلار. ئەكسىچە، بىر-بىرىڭلارغا ۋە بارلىق كىشىلەرگە ھەمىشە ياخشىلىق قىلىشنى نىيەت قىلىڭلار.


دېمەك، يامانلىق ئالدىدا تىز پۈكمەڭلار، يامانلىقنى ياخشىلىق بىلەن يېڭىڭلار.


سىلەرنى قارغىغانلارغا بەخت تىلەڭلار. سىلەرگە يامان مۇئامىلىدە بولغانلارغىمۇ دۇئا قىلىڭلار.


دېمەك، بىر ئېغىزدىن ھەم مەدھىيە، ھەم لەنەت چىقىدۇ. قېرىنداشلىرىم، بۇنداق بولماسلىقى كېرەك!


ھەزرىتى ئەيسا: - ئى ئاتا، ئۇلارنى كەچۈرۈم قىلغىن، چۈنكى ئۇلار ئۆزىنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ، - دېدى. لەشكەرلەر چەك تاشلىشىپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ كىيىملىرىنى بۆلۈشۈۋالدى.


كېيىن، ئۇ تىزلىنىپ تۇرۇپ قاتتىق ئاۋاز بىلەن: - ئى رەببىم، بۇ گۇناھنى دەپ ئۇلارنى جازالىمىغايسەن، - دېدى. ئۇ بۇ سۆزنى قىلىپ بولۇپلا جان ئۈزدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite