Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 11:36 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

36 ھېچكىم! چۈنكى، پەرۋەردىگارىمىز بارلىق مەۋجۇداتنىڭ ياراتقۇچىسىدۇر، بارلىق مەۋجۇدات ئۇ ئارقىلىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن مەۋجۇتتۇر. بارلىق شان-شەرەپ ئەبەدىلئەبەد ئۇنىڭغا مەنسۇپ بولغاي، ئامىن!

Gade chapit la Kopi




رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 11:36
40 Referans Kwoze  

بىراق بىز ئۈچۈن پەقەتلا يېگانە خۇدا، يەنى ئەرشتىكى خۇدائاتىمىزلا باردۇر. ئۇ پۈتكۈل مەۋجۇداتنىڭ ياراتقۇچىسىدۇر، بىز ئۇنىڭ ئۈچۈن ياشايمىز. شۇنىڭغا ئوخشاش، بىز ئۈچۈن يېگانە بىر رەب، يەنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھ باردۇر. پۈتكۈل مەۋجۇدات ئۇ ئارقىلىق مەۋجۇتتۇر. بىزمۇ ئۇ ئارقىلىق يېڭى ھاياتقا ئىگە بولدۇق.


پۈتكۈل مەۋجۇداتنى ئۆزى ئۈچۈن ۋە ئۆزى ئارقىلىق ياراتقان خۇدا نۇرغۇن پەرزەنتلەرنى ئۆزىنىڭ شان-شەرىپىدىن بەھرىمەن قىلىش ئۈچۈن، ئۇلارنى قۇتقۇزۇلۇشقا ئېلىپ بارغۇچى ئەيسا مەسىھنى ئازاب-ئوقۇبەت ئارقىلىق كامالەتكە يەتكۈزۈشنى مۇۋاپىق كۆردى.


بارلىق ھۆرمەت ۋە شان-شەرەپ خۇداغا ئەبەدىلئەبەد مەنسۇپتۇر. ئۇ مەڭگۈلۈك پادىشاھ، يەنى ئۆلمەيدىغان ۋە كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان بىردىنبىر خۇدادۇر، ئامىن!


بارلىق شان-شەرەپ ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق دانا ۋە يېگانە خۇداغا ئەبەدىلئەبەد مەنسۇپ بولغاي، ئامىن!


بىز ئۇ ئارقىلىق ياشايمىز، ھەرىكەت قىلىمىز، مەۋجۇتمىز. ئاراڭلاردىكى بەزى شائىرلار يازغاندەك: «بىز خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى!»


ئۇ يەنە: «تامام بولدى. باش ۋە ئاخىر، مۇقەددەم ۋە تامام ئۆزۈمدۇرمەن. ئۇسسىغانلارغا ھاياتلىق سۈيىنىڭ بۇلىقىدىن ھەقسىز سۇ بېرىمەن.


بولمىسۇن بىزگە ئى پەرۋەردىگار، بولمىسۇن بىزگە، بولسۇن مەنسۇپ شان-شۆھرەت پەقەت ئۆزۈڭگە، چۈنكى مەڭگۈلۈك مۇھەببەت ۋە چەكسىز ساداقىتىڭنى كۆرسەتتىڭ بىزگە.


ئەكسىچە، ئېتىقادىڭلار رەببىمىز بولغان قۇتقۇزغۇچىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى ۋە ئۇنىڭغا بولغان تونۇشۇڭلار ئارقىلىق داۋاملىق ئۆسۈپ بارسۇن. بارلىق شان-شەرەپ رەببىمىزگە ئەبەدىلئەبەد مەنسۇپ بولغاي!


رەببىمىز مېنى ھەر خىل يامانلىقلاردىن قۇتقۇزۇپ، ئەرشتىكى ئۆز پادىشاھلىقىغا بىخەتەر يەتكۈزگەي. بارلىق شان-شەرەپ خۇداغا ئەبەدىلئەبەد مەنسۇپ بولغاي، ئامىن!


پەرۋەردىگار بارلىق مەۋجۇداتنى مەقسەتلىك ئورۇنلاشتۇرغاندۇر، ھەتتا يامانلارنى بالايىئاپەت كۈنىگە قالدۇرغاندۇر.


يارالدى ئاسمان پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقىدا، يۇلتۇزلار ئۇنىڭ نەپەس تىنىقىدا.


چۈنكى، ئايال ئەردىن يارىتىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئەرمۇ ئايالدىن تۇغۇلىدۇ. ھەر ئىككىلىسى پۈتكۈل مەۋجۇداتنى ياراتقان خۇدا تەرىپىدىن يارىتىلغان.


بارلىق كۈچ-قۇدرەت خۇداغا ئەبەدىلئەبەد مەنسۇپ بولغاي، ئامىن!


بارلىق شان-شەرەپ ئەبەدىلئەبەد خۇدائاتىمىزغا مەنسۇپ بولغاي، ئامىن!


بارلىق شان-شەرەپ ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ۋە ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇداغا ئەبەدىلئەبەد مەنسۇپ بولغاي، ئامىن!


بارلىق شان-شەرەپ خۇداغا ئەبەدىلئەبەد مەنسۇپ بولغاي، ئامىن!


شۇنىڭدىن كېيىن، ئەرشتە نۇرغۇن خالايىقنىڭ ۋارقىراشلىرىدەك بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم. ئۇلار: «ھەمدۇسانا! نىجاتلىق، ئۇلۇغلۇق ۋە قۇدرەت خۇدايىمىزغا مەنسۇپتۇر.


ئۇلار ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن: «نىجاتلىق تەختتە ئولتۇرغان خۇدايىمىزدىن ۋە قوزىدىن كېلىدۇ» دەپ ۋارقىرىشاتتى.


كىمگە خۇدا توغرىسىدا تەلىم بېرىش قابىلىيىتى ئاتا قىلىنغان بولسا، ئۇ خۇدانىڭ سۆزلىرىنى سۆزلىسۇن، كىمگە باشقىلارغا خىزمەت قىلىش قابىلىيىتى ئاتا قىلىنغان بولسا، ئۇ خۇدانىڭ بەرگەن كۈچ-قۇدرىتى بىلەن خىزمەت قىلسۇن. بۇنىڭ بىلەن، ھەممە ئىشتا خۇدا ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق مەدھىيىلىنىدۇ. بارلىق شان-شەرەپ ۋە كۈچ-قۇدرەت خۇداغا ئەبەدىلئەبەد مەنسۇپ بولغاي، ئامىن!


سىلەرنى سىلەر ئېھتىياج بولغان بارلىق ياخشى نەرسىلەر بىلەن تەمىنلەپ، ئۆز ئىرادىسىنىڭ ئىجراچىلىرى قىلغاي! ئەبەدىلئەبەد شان-شەرەپكە لايىق بولغان ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق سىلەرنى ئۆزىنى خۇرسەن قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىشقا يېتەكلىگەي، ئامىن!


«پەرۋەردىگارىمىزنىڭ نامىدا كەلگەن پادىشاھقا مۇبارەك بولسۇن! ئىنسان خۇدا بىلەن ياراشتۇرۇلغۇسى، ئەرشىئەلادىكى خۇداغا شان-شەرەپ بولسۇن!»


بەلگىلەنگەن مۇددەت توشقاندا، مەن نىبۇكادنەزەر كۆزۈمنى ئاسمانغا تىكتىم، كاللام سەگەكلەشتى. ئۇلۇغ خۇدانى مەدھىيەلەپ، مەڭگۈ ياشايدىغان خۇداغا شۈكۈر ئېيتتىم ۋە ئۇنى ئۇلۇغلىدىم: «ئۇ مەڭگۈلۈك ھۆكۈمراندۇر، ئۇنىڭ پادىشاھلىقى ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچىدۇر.


ئۇلار پەرۋەردىگارنى ئۇلۇغلىسۇن. دېڭىز بويىدا ياشاۋاتقان خەلقلەر مەدھىيەلەرنى ئوقۇسۇن.


«ئەرشىئەلادىكى خۇداغا شان-شەرەپلەر بولسۇن! ئۇنىڭ يەر يۈزىدە يېقىن كۆرگەن بەندىلىرىگە ئامانلىق بولسۇن!» دېيىشتى.


بىزنى ئازدۇرۇلۇشلاردىن ساقلاپ قالغايسەن. بىزنى يامانلىقتىن يىراق قىلغايسەن. »


نەقەدەر ئۇلۇغ ئۇنىڭ بېشارەتلىرى، نەقەدەر قۇدرەتلىك ئۇنىڭ كارامەتلىرى، مەڭگۈلۈكتۇر ئۇنىڭ پادىشاھلىقى ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە داۋاملىشار ھۆكۈمرانلىقى.


«ئامىن! مەدھىيە، شان-شەرەپ، دانالىق ۋە تەشەككۈر، ھۆرمەت ۋە كۈچ-قۇدرەت خۇدايىمىزغا مەڭگۈ مەنسۇپ بولسۇن. ئامىن!»


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite