34 «كىممۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئوي-پىكرىنى چۈشەنسۇن؟ كىممۇ ئۇنىڭ مەسلىھەتچىسى بولالىسۇن؟
كىم پەرۋەردىگارنىڭ ئويلىرىنى چۈشىنىپ يېتەلەيدۇ؟ كىم پەرۋەردىگارغا مەسلىھەت كۆرسىتەلەيدۇ؟
مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق يېزىلغان: «پەرۋەردىگارنىڭ ئوي-پىكىرلىرىنى كىم بىلەلىسۇن؟ ئۇنىڭغا كىم يول كۆرسىتەلىسۇن؟» لېكىن، بىز بولساق خۇدانىڭ ئوي-پىكىرلىرىنى چۈشىنەلەيمىز. چۈنكى، بىزنىڭ ئوي-پىكرىمىز ئەيسا مەسىھنىڭكىگە ئوخشاشتۇر.
خۇدانىڭ ھۇزۇرىدىكى يىغىلىشتا، ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغانمىدىڭ؟! ‹ئەقىل-پاراسەت يالغۇز مەندىلا بار› دەپ قالغانمىدىڭ؟!
قارا، خۇدا ئۆزىنىڭ كۈچ-قۇدرىتى بىلەن ئۇلۇغلىنىدۇ. كىممۇ ئۇنىڭدەك ئىنسانغا تەلىم بېرەلەيدۇ؟
ئۇلارنىڭ ئىچىدە كىممۇ سۆزلىرىمنى ئاڭلاش ئۈچۈن ھۇزۇرۇمدىكى يىغىلىشقا قاتنىشىپ باققان؟ ئۇلارنىڭ ئىچىدە كىممۇ سۆزلىرىمگە كۆڭۈل قويۇپ، قۇلاق سالغان؟
خۇدا ئەرشتىكى ئۇلۇغلارنىمۇ سوراققا تارتالايدىغان تۇرسا، كىممۇ ئۇنىڭغا بىلىم بېرەلىسۇن؟