Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 11:28 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

28 يەھۇدىيلار خۇش خەۋەرنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، خۇداغا دۈشمەن بولۇپ قالدى. بۇ، يەھۇدىي ئەمەس سىلەرگە كۆپ مەنپەئەت يەتكۈزدى. لېكىن، يەھۇدىيلار خۇدانىڭ تاللىغان خەلقىدۇر. خۇدا ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى بىلەن ئەھدە تۈزگەنلىكتىن، يەنىلا ئۇلارنى سۆيىدۇ.

Gade chapit la Kopi




رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 11:28
24 Referans Kwoze  

لېكىن پەرۋەردىگار ئەجدادلىرىڭلارغا ئۆزىنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىنى كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان سىلەرنى پۈتكۈل ئەللەر ئىچىدىن تاللىدى. ئەھۋال مانا بۈگۈن سىلەر كۆرۈپ تۇرغاندەكتۇر.


نەتىجىدە قانداق بولدى؟ ئىسرائىللار ئىزدىگىنىگە، يەنى قۇتقۇزۇلۇشقا ئېرىشەلمىدى. پەقەت تاللانغانلارنىڭ ئاز بىر قىسمىلا ئۇنىڭغا ئېرىشتى. قالغانلار بولسا قەلبلىرى بىخۇدلاشتۇرۇلۇپ، خۇدانىڭ چاقىرىقىغا قۇلاق سالمىدى.


ئۇلار ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلارنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر. ئەيسا مەسىھمۇ ئۇلارنىڭ ئەۋلادى بولۇپ، بۇ دۇنياغا ئىنسان تېنىدە كەلدى. ئۇ بارلىق مەۋجۇدات ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرىدىغان، مەڭگۈ مەدھىيىلىنىدىغان خۇدادۇر، ئامىن!


بىلىپ قويۇڭلاركى، سىلەر شۇ سەۋەبتىن خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدىن مەھرۇم قىلىنىسىلەر، خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە ياشايدىغان كىشىلەر ئۇنىڭغا ئىگە بولىدۇ.


ئۇنداقتا، شۇنى سورايكى: ئىسرائىللار پۇتلىشىپ شۇ يىقىلغىنىچە پۈتۈنلەي گۇمران بولدىمۇ؟ ياق، ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس! لېكىن، ئىسرائىللار ئىتائەتسىزلىك قىلغانلىقتىن، خۇدا يەھۇدىي ئەمەسلەرنى نىجاتلىققا ئېرىشتۈردى. بۇنىڭدىن مەقسەت، ئىسرائىللارنىڭ ئۇلارغا بولغان ھەسەتخورلۇقىنى قوزغاشتۇر.


سەن قەدىمدە ئەجدادلىرىمىزغا ۋەدە قىلغىنىڭدەك، ياقۇپ ئەۋلادلىرىغا ئىشەنچىڭنى كۆرسىتىسەن، ئىبراھىم ئەۋلادلىرىغا مېھىر-مۇھەببەت بېغىشلايسەن.


ئۇزۇن يىللار ئىلگىرى، مەن پەرۋەردىگار ئەجدادلىرىڭلارغا ئايان بولۇپ، ئۇلارغا: ‹مەن سىلەرنى مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىم بىلەن سۆيىمەن، سىلەرنى مېھىر-شەپقىتىم بىلەن ماڭا يېقىنلاشتۇرىمەن› دېگەنىدىم.


سىلەرنىڭ ئۇلارنىڭ زېمىنىنى ئىگىلىشىڭلار ئىش-ئەمەللىرىڭلارنىڭ ھەققانىي، دۇرۇس بولغانلىقى سەۋەبىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ رەزىل بولغانلىقى سەۋەبىدىندۇر. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئۇلارنى كۆز ئالدىڭلاردا زېمىنىدىن قوغلىۋېتىشى پەرۋەردىگارنىڭ ئەجدادلىرىڭلار بولغان ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلارغا بەرگەن ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى سەۋەبىدىندۇر.


ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، سىلەرنىڭ بايلىق تېپىش ئىقتىدارلىقىڭلارنى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا بەرگەندۇر. ئۇ ئەجدادلىرىڭلار بىلەن قەسەم قىلىپ تۈزگەن ئەھدىسىدە چىڭ تۇرغاچقىلا، سىلەر بۈگۈنكى كۈنگە ئېرىشتىڭلار.


چۈنكى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا رەھىمدىل خۇدادۇر. ئۇ سىلەرنى تاشلىۋەتمەيدۇ، ھالاك قىلمايدۇ ھەم ئەجدادلىرىڭلار بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ.


يەھۇدىي ئەمەس سىلەر بىر چاغلاردا خۇداغا ئىتائەت قىلمايتتىڭلار. لېكىن، يەھۇدىيلار خۇداغا ئىتائەتسىزلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن، سىلەر ھازىر خۇدانىڭ رەھىم-شەپقىتىگە ئېرىشتىڭلار.


بىز بۇرۇن خۇداغا دۈشمەن ئىدۇق. بىراق، خۇدا ئۆز ئوغلىنىڭ قۇربان قىلىنىشى ئارقىلىق بىزنى ئۆزى بىلەن ياراشتۇردى. بىز خۇدا بىلەن يارىشىۋالغانىكەنمىز، ئۇنداقتا ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلگەن ھاياتى ئارقىلىق خۇدانىڭ جازاسىدىن چوقۇم قۇتۇلدۇرۇلىمىز.


لېكىن، ئۇلار ئۇنىڭغا قارشى چىقتى ۋە ئۇنى ھاقارەتلىدى. بۇنىڭ بىلەن پاۋلۇس پېشىنى قېقىپ، ئۇلارغا: - ئەگەر سىلەر قۇتقۇزۇلمىساڭلار، مەن جاۋابكار ئەمەس، ئۆزۈڭلار جاۋابكار. بۈگۈندىن باشلاپ، مەن خۇش خەۋەرنى سىلەرگە ئەمەس، يەھۇدىي ئەمەسلەرگە يەتكۈزىمەن، - دېدى.


بىراق، ئىشەنمىگەن يەھۇدىيلار باشقا يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئىدىيىسىنى زەھەرلەپ، ئۇلارنى ئېتىقادچىلارغا قارشى تۇرۇشقا قۇتراتتى.


قىلغان ۋەدىسىنى ئېسىدە تۇتۇپ، بىز ئىسرائىللارغا رەھىم قىلدى.


ئۇلارنىڭ سانى قۇملاردەك كۆپ بولىدۇ، ئۇلار شەرققە غەربكە، جەنۇبقا ۋە شىمالغا تارقىلىپ، پۈتۈن زېمىننى قاپلايدۇ. يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل ئەللەر سەن ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ ئارقىلىق بەخت تاپىدۇ.


مەن سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭنى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك كۆپ قىلىمەن ھەمدە ئۇلارغا بۇ يەرلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاتا قىلىمەن. يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل خەلقلەر سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ ئارقىلىق بەختكە ئېرىشىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite