Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 11:17 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

17 خۇددى ياۋا زەيتۇن دەرىخىنىڭ شاخلىرى باغدىكى شاخلىرى سۇندۇرۇۋېتىلگەن زەيتۇن دەرىخىگە ئۇلانغانغا ئوخشاش، يەھۇدىي ئەمەس سىلەرمۇ سۇندۇرۇۋېتىلگەن ئاشۇ شاخلارنىڭ، يەنى يەھۇدىيلارنىڭ ئورنىغا ئېتىقادىڭلار ئارقىلىق ئۇلاندىڭلار. دېمەك، سىلەر بۇ دەرەخنىڭ يىلتىزىدىن ئوزۇقلۇق ئېلىپ، شىرنىسىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقاندەك، خۇدا ئىبراھىمغا ۋەدە قىلغان بەختتىن بەھرىمەن بولۇۋاتىسىلەر.

Gade chapit la Kopi




رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 11:17
22 Referans Kwoze  

بۇ سىر يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭمۇ بۇ خۇش خەۋەرگە ئىشىنىش ئارقىلىق يەھۇدىيلار بىلەن بىللە خۇدا ئاتا قىلىدىغان ھەقىقىي بايلىققا مىراسخور بولۇشىنى، شۇنداقلا، ئۇلارنىڭ يەھۇدىيلار بىلەن بىرلىكتە بىر تەننىڭ ئەزالىرى بولۇپ، خۇدانىڭ ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق بەرگەن قۇتقۇزۇلۇش توغرىسىدىكى ۋەدىسىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.


مەن پەرۋەردىگار بۇرۇن ئۇلارنى «ياخشى مېۋە بېرىدىغان بۈك-باراقسان زەيتۇن دەرىخى» دەپ ئاتىغانىدىم، لېكىن ھازىر مەن ئۇلارنى دەھشەتلىك ئوتتا كۆيدۈرۈپ، شاخلىرىنى قۇرۇتۇپ تاشلايمەن.


باغۋەن مەندىكى مېۋە بەرمەيدىغان ھەربىر شاخنى كېسىپ تاشلايدۇ. مېۋە بەرگەنلىرىنى بولسا تېخىمۇ كۆپ مېۋە بەرسۇن دەپ، پۇتاپ تۇرىدۇ.


بىلىپ قويۇڭلاركى، سىلەر شۇ سەۋەبتىن خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدىن مەھرۇم قىلىنىسىلەر، خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە ياشايدىغان كىشىلەر ئۇنىڭغا ئىگە بولىدۇ.


مەن خۇددى باراقسان ئۆسكەن زەيتۇن دەرىخىمەن، خۇدانىڭ ئۆيىدە مۇستەھكەم گۈللىنىپ ئۆسىمەن، ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىگە مەڭگۈ ئىشىنىمەن.


سىلەر بۇرۇن گۇناھ ئىچىدە ياشىغانلىقىڭلار ۋە گۇناھكار تەبىئىتىڭلارنىڭ ئىلكىدىن قۇتۇلمىغانلىقىڭلار ئۈچۈن، روھىي جەھەتتە ئۆلۈك ئىدىڭلار. بىراق، خۇدا سىلەرنى ئەيسا مەسىھكە باغلاپ، يېڭى ھاياتقا ئېرىشتۈردى ۋە پۈتۈن گۇناھلىرىڭلارنى كەچۈرۈم قىلدى.


بۇ ۋەدىگە سىلەر ۋە سىلەرنىڭ ئەۋلادلىرىڭلار ھەمدە دۇنيانىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدا ياشاۋاتقانلارمۇ ئېرىشەلەيدۇ. چۈنكى، رەببىمىز خۇدا ئۆزى چاقىرغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە ئۆزىنىڭ روھىنى ئاتا قىلىدۇ.


شاخ-شۇمبىلار سۇنۇپ، قۇرۇپ قاقشال بولغاندا، ئاياللار تېرىپ ئەكېلىپ ئوتۇن قىلىدۇ. بۇ خەلق ھېچنېمىنى چۈشەنمەيدۇ، شۇڭا ياراتقۇچى ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىپ ئولتۇرمايدۇ، ئۇلارنى ئاپىرىدە قىلغۇچى ئۇلارغا شاپائەت قىلمايدۇ.


دۇنيانىڭ رەببى ئالدىدا تۇرغان ئىككى تۈپ زەيتۇن دەرىخى ۋە ئىككى چىراغدان مانا شۇ گۇۋاھچىلاردۇر.


مەندە بولمىغان كىشى كېرەكسىز شاخلارغا ئوخشاش تاشلىۋېتىلىپ، قۇرۇپ كېتىدۇ. بۇنداق شاخلار يىغىپ ئوتقا تاشلىنىدۇ.


چىراغداننىڭ يېنىدا يەنە ئىككى تۈپ زەيتۇن دەرىخى بار ئىدى. ئۇلار قاچىنىڭ ئوڭ ۋە سول تەرەپلىرىدە ئىدى، _ دېدىم ۋە


كېمىچىلەر بۇ ۋەقەنى كۆرۈپ، پەرۋەردىگاردىن قاتتىق قورقۇشتى. ئۇلار پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىپ، قىلغان قەسەملىرىنى ئادا قىلىشتى.


بۇ زېمىندا خەلقنىڭ ئوندىن بىرى قالسىمۇ، زېمىن يەنىلا ۋەيران قىلىنىدۇ. لېكىن خۇددى پىستە ۋە دۇپ دەرەخلىرى كېسىلىپ، كۆتىكى قالسىمۇ يەنە كۆكلىگەندەك، ئۇلارمۇ كۆكلەيدۇ. مۇقەددەس ئۇرۇق _ شۇ كۆتەكتۇر.»


ئۇ يەر بۇغداي، ئارپا، ئۈزۈم، ئەنجۈر، ئانار، زەيتۇن ۋە ھەسەلگە بايدۇر.


بىز ئىككىمىز تۇغۇلۇشىمىزدىنلا يەھۇدىيمىز، گۇناھكار دەپ قارالغان يەھۇدىي ئەمەسلەردىن ئەمەسمىز.


ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا مۇنداق دېدى: - ھەقىقىي «ئۈزۈم تېلى» ئۆزۈمدۇرمەن، ئاتام خۇدا بولسا باغۋەندۇر.


يەھۇدىي ئەمەس سىلەر ياۋا زەيتۇن دەرىخىدىن كېسىپ ئېلىنىپ، قانۇنىيەتكە خىلاپ ھالدا تۈجۈپىلەپ ئۆستۈرۈلگەن زەيتۇن دەرىخىگە ئۇلانغان يەردە، ئەسلىدىكى شاخلارنىڭ ئۆز دەرىخىگە ئۇلىنىشى تېخىمۇ ئاسان ئەمەسمۇ؟


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite