Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 11:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

12 دېمەك، ئىسرائىللارنىڭ گۇناھى، يەنى ئۇلارنىڭ ئەيسا مەسىھنى رەت قىلغانلىقى يەھۇدىي ئەمەسلەرگە بەخت ئېلىپ كەلگەنىكەن، ئۇنداقتا خۇدا تاللىغان بارلىق ئىسرائىللار قۇتقۇزۇلۇشقا ئېرىشكەندە، دۇنياغا تېخىمۇ چوڭ بەخت ئېلىپ كەلمەمدۇ؟

Gade chapit la Kopi




رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 11:12
15 Referans Kwoze  

قېرىنداشلار، ئۆزۈڭلارنى يەھۇدىيلاردىن ئۈستۈن تۇتۇشتىن ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، مۇنداق بىر سىردىن خەۋەرسىز قېلىشىڭلارنى خالىمايمەن. بۇ سىر بولسا: بىر قىسىم ئىسرائىللار خۇدا ئەۋەتكەن قۇتقۇزغۇچىنى ھازىرغىچە تەرسالىق بىلەن رەت قىلسىمۇ، بىراق بۇ ئەھۋال پەقەتلا قۇتقۇزۇلغان يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ سانى تولۇقلانغۇچە داۋاملىشىدۇ.


خۇدا بۇ سىرنىڭ سىلەر يەھۇدىي ئەمەسلەرگىمۇ ھەقىقىي ئۇلۇغلۇق ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئۆز مۇقەددەس خەلقىگە بىلدۈرۈشتىن سۆيۈندى. بۇ سىر دەل ئەيسا مەسىھنىڭ قەلبىڭلاردا ئىكەنلىكىدۇر. بۇ سىلەر ئۈمىد قىلغان ئۇلۇغلۇققا كەلگۈسىدە ئېرىشىشىڭلارنىڭ كاپالىتىدۇر.


چۈنكى، ئۇلارنىڭ رەت قىلىنىشى ئارقىلىق دۇنيادىكى باشقا مىللەتلەر خۇدا بىلەن ياراشتۇرۇلغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىپ، خۇدا تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشى ئۆلۈمدىن تىرىلگەنلىك بولماي نېمە؟


مەن خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقى ئىچىدىكى ئەڭ ئەرزىمەس بىرى بولساممۇ، خۇدا ماڭا مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، مېنى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئېرىشىدىغان ۋە ئىنسانلار تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان ھەقىقىي بايلىقنى يەھۇدىي ئەمەسلەرگە يەتكۈزۈپ بېرىشكە تاللىدى.


خۇدانىڭ مەقسىتى ئۆزىنىڭ رەھىم-شەپقىتىنىڭ نىشانى بولغان بىزلەرگە ئۆزىنىڭ يۈكسەك ئۇلۇغلۇقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈندۇر. چۈنكى، بىز بۇ ئۇلۇغلۇققا ئېرىشىشكە ئالدىن تاللانغان.


ياقۇپنىڭ ھايات قالغان ئەۋلادلىرى نۇرغۇن ئەللەر ئارىسىدا خۇددى پەرۋەردىگار چۈشۈرگەن شەبنەمگە، ئوت-چۆپلەرگە ياغقان يامغۇرغا ئوخشايدۇ. ئۇلار ھېچكىمگە تايانمايدۇ، ھېچكىمنى كۈتمەيدۇ.


شۇ چاغدا پەرۋەردىگار قولىنى ئىككىنچى قېتىم كۆتۈرۈپ، قېلىپ قالغان بۇ ئاز بىر قىسىم خەلقنى قۇتقۇزىدۇ، يەنى ئۇلارنى ئاسسۇرىيەدىن، مىسىردىن، پاتروستىن، ئېفىيوپىيەدىن، ئېلامدىن، بابىلدىن، خاماتتىن ۋە ئوتتۇرا دېڭىز قىرغاقلىرىدىن قايتۇرۇپ كېلىدۇ.


ئۇ كۈنلەردە نۇرغۇنلىغان خەلقلەر مەن پەرۋەردىگارغا باغلىنىپ، مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ. مەن ئۆزۈم سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ياشايمەن. ئەنە شۇ چاغدا، مەنكى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ زىكىرىيانى سىلەرگە ئەۋەتكەنلىكىمنى بىلىسىلەر.


ئاھ! خۇدانىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە ئىلىم-ھېكمىتى نېمىدېگەن مول، نېمىدېگەن چوڭقۇر-ھە! ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىنى كىممۇ چۈشىنەلىسۇن؟ ئۇنىڭ يوللىرىنى كىممۇ ئويلاپ يېتەلىسۇن؟ مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك:


خۇدا بۇرۇنقى زامانلاردا مۇقەددەس پەيغەمبەرلىرى ئارقىلىق جاكارلىغىنىدەك، ھەممە مەۋجۇداتلار يېڭىلىنىدىغان ۋاقىت كەلمىگۈچە، ھەزرىتى ئەيسا ئەرشتە تۇرىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite