Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 11:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 ئۇنداقتا، شۇنى سورايكى: ئىسرائىللار پۇتلىشىپ شۇ يىقىلغىنىچە پۈتۈنلەي گۇمران بولدىمۇ؟ ياق، ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس! لېكىن، ئىسرائىللار ئىتائەتسىزلىك قىلغانلىقتىن، خۇدا يەھۇدىي ئەمەسلەرنى نىجاتلىققا ئېرىشتۈردى. بۇنىڭدىن مەقسەت، ئىسرائىللارنىڭ ئۇلارغا بولغان ھەسەتخورلۇقىنى قوزغاشتۇر.

Gade chapit la Kopi




رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 11:11
14 Referans Kwoze  

يەھۇدىيلار بولسا ئىتائەت قىلماي كېلىۋاتىدۇ. لېكىن شۇنداق نەتىجە بولىدۇكى، خۇدا سىلەرگە رەھىم-شەپقەت كۆرسەتكەندەك، يەھۇدىيلارغىمۇ رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىدۇ.


دېمەك، ئىسرائىللارنىڭ گۇناھى، يەنى ئۇلارنىڭ ئەيسا مەسىھنى رەت قىلغانلىقى يەھۇدىي ئەمەسلەرگە بەخت ئېلىپ كەلگەنىكەن، ئۇنداقتا خۇدا تاللىغان بارلىق ئىسرائىللار قۇتقۇزۇلۇشقا ئېرىشكەندە، دۇنياغا تېخىمۇ چوڭ بەخت ئېلىپ كەلمەمدۇ؟


سىلەردىن يەنە شۇنى سورايمەنكى، ئىسرائىللار خۇش خەۋەرنى چۈشەنمىگەندىمۇ؟ باشقا خەلقلەر چۈشەنگەن يەردە، ئۇلار چوقۇم چۈشەندى. چۈنكى، خۇدا مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئاللىبۇرۇن مۇنداق ئېيتقان: «ئۆز خەلقىم بولمىغان بىر خەلق ئارقىلىق سىلەر ئىسرائىللاردا ھەسەت قوزغايمەن، سىلەر ئەقىلسىز دەپ قارايدىغان خەلق ئارقىلىق غەزىپىڭلارنى قوزغايمەن.»


بۇنىڭ بىلەن، بەلكىم خۇش خەۋەرنى رەت قىلغان جانجىگەرلىرىم ئىسرائىللارنىڭ ھەسەت ئوتلىرىنى قوزغاپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى قۇتقۇزۇلۇش يولىغا باشلىيالارمەن.


لېكىن، ئۇلار ئۇنىڭغا قارشى چىقتى ۋە ئۇنى ھاقارەتلىدى. بۇنىڭ بىلەن پاۋلۇس پېشىنى قېقىپ، ئۇلارغا: - ئەگەر سىلەر قۇتقۇزۇلمىساڭلار، مەن جاۋابكار ئەمەس، ئۆزۈڭلار جاۋابكار. بۈگۈندىن باشلاپ، مەن خۇش خەۋەرنى سىلەرگە ئەمەس، يەھۇدىي ئەمەسلەرگە يەتكۈزىمەن، - دېدى.


مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار شۇنداق سورايمەنكى، ئەجەبا، رەزىللەر ئۆلسە، مەن خۇرسەن بولارمەنمۇ؟ ئۇلارنىڭ گۇناھلىق يوللىرىدىن يېنىپ، ھايات قېلىشىنى خالىمايمەنمۇ؟


ئۇنداقتا، شۇنى سورىماقچىمەن: خۇدا ئۆز خەلقى ئىسرائىللاردىن ۋاز كەچتىمۇ؟ ياق، ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس! مەنمۇ ئىبراھىم ئەۋلادىدىن، يەنى بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان بىر ئىسرائىلغۇ!


مەن ھەرقانداق ئادەمنىڭ ھالاك بولۇشىدىن خۇرسەنلىك ھېس قىلمايمەن. توۋا قىلىڭلار، ھايات قالىسىلەر. بۇ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.


پاۋلۇس بىلەن بارنابا ئىبادەتخانىدىن چىقىۋاتقاندا، جامائەت ئۇلارنى كېلەركى دەم ئېلىش كۈنى بۇ ئىشلار ھەققىدە يەنە تەلىم بېرىشكە تەكلىپ قىلدى.


مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇقۇم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، رەزىللەرنىڭ ھالاكىتىدىن خۇرسەن بولمايمەن، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ يامان يوللىرىدىن يېنىپ، ھايات قېلىشىنى خالايمەن. ئەي ئىسرائىل خەلقى، يېنىڭلار، يامان يوللىرىڭلاردىن يېنىڭلار! نېمىشقا ئۆزۈڭلارنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىسىلەر؟


جەزمەن ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ، ئۈزۈمزارلىقىنى باشقىلارغا ئىجارىگە بېرىدۇ. كۆپچىلىك بۇنى ئاڭلاپ: - بۇنداق ئىشلار ھەرگىز يۈز بەرمىسۇن! - دېيىشتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite