Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 10:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6-7 لېكىن، ئېتىقاد ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىشقا نىسبەتەن مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق دېيىلگەن: «ئۆز-ئۆزۈڭلاردىن: ˜ئاسمانغا كىم چىقىدۇ؟Œ (يەنى ئەيسا مەسىھنى ئېلىپ چۈشۈش ئۈچۈن) ياكى بولمىسا ˜گۆرگە كىم چۈشىدۇ؟Œ (يەنى ئەيسا مەسىھنى ئۆلۈكلەر ئارىسىدىن ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن)» دەپ سوراپ يۈرمەڭلار.

Gade chapit la Kopi




رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 10:6
15 Referans Kwoze  

كىم ئەرشكە چىققان ھەم ئەرشتىن چۈشكەن؟ كىم شامالنى قوللىرىدا تۇتقان؟ كىم سۇلارنى تونىغا يۆگىگەن؟ كىم يەر-زېمىننىڭ چېگرىسىنى بەلگىلىگەن؟ ئۇنىڭ ئىسمى نېمە؟ ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ ئىسمىچۇ؟ بىلمەمسەن؟


مانا بۇ ئەرشتىن چۈشكەن «نان»~دۇر. ئەجدادلىرىڭلار «ماننا» دەپ ئاتالغان ناننى يېگەن بولسىمۇ، ئۆلدى، بىراق بۇ ناننى يېگەنلەر بولسا مەڭگۈ ياشايدۇ!


خۇدا ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا ئۇلارنىڭ بۇ دۇنياغا ۋارىسلىق قىلىدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەنىدى. بۇ، ئۇلارنىڭ تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ خۇداغا ئېتىقاد قىلىپ، ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلانغانلىقىدىن بولغان.


خۇدا ئادەملەرنى ئۇلارنىڭ ئەيسا مەسىھكە بولغان ئېتىقادى ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلايدۇ. خۇدا ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغان ھەممە ئادەمگە شۇنداق مۇئامىلە قىلىدۇ، بۇ يەردە ئايرىمىچىلىق يوقتۇر.


ئېتىقادى ۋەجىدىن، نۇھ پەيغەمبەر تېخى كۆرۈلۈپ باقىمغان ۋەقەلەر ھەققىدە خۇدا تەرىپىدىن ئاگاھلاندۇرۇلغاندا، خۇدانىڭ سۆزىگە ئىتائەت قىلىپ، پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بىر كېمە ياسىدى. ھەمدە ئېتىقادى ئارقىلىق دۇنيادىكى ئادەملەرنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ جازالىنىشقا لايىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئېتىقادى ۋەجىدىن، ئۇ خۇدا تەرىپىدىن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلاندى.


ئۇ ئاتىسى خۇدانىڭ ئۇلۇغلۇقىدىن پارلىغان نۇر، ئاتىسىنىڭ تەبىئىتىنىڭ ھەقىقىي ئوبرازىدۇر. ئۇ ئۆز سۆزىنىڭ قۇدرىتى بىلەن پۈتكۈل كائىناتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئۇ ئۆزىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرىدىن پاكلىنىش يولىنى ئېچىپ بەرگەندىن كېيىن، ئەرشتىكى خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇردى.


خۇدا ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن، ئۇلارنى جازالاشنىڭ ئورنىغا، ئەيسا مەسىھنى قۇربان بولۇشقا ئەۋەتىپ بەردى. ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستتە ئاققۇزغان قېنى ئارقىلىقلا، خۇدا ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغانلارنى ئۆزى بىلەن ياراشتۇردى. خۇدا ئەيسا مەسىھنى قۇربان بولۇشقا ئەۋەتىش بىلەن، ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى زاماندىكى كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرىغا سەۋر-تاقەتلىك بولۇپ، ئۇلارنى دەرھال جازالىمىغانلىقىنىڭ ئادىللىق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. چۈنكى، ئەيسا مەسىھ ئۇلارنىڭمۇ گۇناھلىرى ئۈچۈن قۇربان بولدى.


چۈنكى، مەن ئۆز ئىرادەمنى ئەمەس، مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەرشتىن چۈشتۈم.


بۇ نان ئەرشتىن چۈشكەندۇر ۋە پۈتۈن دۇنياغا ھاياتلىق بەرگۈچىدۇر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite