Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 10:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىشقا نىسبەتەن مۇسا پەيغەمبەر مۇنداق يازغان: «قانۇنغا بويسۇنغانلار ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە تولۇق ئەمەل قىلىش بىلەن ھاياتلىق تاپالايدۇ.»

Gade chapit la Kopi




رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 10:5
11 Referans Kwoze  

سىلەر مەن بۇيرۇغان قانۇن-نىزاملارغا ئەمەل قىلساڭلار، ھايات قالىسىلەر. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.


سەن ئۇلارنى قايتىدىن قانۇنۇڭغا بويسۇنۇشقا دەۋەت قىلدىڭ. لېكىن ئۇلار تەكەببۇرلۇق قىلىپ، ئەمرلىرىڭگە قۇلاق سالمىدى، بەلگىلىمىلىرىڭگە رىئايە قىلمىدى. ئەگەر ئۇلار شۇنداق قىلغان بولسا ئىدى، ھايات يولىنى تاپقان بولاتتى. ئۇلار تەرسالىق بىلەن بوينىنى قاتتىق قىلىپ، ساڭا ئىتائەت قىلىشنى رەت قىلدى.


لېكىن ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىمۇ ماڭا ئاسىيلىق قىلدى. قانۇنلىرىمغا رىئايە قىلمىدى، بەلگىلىمىلىرىمگە بويسۇنمىدى. (ئۇلارغا ئەمەل قىلغۇچى ھايات قالىدۇ.) مەن بېكىتكەن دەم ئېلىش كۈنىنىمۇ بۇلغىدى. شۇڭا مەن چۆللۈكتە ئۇلارغا غەزىپىمنى ياغدۇرۇپ، ئاچچىقىمنى چىقارماقچى بولدۇم.


لېكىن ئىسرائىل خەلقى چۆللۈكتە ماڭا ئاسىيلىق قىلدى. ئۇلار قانۇنلىرىمغا ئەمەل قىلمىدى، بەلگىلىمىلىرىمنى رەت قىلدى، (ئۇلارغا ئەمەل قىلغۇچى ھايات قالىدۇ.) مەن بېكىتكەن دەم ئېلىش كۈنىنىمۇ بۇلغىدى. شۇڭا مەن چۆللۈكتە ئۇلارغا غەزىپىمنى ياغدۇرۇپ، ئۇلارنى يوقاتماقچى بولدۇم.


ئۇ يەردە مەن ئۇلارغا مېنىڭ قانۇن ۋە بەلگىلىمىلىرىمنى ئېلان قىلدىم. كىمكى بۇلارغا رىئايە قىلسا، ھايات قالىدۇ.


بۇ ئېتىقاد يولى تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش يولى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش يولى خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا: «تەۋرات قانۇنىنىڭ ئەمرلىرىگە تولۇق ئەمەل قىلغانلار شۇ قانۇنغا تايىنىپ ھاياتلىققا ئېرىشىدۇ.» دەپ يېزىلغىنىغا ئوخشاشتۇر.


_ ئەي ئىسرائىللار، مەن سىلەرگە ئۆگەتمەكچى بولغان قانۇن-نىزاملارغا قۇلاق سېلىڭلار، ئۇلارغا ئەمەل قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار ھايات قالىسىلەر، ئەجدادلىرىڭلار ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە ئاتا قىلغان زېمىنغا كىرىپ، ئۇ يەرگە ئىگە بولالايسىلەر.


گېپىمگە قۇلاق سېلىپ، يېنىمغا كېلىڭلار، ئاڭلاڭلار، شۇنداق قىلغاندىلا ھەقىقىي ھاياتلىققا ئىگە بولىسىلەر. مەن سىلەر بىلەن مەڭگۈلۈك ئەھدە تۈزىمەن، مەن داۋۇتقا ئاتا قىلغان مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىمنى سىلەرگىمۇ ئاتا قىلىمەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite