2 شۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، ئۇلاردا خۇداغا نىسبەتەن ھەقىقەتەنمۇ قىزغىنلىق بار. بىراق، ئۇلارنىڭ بۇ قىزغىنلىقى ھەقىقىي بىلىمگە ئاساسلانمىغان.
بۇلارنى ئاڭلىغان كۆپچىلىك خۇداغا مەدھىيە ئوقۇپ، پاۋلۇسقا: - ئەي قېرىنداش، يېرۇسالېمدا ئەھۋال مۇنداق: يەھۇدىيلار ئىچىدە نەچچە مىڭلىغان كىشى ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى تەۋرات قانۇنىغا قاتتىق ئەمەل قىلىدۇ.
بۇ يولدىكى قىزغىنلىقىم جەھەتتىن ئېيتقاندا، مەن ئىلگىرى ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغۇچىلار تەۋرات قانۇنىنى بىكار قىلماقچى دەپ، ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلغان ئادەم ئىدىم. ئەگەر تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش ھەققانىيلىق دەپ قارالسا، مەن بۇ ئۆلچەمگە ئەڭ لايىق ئادەم بولاتتىم.
مەن شۇنىڭغا دۇئا قىلىمەنكى، خۇدا توغرىسىدىكى بىلىمىڭلار ۋە ئاقىللىقىڭلارنىڭ ئېشىشى ئارقىلىق مېھىر-مۇھەببىتىڭلار بارغانسېرى ئېشىپ بارسۇن.
چۈنكى ئۇلار خۇدادىن كەلگەن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىش يولىنى بىلمەي، تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىشىغا تىرىشىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار خۇدادىن كەلگەن ئۇشبۇ يولنى قوبۇل قىلمايدۇ.
بىلمەي تۇرۇپ قىزغىنلىق قىلىش ياخشى ئەمەس، ئالدىراڭغۇلۇق بىلەن ئىش قىلغان نىشانغا يەتمەس.
ھەمدە يەھۇدىي دىنى يولىدا نۇرغۇن تەڭتۇشلىرىمدىن خېلىلا ئالدىدا تۇراتتىم. ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەنئەنىلىرىنى قوغداشتا پۈتۈن ۋۇجۇدۇم ۋە قىزغىنلىقىم بىلەن ئىشلەيتتىم.
چۈنكى، بۇ دۇنيانىڭ ھۆكۈمرانى بولغان شەيتان خۇدانىڭ ئوبرازى بولغان ئەيسا مەسىھنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى بىلدۈرىدىغان خۇش خەۋەرنىڭ نۇرى ئېتىقادسىزلارنىڭ دىلىنى يورۇتمىسۇن دەپ، ئۇلارنىڭ ئەقلىنى ئىشلىمەس قىلىپ قويدى.
يېھۇ ئۇنىڭغا: _ مەن بىلەن بىرگە بېرىپ، پەرۋەردىگار ئۈچۈن قانچىلىك جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەيدىغانلىقىمنى كۆرگىن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن يېھۇ ئۇنى جەڭ ھارۋىسى بىلەن سامارىيەگە ئەكەلدى.
چۈنكى، دۇنيانى ياراتقاندا «نۇر قاراڭغۇلۇقتىن چاقنىسۇن» دەپ ئەمر قىلغان خۇدا بىزنىڭ ئۆزىنىڭ ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئايان قىلغان ئۇلۇغلۇقىنى تونۇپ يېتىشىمىز ئۈچۈن، خۇش خەۋەرنىڭ نۇرى بىلەن قەلبىمىزنى يورۇتتى.
- مەنمۇ بىر يەھۇدىي، كىلىكىيە ئۆلكىسىنىڭ تارسۇس شەھىرىدە تۇغۇلدۇم، لېكىن يېرۇسالېمدا چوڭ بولدۇم. داڭلىق تەۋرات ئۇستازى غامالىيىلدىن تەلىم ئېلىپ، ئەجدادلىرىمىزدىن قالغان تەۋرات قانۇنىغا قاتتىق رىئايە قىلىپ كەلدىم. سىلەرگە ئوخشاش، خۇدا يولىدا پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن قىزغىن ئىشلىگەنىدىم.
چۈشەنمەسمۇ ئەجەبا قىلمىشلىرىنى پاسىقلار؟! ئۇلار مېنىڭ خەلقىمنى نان يىگەندەك يەپ يۇتار، پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلماس ئەسلا ئۇلار.
ئۇلارنىڭ ئۆزلۈكىدىن كۈچىنىڭ يېتىشىچە، ھەتتا ئۆزىگە قالمىسىمۇ ئىئانە قىلغانلىقىغا گۇۋاھلىق بېرىمەن.
- ئەي ئىسرائىللار، ياردەمدە بولۇڭلار! بۇ ئادەم ھەممە يەردە خەلقىمىزگە، تەۋرات قانۇنىمىزغا ۋە مەركىزىي ئىبادەتخانىمىزغا قارشى سۆزلەرنى تارقىتىۋاتىدۇ. ئەمدىلىكتە، ئۇ يەھۇدىي ئەمەسلەرنى مەركىزىي ئىبادەتخانىمىزغا باشلاپ كىرىپ، بۇ مۇقەددەس جاينى بۇلغىماقتا! - دەپ چۇقان كۆتۈردى.
ئۇ چاغدىكى خۇشاللىقىڭلار ئەمدى نەگە كەتتى؟! جەزم قىلىپ ئېيتالايمەنكى، ئۇ چاغدا سىلەر مۇمكىن بولسا، ماڭا كۆزلىرىڭلارنى ئويۇپ بېرىشكىمۇ رازى ئىدىڭلار.
ئۇنىڭ سىلەر ئۈچۈن ھەمدە لائودىكىيا ۋە ھېيراپولىس شەھىرىدىكى قېرىنداشلار ئۈچۈن كۆپ ئەجىر سىڭدۈرۈپ كەلگەنلىكى توغرىسىدا سىلەرگە گۇۋاھلىق بېرىمەن.
پاۋلۇسنىڭ سۆزلىرىگە باشتىن-ئاياغ قۇلاق سېلىۋاتقان خالايىق ئۇنىڭ يەھۇدىي ئەمەسلەر ھەققىدىكى سۆزىنى ئاڭلاش بىلەنلا: - ئۇنى يوقىتىش كېرەك! ئۆلتۈرۈش كېرەك! ئۇ ئۆلۈشكە تېگىشلىك! - دەپ چۇقان سېلىشتى.
شۇ چاغدا پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ ئۆتكۈر، زور قۇدرەتلىك قىلىچى بىلەن يۈگۈرۈك يۆگىمەچ يىلان لىۋياتاننى جازالايدۇ. ئۇ، قورقۇنچلۇق دېڭىز مەخلۇقى لىۋياتاننى ئۆلتۈرىدۇ.
سىلەر ئىبادەتخانا جامائەتچىلىكىڭلاردىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىلىسىلەر ھەمدە شۇنداق بىر ۋاقىت-سائەتلەر كېلىدۇكى، سىلەرنى ئۆلتۈرىدىغانلار ئۆزلىرىنى خۇداغا خىزمەت قىلىۋاتىمەن، دەپ ھېسابلايدۇ.
قېرىنداشلار، مەن جانجىگىرىم ئىسرائىللارنىڭ قۇتقۇزۇلۇشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمەن ھەمدە بۇنى خۇدادىن دائىم تىلەيمەن.