Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 10:14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

14 لېكىن، ئۇنىڭغا ئىشەنمىگەنلەر ئۇنىڭغا قانداقمۇ ئىلتىجا قىلسۇن؟ ئۇ توغرۇلۇق ئاڭلىمىغانلار ئۇنىڭغا قانداقمۇ ئىشەنسۇن؟ ئۇ توغرىسىدا خەۋەر يەتكۈزگۈچىلەر بولمىسا، كىشىلەر قانداقمۇ ئاڭلىيالىسۇن؟

Gade chapit la Kopi




رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 10:14
22 Referans Kwoze  

خۇدا بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا بۇ مەڭگۈلۈك ھايات توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى ئاشكارىلىدى. قۇتقۇزغۇچىمىز خۇدا ئۆز ئەمرى بىلەن بۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىنى ماڭا تاپشۇردى.


دېمەك، ئېتىقاد بولماي تۇرۇپ، خۇدانى خۇرسەن قىلىش مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى، خۇدانىڭ ئالدىغا كېلىدىغان كىشى ئۇنىڭ بار ئىكەنلىكىگە ۋە ئۇنى ئىزدىگەنلەرگە ئىزدەش ئەجرىنى قايتۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىشى كېرەك.


ئەمەلدار ئۇنىڭغا: - بىرى ماڭا چۈشەندۈرۈپ بەرمىسە، مەن قانداقمۇ چۈشىنەلەيمەن؟! - دەپ، فىلىپنى ھارۋىسىغا چىقىپ يېنىدا ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى.


رەببىمىز تولۇق ئىشەنچ بىلەن قىلىنغان دۇئا ئارقىلىق ئاغرىقنى ساقايتىدۇ ۋە ئۇنى ئورنىدىن تۇرغۇزىدۇ. ئەگەر بىمار گۇناھ قىلغان بولسا، كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.


لېكىن، خۇدا مەن بىلەن بىللە بولۇپ، ماڭا خۇش خەۋەرنى تولۇق جاكارلاشقا مەدەت بەردى. نەتىجىدە، ئۇ يەردىكى ھەممە يەھۇدىي ئەمەسلەر بۇ خۇش خەۋەرنى ئاڭلىدى. بۇنىڭ بىلەن، خۇدا مېنى بۇ قېتىمقى سوتتىن، يەنى يولۋاسنىڭ ئاغزىدىن قۇتقۇزۇپ چىقتى.


سىلەر ئەيسا مەسىھ توغرىسىدا جەزمەن ئاڭلىدىڭلار ھەمدە ئۇنىڭ تەلىملىرىنىمۇ قوبۇل قىلدىڭلار. چۈنكى ھەقىقەت ئەيسا مەسىھتىدۇر.


بۇ خاتىرىلەر سىلەرنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ، شۇنداقلا خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىگە ئىشەنسۇن ھەم بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭغا باغلىنىپ ھاياتلىققا ئېرىشسۇن، دەپ يېزىلدى.


ئۇلاردىن: - سىلەر خۇدانىڭ يولىغا مېڭىشقا باشلىغاندا، ئۇنىڭ مۇقەددەس روھى سىلەرگە ئاتا قىلىنغانمۇ؟ - دەپ سورىدى. - ياق، بىز مۇقەددەس روھ بار دېگەننى زادى ئاڭلىماپتىكەنمىز، - دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار.


خۇدا ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ماڭا مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، مېنى ئەلچىلىككە تاللىدى. شۇڭا، مەن ھەر مىللەت كىشىلىرىنى خۇداغا ئىتائەت قىلسۇن دەپ، ئۇلارنى ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىشقا چاقىرىمەن. بۇ، ئەيسا مەسىھنىڭ نامىغا شان-شەرەپ كەلتۈرۈش ئۈچۈندۇر.


كېمىچىلەر بۇ ۋەقەنى كۆرۈپ، پەرۋەردىگاردىن قاتتىق قورقۇشتى. ئۇلار پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىپ، قىلغان قەسەملىرىنى ئادا قىلىشتى.


شۇنىڭ بىلەن كېمىچىلەر قاتتىق ۋەھىمىگە چۈشۈپ، ھەركىم ئۆز ئىلاھلىرىغا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن نىدا قىلدى. ئۇلار كېمە يېنىكلىسۇن دەپ، كېمىدىكى ماللارنى دېڭىزغا تاشلاشتى. بۇ ۋاقىتتا يۇنۇس كېمىنىڭ ئاستىنقى بۆلۈمىدە قاتتىق ئۇيقۇغا كەتكەنىدى.


- ھەزرەتلىرى، ئۇ كىم؟ ئېيتىپ بەرگەيسىز، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلاي، - دېدى ھېلىقى ئادەم.


ئەيسا مەسىھ خۇدادىن يىراق بولغان سىلەر بىلەن خۇداغا يېقىن بولغان بىز يەھۇدىيلارغا ئىناقلىق توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى ئېلىپ كەلدى.


«كىم دېڭىزدىن ئۆتۈپ، ئېلىپ كېلىپ بىزگە سۆزلەپ بېرىدۇ ھەم بىزگە ئىجرا قىلدۇرىدۇ؟» دېگۈدەك دېڭىزنىڭ قارشى قىرغىقىدا ئەمەستۇر.


«بىزنى ھېچكىم ياللىمىدى» دەپ جاۋاب قايتۇرۇپتۇ ئۇلار. «ئۇنداقتا، سىلەرمۇ ئۈزۈمزارلىقىمغا بېرىپ ئىشلەڭلار» دەپتۇ يەر ئىگىسى ئۇلارغا.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite