Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 10:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 چۈنكى، ئىنسان چىن قەلبىدىن ئېتىقاد قىلىش ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىدۇ، ئۆز ئاغزى بىلەن ئېتىراپ قىلىش ئارقىلىق قۇتقۇزۇلىدۇ.

Gade chapit la Kopi




رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 10:10
13 Referans Kwoze  

ئەگەر كىمدەكىم ئەيسا مەسىھنىڭ خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىنى ئوچۇق ئېتىراپ قىلسا، خۇدا ئۇنىڭدا، ئۇمۇ خۇدادا ياشايدۇ.


دېمەك، ئەيسا مەسىھنىڭ رەب ئىكەنلىكىنى ئۆز ئاغزىڭ بىلەن ئېتىراپ قىلساڭ ۋە خۇدانىڭ ئۇنى تىرىلدۈرگەنلىكىگە چىن قەلبىڭدىن ئىشەنسەڭ، قۇتقۇزۇلىسەن.


لېكىن، بىز ئىنسانلارنىڭ تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىش ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىدىغانلىقىنى بىلىمىز. شۇ سەۋەبتىن، بىز يەھۇدىيلارمۇ ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلدۇق. ھېچكىم تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنالمايدۇ.


مۇستەھكەم ئىشەنچ ۋە سەمىمىي قەلب بىلەن خۇداغا يېقىنلىشايلى. چۈنكى، دىللىرىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ قېنىنىڭ سېپىلىشى بىلەن ۋىجدان ئازابىدىن خالاس بولغان ۋە بەدىنىمىز پاكىز سۇ بىلەن يۇيۇلغاندەك پاكلانغان.


مۇنبەت تۇپراققا چۈشكەن ئۇرۇقلار بولسا خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلايدىغان، ئۇلارنى پاك ۋە چىن دىلىدا چىڭ ساقلايدىغان، ھوسۇل بەرگۈچە سەۋر قىلىدىغان كىشىلەردۇر.


ئەي قېرىنداشلار، ھەرقايسىڭلار قەلبىڭلارنىڭ يامان نىيەت ۋە ئېتىقادسىزلىققا تولۇپ، مەڭگۈ ھايات خۇدادىن يۈز ئۆرۈمەسلىكىگە دىققەت قىلىڭلار.


سېنىڭ شەيتاننىڭ تەختى ئورۇنلاشقان يەردە تۇرىدىغانلىقىڭنى بىلىمەن. شۇنداقتىمۇ، سەن مېنىڭ نامىمغا سادىق بولۇپ كەلدىڭ. ھەتتا ئاراڭدىكى ئىشەنچلىك گۇۋاھچىم ئانتىپا مۇشۇ شەيتاننىڭ ماكانىدا قەتل قىلىنغان كۈنلەردىمۇ ماڭا ئېتىقاد قىلغانلىقىڭنى ئىنكار قىلمىدىڭ.


- سىز نېمىشقا قولىڭىزدىن كەلسە دەيسىز؟ ئىشەنچ بار بولغان ئادەمگە ھەممە ئىش مۇمكىن! - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا.


مۇقەددەس يازمىلاردا: «ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغانلىكى كىشى نائۈمىدتە قالمايدۇ» دېيىلگەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite