Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 1:29 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

29 ئۇلارنىڭ ھاياتى ھەر خىل رەزىللىك، يامانلىق، ئاچكۆزلۈك، ئۆچمەنلىك، ھەسەتخورلۇق، قاتىللىق، ئۇرۇشقاقلىق، ھىيلىگەرلىك، سۇيىقەست ۋە ئىغۋاگەرچىلىك بىلەن تولدى.

Gade chapit la Kopi




رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 1:29
8 Referans Kwoze  

يېنىڭلارغا بارغىنىمدا، سىلەرنىڭ كۈتكەن يېرىمدىن چىقماي قېلىشىڭلاردىن، شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ سىلەرگە بولغان مۇئامىلەمنىڭمۇ سىلەرنىڭ كۈتكەن يېرىڭلاردىن چىقماي قېلىشىدىن ئەنسىرەيمەن. سىلەردە جېدەلخورلۇق، ھەسەتخورلۇق، غەزەپلىنىش، شەخسىيەتچىلىك، تۆھمەتخورلۇق، غەيۋەتخورلۇق، تەكەببۇرلۇق ۋە پاراكەندىچىلىكلەرنىڭ بولۇشىدىن ئەنسىرەيمەن.


جېدەل-ماجىرانى كېڭەيتەر ھىيلىگەرنىڭ سۆزى، بىر-بىرىدىن ئايرىۋېتەر غەيۋەت يېقىن دوستلارنى.


ئوت ئۆچەر ئوتۇن بولمىسا، جېدەل تۈگەر چېقىمچى بولمىسا.


مەن ھەققىدە پىچىرلىشار ماڭا ئۆچلەر، زىيانكەشلىك قەستىدە مۇنداق دېيىشەر:


مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «ھەققانىي ئادەم يوقتۇر، ھەتتا بىرىمۇ،


بىراق شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، بىر ئادەم ئۆز ئايالىنىڭ جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلىشىدىن باشقا ئىشىنى سەۋەب قىلىپ ئۇنى تالاق قىلسا ھەمدە تالاق قىلىنغان ئايال يەنە بىر ئەرگە تەگسە، تالاق قىلغان ئادەم ئۆز ئايالىنى زىناغا تۇتۇپ بەرگەن بولىدۇ. تالاق قىلىنغان ئايالنى ئەمرىگە ئالغان كىشىمۇ زىنا قىلغان بولىدۇ.


خۇددى شۇنىڭدەك، بۇ خىزمەتچىلەرنىڭ ئاياللىرىمۇ ئېسىل پەزىلەتلىك، پىتنە-پاسات قىلمايدىغان، ئۆزىنى تۇتۇۋالغان ۋە ھەرقانداق ئىشتا ئىشەنچلىك بولغانلاردىن بولۇشى لازىم.


چۈنكى، بىر چاغلاردا بىزمۇ نادان ئىدۇق. بىزمۇ خۇداغا بويسۇنمايدىغان، ئازدۇرۇلغان، ھەر خىل ئارزۇ-ھەۋەسلەرنىڭ قۇلى بولغان، يامانلىق ۋە ھەسەتخورلۇق ئىچىدە ياشىغان، بىر-بىرىمىزگە ئۆچمەن كىشىلەر ئىدۇق.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite