Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 1:23 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

23 ئۇلار مەڭگۈ ھايات بولغان شانۇشەۋكەتلىك خۇداغا ئىبادەت قىلىشنىڭ ئورنىغا، ئادەمزاتقا، قۇشلارغا، تۆت پۇتلۇق ۋە يەر بېغىرلىغۇچى ھايۋانلارغا ئوخشايدىغان بۇتلارغا چوقۇندى.

Gade chapit la Kopi




رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 1:23
16 Referans Kwoze  

چۆپ يەيدىغان بىر كالىنىڭ بۇتىنى ئۇلار، قويدى شان-شەرەپلىك پەرۋەردىگارنىڭ ئورنىغا.


بىرەر خەلق ئۆز ئىلاھلىرىدىن ۋاز كېچىپتىمۇ؟ ئىلاھلىرى ھەقىقىي بولمىسىمۇ، ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈپتىمۇ؟ ئەمما مېنىڭ خەلقىم شان-شەرەپلىك بولغان مەن خۇدانى ئەرزىمەس بۇتلارغا ئالماشتۇردى!


بىز خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى بولغاچقا، ئۇنى ھۈنەرۋەننىڭ ماھارىتى بىلەن ئويۇپ ياسالغان ئالتۇن-كۈمۈش ياكى تاش بۇتلارغا ئوخشاتماسلىقىمىز كېرەك!


خۇدا توغرىسىدىكى ھەقىقەتلەرگە ئىشىنىشنىڭ ئورنىغا، يالغان گەپلەرگە ئىشىنىشكە باشلىدى. ياراتقۇچى خۇداغا ئىتائەت قىلىشنىڭ ئورنىغا، يارىتىلغان نەرسىلەرگە چوقۇنۇپ، شۇلارنى مەدھىيىلىدى. ھالبۇكى، پۈتكۈل مەۋجۇدات تەرىپىدىن مەڭگۈ مەدھىيىلىنىشكە لايىق بولغىنى ياراتقۇچىمىز خۇدادۇر، ئامىن!


بۇرۇن سىلەر خۇداغا ئېتىقاد قىلمايدىغانلار ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارنى قىلىپ، كۆپ ۋاقتىڭلارنى ئۆتكۈزۈۋەتتىڭلار. سىلەر بۇزۇقچىلىق، شەھۋانىيلىق، ھاراقكەشلىك، ئەيش-ئىشرەت، ئاچكۆزلەرچە يەپ-ئىچىش ۋە يىرگىنچلىك بۇتپەرەسلىك ئىچىدە ياشاپ كەلگەنىدىڭلار.


مەن كىرىپ كۆردۈمكى، ئەتراپتىكى تاملارنىڭ ھەممىسىگە ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلار ۋە باشقا يىرگىنچلىك ھايۋانلار بىلەن ئىسرائىللار چوقۇنىدىغان بۇتلارنىڭ شەكىللىرى ئويۇلۇپتۇ.


ئاسمان، زېمىن ياكى سۇدىكى ھەرقانداق نەرسىلەرنىڭ شەكلىدە بۇت ياسىماڭلار.


ياغاچچى ياغاچنى ئۆلچەپ، نەدىن كېسىش كېرەكلىكىنى بەلگىلەيدۇ. ئاندىن ئۇ ئىسكىنە ۋە باشقا ئەسۋابلارنى ئىشلىتىپ ئادەمنىڭ شەكلىنى ياساپ چىقىدۇ. ئۇ ئۇنى ناھايىتى چىرايلىق بېزەپ، بۇتخانىغا قويۇپ قويىدۇ.


سىلەر كىمنى خۇدا بىلەن سېلىشتۇرالايسىلەر؟ سىلەر قايسىبىر شەيئىنىڭ قىياپىتىنى ئۇنىڭغا ئوخشىتالايسىلەر؟


سىلەرگە مەلۇمكى، سىلەر ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىشتىن ئىلگىرى ئازدۇرۇلۇپ، جانسىز بۇتلارغا چوقۇندۇڭلار.


سىلەر ئاسمانغا قاراڭلار، بۇ مەۋجۇداتلارنى كىم ياراتقاندۇ؟ كىم بارلىق يۇلتۇزلارنى ئىسمى بىلەن چاقىرىپ، ئۇلارنى بىر-بىرلەپ يېتەكلەپ چىققاندۇ؟ پەرۋەردىگار غايەت كۈچلۈك، چەكسىز قۇدرەتلىك بولغاچقا، ئۇلارنىڭ بىرسىمۇ كەم قالمايدۇ.


قالغان ئىنسانلار، يەنى بۇ بالايىئاپەتلەردىن ئامان قالغۇچىلار ئۆز قىلمىشلىرىغا توۋا قىلمىدى. جىنلارغا، كۆرەلمەس، ئاڭلىيالماس ۋە ماڭالماس ئالتۇن، كۈمۈش، تۇچ ۋە ياغاچ بۇتلارغا چوقۇنۇشتىن ۋاز كەچمىدى.


داستىخاندا ھەر خىل تۆت پۇتلۇق ھايۋانلار، يەر بېغىرلىغۇچىلار، ئۇچارقاناتلارمۇ بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھارام ھايۋانلارمۇ بار ئىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite