Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 1:21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

21 لېكىن، ئىنسانلار خۇدانى بىلسىمۇ، ئۇنى خۇدا، دەپ ئۇلۇغلىمىدى ۋە ئۇنىڭغا شۈكۈر ئېيتمىدى. ئەكسىچە، ئۇلارنىڭ خۇدا توغرىسىدىكى ئوي-پىكىرلىرى بىمەنە بولۇپ، نادان قەلبى قاراڭغۇلۇققا تولدى.

Gade chapit la Kopi




رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 1:21
34 Referans Kwoze  

ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ پەرمانلىرىنى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىنى، شۇنىڭدەك پەرۋەردىگارنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنى رەت قىلدى ھەمدە ئەرزىمەس بۇتلارغا چوقۇنۇپ، ئۆزلىرىنىمۇ ئەرزىمەس قىلدى. پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ: «ئەتراپىڭلاردىكى يات ئەللەردەك قىلماڭلار» دېگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار يات ئەللەرنى دورىدى.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلار مەندىن شۇنچە يىراقلاپ كەتكۈدەك، مەندىن قانداق ئەيىب تېپىۋالغانىدى؟ ئۇلار ئەرزىمەس بۇتلارغا چوقۇنۇپ، ئۆزلىرىنىمۇ ئەرزىمەس قىلىۋالدى.


قۇربانلىق سۈپىتىدە ماڭا شۈكۈر ئېيتقانلار مېنى ئۇلۇغلار، شۇنداق قىلىپ نىجاتلىقىمغا ئېرىشمەك ئۈچۈن يول ھازىرلار.»


ئۇ جاراڭلىق ئاۋاز بىلەن: «خۇدادىن قورقۇڭلار! ئۇنى ئۇلۇغلاڭلار! چۈنكى، ئۇنىڭ ئىنسانلارنى سوراق قىلىدىغان ۋاقتى يېتىپ كەلدى. ئاسماننى، زېمىننى، دېڭىزنى ۋە بۇلاقلارنى ياراتقۇچىغا سەجدە قىلىڭلار!» دەيتتى.


ئۇلار دائىم يامانلىق قىلغاچقا، «ھەقىقىي نۇر» دۇنياغا كەلگەن بولسىمۇ، ئۇلار بۇ نۇرنى ئەمەس، زۇلمەتنى ياخشى كۆردى. شۇڭا، ئۇلار جازاغا تارتىلىدۇ.


ئى پەرۋەردىگار، سەندىن قورقمايدىغان كىم بار، نامىڭنى مەدھىيىلىمەيدىغان؟ چۈنكى، يېگانە مۇقەددەس ئۆزۈڭدۇرسەن. كېلىپ پۈتكۈل خەلقلەر، ساڭا سەجدە قىلغۇسى. چۈنكى، ئاشكارا بولغاچ قىلغانلىرىڭنىڭ ھەققانىيلىقى.»


لېكىن، سىلەر بولساڭلار خۇدانىڭ تاللىغانلىرى، ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ روھانىيلىرى، خۇداغا ئاتالغان خەلق، شۇنداقلا خۇداغا مەنسۇپ بولغانلارسىلەر. سىلەرنى قاراڭغۇلۇقتىن ئۆزىنىڭ پارلاق يورۇقلۇقىغا چاقىرغان خۇدا ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى باشقىلارغا يەتكۈزۈشۈڭلار ئۈچۈن، سىلەرنى تاللىدى.


شۇڭا مەن قويۇۋەتتىم ئۇلارنى ئۆز تەرسالىقىغا، مېڭىۋەردى دەسسەپ ئۇلار ئۆزى خالىغان يوللارغا.


ئاندىن مەن دېدىم: _ ئى پەرۋەردىگار، سەن مېنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتىم ۋە قورغىنىمدۇرسەن، قىيىنچىلىق كۈنلەردىكى پاناھگاھىمسەن! زېمىننىڭ ئەڭ يىراق چېتىدىن كەلگەن خەلقلەر ساڭا كېلىپ: «ئەجدادلىرىمىزنىڭ ساختا ئىلاھلىرى ۋە كېرەكسىز بۇتلىرىدىن باشقا ھېچنېمىسى بولمىغانىدى.


كۆزلىرى قاراڭغۇلىشىپ، كۆرەلمىسۇن، بەللىرى پۈكۈلۈپ، مەڭگۈ رۇسلانمىسۇن!»


ئۇلار خۇدانى بىلىشنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، خۇدا ئۇلارنى يامان نىيەتلىرىگە قويۇپ بەردى. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار قىلماسلىقى كېرەك بولغان ئىشلارنى قىلىشقا كىرىشتى.


ئۇلار خالىغان بولسىدى، خۇدانى بىلەلەيتتى. چۈنكى، خۇدا توغرىسىدىكى ئىشلار ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا تۇرۇپتۇ. خۇدا بۇلارنى ئۇلارغا ئوچۇق كۆرسىتىپ بەرگەن.


ئۇ يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭمۇ خۇدانىڭ مېھرىبانلىقىنى كۆرۈپ، خۇدانى مەدھىيىلىشى ئۈچۈن شۇنداق قىلدى. بۇ خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا: «شۇڭا، سېنى باشقا مىللەتلەر ئارىسىدا مەدھىيىلەيمەن ۋە نامىڭنى كۈيلەيمەن» دېگىنىدەك بولدى.


سەن قاراڭغۇلۇقتا ياشاۋاتقانلارنىڭ كۆزلىرىنى ئېچىپ، ئۇلارنى زۇلمەتتىن يورۇقلۇققا، شەيتاننىڭ ئىلكىدىن خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا باشلايسەن. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. شۇنداقلا، ئۇلار ماڭا ئېتىقاد قىلىش ئارقىلىق پاك قىلىنغانلارنىڭ ئارىسىدىن ئورۇن ئالىدۇ!» دېدى.


لېكىن ئۇ ئۆزىگە ئاشلىق، شاراب، زەيتۇن يېغى ۋە ئالتۇن-كۈمۈش بەرگۈچىنىڭ مەن ئىكەنلىكىمنى بىلمىدى. ئۇ بۇلارنى بۇت ئىلاھى بائالغا ئىشلەتتى.


قارا، زېمىننى قاراڭغۇلۇق قاپلايدۇ، ئەلنى زۇلمەت باسىدۇ، لېكىن مەن پەرۋەردىگار سېنى يورۇتىمەن، مېنىڭ شان-شەرىپىمنىڭ نۇرى ئۈستۈڭگە چېچىلىدۇ.


سەن ياراتقان بارلىق قوۋملار كېلىپ ئالدىڭغا سەجدە قىلار ھەم نامىڭنى ئۇلۇغلار ئۇلار.


چۈنكى سىلەرگە مەلۇمكى، سىلەر ئەجدادلىرىڭلاردىن قالغان ئەھمىيەتسىز تۇرمۇش يولىنىڭ قۇللۇقىدىن ئازاد بولدۇڭلار. بۇ، قىممىتىنى ھامان يوقىتىدىغان ئالتۇن ياكى كۈمۈشتەك نەرسىلەر بىلەن ئەمەس،


مېنىڭ بىردىنبىر بايقىغىنىم شۇ بولدىكى، ئەسلىدە خۇدا ئادەمنى دۇرۇس قىلىپ ياراتقان بولسىمۇ، ئەمما ئادەملەر ھەر خىل رەزىل يوللارنى ئىزدەپ يۈرىدىكەن.»


خۇددى قارىغۇ ئادەم يول تاپالماي، تىمىسقىلاپ يۈرگەندەك، سىلەرمۇ كۈپكۈندۈزدە تىمىسقىلاپ يۈرىسىلەر. يوللىرىڭلار راۋان بولمايدۇ، داۋاملىق باشقىلارنىڭ زۇلۇم قىلىشىغا ۋە بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشىغا ئۇچرايسىلەر. ھېچكىم سىلەرنى قۇتقۇزمايدۇ.


پەرۋەردىگار قۇربانلىقنىڭ خۇش پۇرىقىدىن مەمنۇن بولۇپ، كۆڭلىدە: «ئىنسانلارنىڭ قىلمىشلىرى ئۈچۈن ئەمدى زېمىننى قارغىمايمەن. ئىنسانلارنىڭ تۇغۇلغاندىن تارتىپ نىيىتىنىڭ يامانلىقىنى بىلىمەن. شۇنداقتىمۇ، بۇنىڭدىن كېيىن يەر يۈزىدىكى بارلىق جانلىقلارنى ھەرگىز بۇ قېتىمقىدەك پۈتۈنلەي يوقىتىۋەتمەيمەن.


پەرۋەردىگار ئىنسانلارنىڭ شۇنچىلىك رەزىل ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ نىيىتىنىڭ ھەرقاچان يامان ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ،


ئاررام پادىشاھىنىڭ ئەمەلدارلىرى پادىشاھقا: _ ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ ئىلاھى تاغ ئىلاھى بولغاچقا، بىزدىن كۈچلۈك كەلدى. بىراق بىز ئۇلار بىلەن تۈزلەڭلىكتە جەڭ قىلساق، جەزمەن ئۇلاردىن كۈچلۈك كېلىمىز.


ئەكسىچە جاھىللارچە ئۆزلىرىنىڭ يامان نىيەتلىرىگە ئەگىشىپ، بائالنىڭ بۇتلىرىغا چوقۇنۇشتى. ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى ئۇلارغا مۇشۇنداق قىلىشنى ئۆگەتكەن.


ئەڭ ساختا نەرسە ئىنسان نىيىتىدۇر. ئۇنى ساقايتقىلى بولماس، ھېچكىم ئۇنى چۈشىنەلمەيدۇ.


شۇڭا مەن ئۇلارنىڭ پايدىسىز قائىدىلەرگە ئەمەل قىلىشىغا، ھاياتىنى ساقلاپ قالالمايدىغان قانۇنلارغا بويسۇنۇشىغا يول قويدۇم.


مېنىڭ بۇنداق قىلىشىم ئىسرائىل خەلقىمنىڭ قەلبىنى قايتۇرۇپ كېلىشتۇر. چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى بۇتقا چوقۇنۇپ، مەندىن يىراقلاپ كەتتى.»


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite