2 بۇ خۇش خەۋەرنى خۇدا ئەلمىساقتا ئۆز پەيغەمبەرلىرى ئارقىلىق مۇقەددەس يازمىلاردا ۋەدە قىلغانىدى.
بۇ ئېتىقاد ۋە ھەقىقەت بىزدە مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىش ئۈمىدىنى پەيدا قىلىدۇ. يالغانچىلىقتىن مۇستەسنا بولغان خۇدا دۇنيا ئاپىرىدە بولۇشتىن ئىلگىرىلا بۇ مەڭگۈلۈك ھاياتنى ۋەدە قىلغان.
ئەمدى بۇ سىر خۇدانىڭ ئەمرى بويىچە ۋە بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىدا يېزىلغىنىدەك ئاشكارىلاندى ھەمدە يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىپ، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشى ئۈچۈن ئۇلارغا يەتكۈزۈلمەكتە.
لېكىن، ھازىر خۇدانىڭ قانداق يول بىلەن ئىنسانلارنى ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلايدىغانلىقى ئوچۇق ئاشكارىلاندى. بۇ، تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشقا باغلىق ئەمەس. بۇنىڭغا تەۋرات قانۇنى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ تەلىماتلىرىمۇ گۇۋاھلىق بەرگەن.
ئەلۋەتتە، ئۇلارنىڭ ھەر جەھەتتىن كۆپ ئارتۇقچىلىقى بار. بىرىنچىدىن، خۇدانىڭ سۆزى يەھۇدىيلارغا ئامانەت قىلىنغان.
پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسى ئۇ ھەقتە: «ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلغانلارنىڭ گۇناھلىرى ئۇنىڭ نامى بىلەن كەچۈرۈم قىلىنىدۇ» دېگەن.
خۇدا ئەجدادلىرىمىزغا ۋەدە قىلغىنىنى ئۈمىد قىلغىنىم ئۈچۈن، ئەمدى بۈگۈن ئۆزلىرىنىڭ ئالدىدا سوتلىنىۋاتىمەن.
مانا بۇلار پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەر ئارقىلىق:
بىزمۇ ھازىر بۇ خۇش خەۋەرنى سىلەرگە يەتكۈزۈۋاتىمىز. خۇدا ھەزرىتى ئەيسانى تىرىلدۈرۈش بىلەن، ئەجدادلىرىمىزغا قىلغان ۋەدىسىنى بىزنىڭ دەۋرىمىزدە ئەمەلگە ئاشۇردى! بۇ ھەقتە پادىشاھ داۋۇت زەبۇرنىڭ ئىككىنچى نەزمىسىدە ئالدىن مۇنداق خاتىرىلىگەن: «سەن مېنىڭ ئوغلۇم. بۈگۈن سېنىڭ ئاتاڭ ئىكەنلىكىمنى جاكارلىدىم.»