Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 1:19 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

19 ئۇلار خالىغان بولسىدى، خۇدانى بىلەلەيتتى. چۈنكى، خۇدا توغرىسىدىكى ئىشلار ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا تۇرۇپتۇ. خۇدا بۇلارنى ئۇلارغا ئوچۇق كۆرسىتىپ بەرگەن.

Gade chapit la Kopi




رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 1:19
9 Referans Kwoze  

دۇنيا يارىتىلغاندىن بېرى، خۇدانىڭ كۆزگە كۆرۈنمەس ئۆزگىچىلىكلىرى، يەنى ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك قۇدرىتى ۋە بىردىنبىر خۇدا ئىكەنلىكى ئۆزى ياراتقان مەۋجۇداتلار ئارقىلىق ئوچۇق كۆرسىتىلمەكتە. شۇ سەۋەبتىن، ئىنسانلار خۇدانى بىلمەيمىز، دەپ باھانە كۆرسىتەلمەيدۇ.


سىلەر ئاسمانغا قاراڭلار، بۇ مەۋجۇداتلارنى كىم ياراتقاندۇ؟ كىم بارلىق يۇلتۇزلارنى ئىسمى بىلەن چاقىرىپ، ئۇلارنى بىر-بىرلەپ يېتەكلەپ چىققاندۇ؟ پەرۋەردىگار غايەت كۈچلۈك، چەكسىز قۇدرەتلىك بولغاچقا، ئۇلارنىڭ بىرسىمۇ كەم قالمايدۇ.


دۇنياغا كېلىدىغان بۇ «ھەقىقىي نۇر» پۈتكۈل ئىنساننى يورۇتىدىغان نۇردۇر.


ئەجەبا سىلەر بىلمەمسىلەر؟ ئەجەبا سىلەر ئاڭلاپ باقمىغانمۇ؟ سىلەرگە باشتىلا دەپ بېرىلمىگەنمۇ؟ ئەجەبا سىلەر زېمىن ئاپىرىدە بولغاندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە چۈشەنمىدىڭلارمۇ؟


(تەۋرات قانۇنىنى بىلمەيدىغان يەھۇدىي ئەمەسلەر تەبىئىي ھالدا بۇ قانۇنغا ئۇيغۇن ئىشلارنى قىلسا، ئۇلار گەرچە بۇ قانۇندىن خەۋەرسىز بولسىمۇ، بۇ قانۇن ئۇلارنىڭ ئۆز قانۇنىدەك بولىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite