Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 1:18 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

18 خۇدا ئەرشتىن ئادەملەرنىڭ بارلىق گۇناھكارلىق ۋە يامانلىقلىرىغا قارشى ئۆز غەزىپىنى بىلدۈردى. سەۋەبى، ئۇلار ئادالەتسىز ئىشلىرى ئارقىلىق خۇدانىڭ ھەقىقىتىنى بىلىشنى توسۇۋاتىدۇ.

Gade chapit la Kopi




رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 1:18
19 Referans Kwoze  

بۇنداق ئىشلارغا باھانە كۆرسىتەلەيدىغانلار يالغان-ياۋىداق سۆزلىرى بىلەن سىلەرنى ئالداپ كەتمىسۇن. چۈنكى، خۇدانىڭ غەزىپى بۇنداق ئىشلارنى سادىر قىلىپ، خۇداغا بويسۇنمىغانلارنىڭ ئۈستىگە چۈشىدۇ.


ئۇلار خۇدانىڭ بۇنداق ئىشلارنى قىلغانلارنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، بۇ ئەسكىلىكلەرنى ئۆزلىرى قىلىپلا قالماي، باشقىلارنىڭمۇ شۇنداق قىلىشىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدۇ.


خۇدانىڭ غەزىپى مۇشۇنداق ئىشلارنى قىلغۇچىلارنىڭ بېشىغا چۈشىدۇ.


ھەمدە مەڭگۈلۈك ھالاكەتكە يۈزلەنگەنلەرنى ئازدۇرۇش ئۈچۈن ھەر خىل ھىيلە-مىكىرلەرنى ئىشلىتىدۇ. ئۇلار مەڭگۈ ھالاك بولۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ، چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنى قۇتقۇزۇلۇشقا يېتەكلەيدىغان ھەقىقەتنى قوبۇل قىلمايدۇ.


تېنىڭلارنىڭ ھەرقانداق بىر ئەزاسىنى يامان ئىشلارغا قورال قىلىپ، گۇناھقا تۇتۇپ بەرمەڭلار. ئەكسىچە، ئۆزۈڭلارنى خۇداغا ئاتاڭلار. چۈنكى، سىلەر ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلدۈڭلار. تېنىڭلارنىڭ ھەر بىر ئەزاسىنى ھەققانىي ئىشلارنىڭ قورالى قىلىڭلار.


بىز ئەيسا مەسىھنىڭ قۇربانلىق قېنى ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلاندۇق. شۇنداق ئىكەن، ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدانىڭ غەزىپىدىن قۇتۇلۇشىمىز تېخىمۇ ئېنىقتۇر.


تەۋرات قانۇنى بۇ قانۇننىڭ ئەمر-پەرمانلىرىغا ئەمەل قىلمىغانلارغا خۇدانىڭ غەزىپىنى ئېلىپ كېلىدۇ. قانۇن بولمىسا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشمۇ بولمايدۇ.


ئۇلار خۇدانى بىلىشنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، خۇدا ئۇلارنى يامان نىيەتلىرىگە قويۇپ بەردى. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار قىلماسلىقى كېرەك بولغان ئىشلارنى قىلىشقا كىرىشتى.


بىراق ئەي بۇرادەر، سەنمۇ بۇنداق ئىشلارنى قىلىپ تۇرۇپ، يەنىلا باشقىلار ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلساڭ، خۇدانىڭ ھۆكۈمىدىن قاچالايمەن، دەپ ئويلامسەن؟


ئۇلار خالىغان بولسىدى، خۇدانى بىلەلەيتتى. چۈنكى، خۇدا توغرىسىدىكى ئىشلار ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا تۇرۇپتۇ. خۇدا بۇلارنى ئۇلارغا ئوچۇق كۆرسىتىپ بەرگەن.


بىز گۇناھتىن قۇتۇلۇشقا ئامالسىز قالغاندا، ئەيسا مەسىھ بىز گۇناھكارلار ئۈچۈن خۇدا بەلگىلىگەن ۋاقىتتا ئۆزىنى پىدا قىلدى.


تۆھمەت قىلىپ ئەرز قىلماڭلار. بىگۇناھ، دۇرۇس ئادەمنى ئۆلۈمگە ئىتتىرمەڭلار. چۈنكى مەن بۇنداق رەزىل ئىش قىلغۇچىلارنى چوقۇم جازالىماي قويمايمەن.


ئۇنداقتا، خۇدانىڭ سوراق قىلىدىغان كۈنىدە بىز يەھۇدىيلار يەھۇدىي ئەمەسلەردىن ئۈستۈن تۇرامدۇق؟ ياق، ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس! چۈنكى، مەن ھەممىمىزنىڭ، مەيلى يەھۇدىي بولايلى ياكى بولمايلى، گۇناھنىڭ ئىلكىدە ئىكەنلىكىمىزنى يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتتۈم.


خۇداغا قارشى چىققۇچىنىڭ ئاشكارىلىنىشىنى ھازىرغىچە نېمىنىڭ توسۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلىسىلەر. ئۇ پەقەت خۇدا بەلگىلىگەن ۋاقىتتا ئاشكارىلىنىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite