رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 1:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى13 قېرىنداشلار، شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، مەن يېنىڭلارغا بېرىشنى كۆپ قېتىم پىلانلىغان بولساممۇ، لېكىن بۈگۈنگىچە توسالغۇغا ئۇچراپ كەلدىم. ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈش يولىدا باشقا يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئارىسىدا ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشكىنىمدەك، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىمۇ ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىپ كەلدىم. Gade chapit la |
قېرىنداشلار، مۇسا پەيغەمبەر زامانىدىكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ مىسىردىن چىققاندا چۆل-باياۋاندا بېشىدىن ئۆتكۈزگەن كەچۈرمىشلىرىنى تولۇق چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۇلارنىڭ ھەممىسى شۇ چاغدا خۇدا ئاتا قىلغان يول باشلىغۇچى بۇلۇتنىڭ يېتەكلىشى ئاستىدا بولۇپ، خۇدانىڭ مۆجىزىسى ئارقىلىق قىزىل دېڭىزدىن ساق-سالامەت مېڭىپ ئۆتتى. ئۇلارنىڭ قىزىل دېڭىزدىن ئۆتۈشى خۇددى ئېتىقادچىلارنىڭ چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلغىنىدەك بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى مۇسا پەيغەمبەرگە ئەگەشكۈچىلەردىن بولدى.
قېرىنداشلار، ئۆزۈڭلارنى يەھۇدىيلاردىن ئۈستۈن تۇتۇشتىن ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، مۇنداق بىر سىردىن خەۋەرسىز قېلىشىڭلارنى خالىمايمەن. بۇ سىر بولسا: بىر قىسىم ئىسرائىللار خۇدا ئەۋەتكەن قۇتقۇزغۇچىنى ھازىرغىچە تەرسالىق بىلەن رەت قىلسىمۇ، بىراق بۇ ئەھۋال پەقەتلا قۇتقۇزۇلغان يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ سانى تولۇقلانغۇچە داۋاملىشىدۇ.
قېرىنداشلار، مەن خۇلاسە قىلاي، سىلەر خۇداغا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولغىنىڭلاردا، بەزىلىرىڭلار مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتىسىلەر، بەزىلىرىڭلار تەلىم بېرىسىلەر، بەزىلىرىڭلار خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزىسىلەر، بەزىلىرىڭلار ئۆزۈڭلارغا نامەلۇم بولغان تىلدا سۆزلەيسىلەر، باشقىلار بولسا بۇ تىلنى چۈشەندۈرىدۇ. ھەممە ئىش جامائەتچىلىكنىڭ ئېتىقادىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن بولسۇن.
قېرىنداشلار، كۈندىلىك تۇرمۇشتىن بىر مىسال كۆرسىتەي. ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان ئەھدىنامىنى ھېچكىم يوققا چىقىرىۋېتەلمەيدۇ ياكى ئۇنىڭغا بىرەر نەرسىمۇ قوشالمايدۇ. شۇنىڭدەك، خۇدا ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادى بىلەن تۈزگەن ئەھدىنىمۇ ھېچكىم ئۆزگەرتەلمەيدۇ. خۇدانىڭ ئىبراھىمغا بەرگەن بۇ ۋەدىسىدىكى «سېنىڭ ئەۋلادىڭغا» دېگەن سۆز نۇرغۇن كىشىنى ئەمەس، يالغۇز بىرسىنى، يەنى ئەيسا مەسىھنى كۆرسىتىدۇ.