Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 1:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

12 دېمەك، مەن ئاراڭلاردا بولسام، بىر-بىرىمىزنىڭ ئېتىقادىدىن ئۆزئارا ئىلھام ئالالايمىز.

Gade chapit la Kopi




رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 1:12
17 Referans Kwoze  

ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمەتكارى ۋە ئەلچىسى بولغان مەنكى سىمۇن پېترۇستىن سىلەرگە سالام! سىلەر بىزنىڭ خۇدايىمىز ۋە قۇتقۇزغۇچىمىز بولغان ئەيسا مەسىھنىڭ ئادىللىقى ئارقىلىق بىز بىلەن ئوخشاش قىممەتلىك بىر ئېتىقادقا مۇيەسسەر بولدۇڭلار.


خۇدائاتىمىز ۋە قۇتقۇزغۇچىمىز ئەيسا مەسىھكە بولغان ئورتاق ئېتىقاد يولىدا ئۆز ئوغلۇمدەك بولۇپ قالغان ساڭا مېھىر-شەپقەت ۋە ئامانلىق ئاتا قىلغاي!


بىز سىلەرنىڭ شۇ قىزغىنلىقىڭلاردىن تەسەللى تاپتۇق. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تىتۇسنىڭ خۇشاللىقىنى كۆرۈپ، خۇشاللىقىمىز تېخىمۇ ئاشتى. چۈنكى، سىلەرنىڭ سەۋەبىڭلاردىن ئۇنىڭ روھى كۆتۈرەڭگۈ ئىدى.


شۇنداق قىلساڭلار، خۇدا بۇيرۇسا، شاد-خۇراملىق بىلەن يېنىڭلارغا بېرىپ، سىلەر بىلەن بىللە ئىستىراھەت قىلالايمەن.


بارنابا يېتىپ بېرىپ، خۇدانىڭ ئۇ يەردىكى خەلققە بەخت ئاتا قىلغانلىقىنى كۆرۈپ، خۇشال بولدى. ئۇ كۆپچىلىكنى جان-دىلى بىلەن رەببىمىز ئەيساغا سادىق بولۇشقا رىغبەتلەندۈردى.


قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، مەن ئەسلى سىلەرگە ھەممىمىز بەھرىمەن بولۇۋاتقان قۇتقۇزۇلۇش توغرىسىدا يېزىشقا ئىنتىزار بولۇپ كەلگەنىدىم. بىراق، ھازىر بۇنىڭ ئورنىغا سىلەرنى خۇش خەۋەرنىڭ ھەقىقىتىنى ساقلاش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە، بۇ خەتنى يېزىش كېرەكلىكىمنى ھېس قىلدىم. خۇدا بۇ ئۆزگەرمەس ھەقىقەتنى بىر يولىلا ئۆزىنىڭ مۇقەددەس خەلقىگە ئامانەت قىلغان.


پەرزەنتلىرىڭىزدىن بەزىلىرىنىڭ ئەرشتىكى ئاتىمىزدىن ئالغان ئەمر بويىچە ھەقىقەت يولىدا ماڭغانلىقىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن خۇرسەن بولدۇم.


ئايرىلغان ۋاقتىمىزدا ئاققۇزغان كۆز ياشلىرىڭنى ئەسلىگىنىمدە، سەن بىلەن يەنە بىر قېتىم كۆرۈشۈشنى ئىنتايىن ئارزۇ قىلىمەن. سەن بىلەن كۆرۈشۈش مېنى ئىنتايىن خۇشال قىلىدۇ.


رەببىمىز بىر، ئېتىقادىمىزمۇ بىر بولۇپ، ئوخشاش بىر چۆمۈلدۈرۈلۈشنى قوبۇل قىلدۇق.


چۈنكى، سىلەرگە ئېتىقادىڭلارنى مۇستەھكەملەشتە بىرەر ياردەم بېرىش ئۈچۈن، سىلەر بىلەن كۆرۈشۈشنى ئىنتايىن ئارزۇ قىلىمەن.


قېرىنداشلار، شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، مەن يېنىڭلارغا بېرىشنى كۆپ قېتىم پىلانلىغان بولساممۇ، لېكىن بۈگۈنگىچە توسالغۇغا ئۇچراپ كەلدىم. ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈش يولىدا باشقا يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئارىسىدا ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشكىنىمدەك، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىمۇ ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىپ كەلدىم.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite