رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 1:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى11 چۈنكى، سىلەرگە ئېتىقادىڭلارنى مۇستەھكەملەشتە بىرەر ياردەم بېرىش ئۈچۈن، سىلەر بىلەن كۆرۈشۈشنى ئىنتايىن ئارزۇ قىلىمەن. Gade chapit la |
ئەتىسى سەھەردە جامائەت ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ، تىقوۋا چۆلىگە بارماقچى بولۇشتى. ئۇلار يولغا چىقىدىغان ۋاقىتتا، يىھوشافات ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ، مۇنداق دېدى: _ ئەي يېرۇسالېملىقلار، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيەلىكلەر، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىپ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئىشىنىڭلار، شۇندىلا مەزمۇت تۇرىسىلەر، پەيغەمبەرلىرىگە ئىشىنىڭلار، شۇندىلا غەلىبە قىلىسىلەر.
ھازىر بۇ يەرلەردە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش خىزمىتىنى ئورۇنداپ بولدۇم. ئۇنىڭ ئۈستىگە، كۆپ يىللاردىن بېرى، سىلەرنى يوقلاپ بېرىش ئارزۇيۇم بار ئىدى. شۇڭا، مەن ئىسپانىيىگە كېتىۋاتقىنىمدا يول ئۈستىدە سىلەرگە يولۇققاچ، بىر مەزگىل سىلەر بىلەن بىللە تۇرماقچىمەن. ئاندىن، سىلەرنىڭ ياردەم قىلىپ، يولغا سېلىپ قويۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.