رىملىقلارغا يېزىلغان خەت 1:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى1 ئەلچى بولۇشقا چاقىرىلىپ، خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى تارقىتىشقا تاللانغان، ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمەتكارى بولغان مەنكى پاۋلۇستىن سالام! Gade chapit la |
خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن ئەيسا مەسىھنىڭ ئەلچىسى بولۇشقا چاقىرىلغان مەنكى پاۋلۇستىن ۋە مەن ئارقىلىق قېرىندىشىمىز سوستېنىستىن كورىنت شەھىرىدىكى خۇداغا مەنسۇپ بولغان ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە سالام. ئەيسا مەسىھكە ئىبادەت قىلىۋاتقان ھەرقايسى جايدىكى كىشىلەرگە ئوخشاش، سىلەرمۇ بىزنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ رەببى بولغان ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدا تەرىپىدىن پاك قىلىنىپ، خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقى بولۇشقا چاقىرىلدىڭلار.
ئامرامنىڭ ھارۇن ۋە مۇسا ئىسىملىك ئىككى ئوغلى بار ئىدى. ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىگە ئاتالغان بولۇپ، ئۇلار ئەڭ مۇقەددەس بۇيۇملارنى باشقۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى. ئۇلار يەنە پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئۇنىڭغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىشقا، پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا ۋە خەلققە مەڭگۈ بەخت تىلەشكە تەيىنلەنگەنىدى.