Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ۋەھىيلەر 9:20 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

20 قالغان ئىنسانلار، يەنى بۇ بالايىئاپەتلەردىن ئامان قالغۇچىلار ئۆز قىلمىشلىرىغا توۋا قىلمىدى. جىنلارغا، كۆرەلمەس، ئاڭلىيالماس ۋە ماڭالماس ئالتۇن، كۈمۈش، تۇچ ۋە ياغاچ بۇتلارغا چوقۇنۇشتىن ۋاز كەچمىدى.

Gade chapit la Kopi




ۋەھىيلەر 9:20
43 Referans Kwoze  

سىلى ھاكاۋۇرلىشىپ، ئەرشتىكى ئىگىمىزگە قارشى ئىش قىلدىلا. ئىگىمىزنىڭ ئىبادەتخانىسىغا تەۋە بولغان قەدەھلەرنى ئېلىپ چىقىپ، ئاياللىرى، توقاللىرى ۋە ئەمەلدارلىرى بىلەن بىرگە ئۇلاردا شاراب ئىچىشتىلە. سىلى يەنە ھېچنېمىنى كۆرەلمەيدىغان، ئاڭلىيالمايدىغان، ھېچنېمىنى بىلمەيدىغان ئالتۇن، كۈمۈش، تۇچ، تۆمۈر، ياغاچ ۋە تاشلاردىن ياسالغان بۇتلارنى مەدھىيەلىدىلە. ئەمما سىلىگە ھايات بەرگۈچى ۋە ھايات يوللىرىنى بەلگىلىگۈچى خۇدانى ئۇلۇغلىمىدىلا.


بىلىمەنكى، مەن ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، تاپتىن چىقىسىلەر ۋە مەن بۇيرۇغان يولدىن ئازىسىلەر. كەلگۈسىدە پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغان ئىشلارنى قىلىسىلەر ۋە قىلغان قىلمىشىڭلار ئارقىلىق ئۇنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرىسىلەر، بالايىئاپەت بېشىڭلارغا كېلىدۇ.


ئۇلار قاتىللىق، سېھىرگەرلىك، جىنسىي ئەخلاقسىزلىق ۋە ئوغرىلىقلىرىغىمۇ توۋا قىلمىدى.


مۇقەددەس روھ شۇنى بىزگە ئوچۇق ئېيتىدۇكى، ئاخىر زاماندا بەزىلەر ئېتىقادتىن تېنىپ، ھىيلىگەر جىنلار ۋە ئۇلارنىڭ ساختا تەلىملىرىگە ئەگىشىدۇ.


ھازىر ھېلىقى پاۋلۇس دېگەن ئەبلەخنىڭ نېمە ئىشلارنى قىلىپ يۈرگەنلىكىنى ئاڭلىغان ھەم كۆرگەن بولۇشۇڭلار كېرەك. ئۇ، «قول بىلەن ياسىۋالغان بۇتلىرىڭلار خۇدا ئەمەس» دېيىش بىلەن، ئەفەس ۋە پۈتۈن ئاسىيا ئۆلكىسىدىكى نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ، تۇيۇق يولغا باشلاۋاتىدۇ.


شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار موزاي سۈرىتىدە بىر بۇت ياساپ، ئۇنىڭغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىپ، سەجدە قىلدى. ئۆز قوللىرى بىلەن ياسىغان بۇ بۇتنى خۇشال-خۇراملىق بىلەن تەبرىكلەشتى.


مۇشۇ ئارقىلىق مەن خەلقىمگە قارشى ھۆكۈمۈمنى ئىجرا قىلىمەن. چۈنكى ئۇلارنىڭ نىيەتلىرى يامان. ئۇلار مەندىن يۈز ئۆرۈدى ۋە بۇت ئىلاھلارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىپ، ئۆزلىرى ياسىۋالغان بۇتلىرىغا چوقۇندى.


بۇ قېتىم سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا بارغىنىمدا، ئاراڭلاردىكى ناپاك، ئەخلاقسىز ۋە شەھۋانىي ئىشلارنى قىلغان، تاكى بۈگۈنگە قەدەر توۋا قىلمىغان نۇرغۇن گۇناھكارلار سەۋەبلىك خۇدانىڭ مېنى ئالدىڭلاردا خىجالەت قىلىپ قويۇشىدىن ئەنسىرەيمەن. ئۇلارنىڭ خاتا يولدىن قايتمىغانلىقى ئۈچۈن، ماتەم تۇتماي تۇرالمايمەن.


ئۇنىڭ ئالدىدا بارلىق ئىنسانلار ئەخمەق ۋە بىلىمسىزدۇر! بارلىق ھۈنەرۋەنلەر ئۆزلىرىنىڭ ياسىغان بۇتلىرى ئۈچۈن نومۇسقا قالىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ياسىغان بۇتلىرى بىر ئالدامچىلىقتۇر، بۇ بۇتلارنىڭ تىنىقى يوقتۇر.


بىز خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى بولغاچقا، ئۇنى ھۈنەرۋەننىڭ ماھارىتى بىلەن ئويۇپ ياسالغان ئالتۇن-كۈمۈش ياكى تاش بۇتلارغا ئوخشاتماسلىقىمىز كېرەك!


چۈنكى، گەرچە يەھيا پەيغەمبەر سىلەرگە ھەققانىيەت يولىنى كۆرسەتكىلى كەلگەن بولسىمۇ، سىلەر ئۇنىڭغا ئىشەنمىدىڭلار؛ لېكىن باجگىرلار بىلەن پاھىشىلەر ئۇنىڭغا ئىشەندى. سىلەر بۇنى كۆرۈپ تۇرۇپ، گۇناھىڭلارغا توۋا قىلىپ ئۇنىڭغا ئىشەنمىدىڭلار.


نېمە ئۈچۈن مىسىرغا كېلىپ، ئۆزۈڭلار ياسىۋالغان بۇت ئىلاھلارغا قۇربانلىقلارنى كۆيدۈرۈپ، غەزىپىمنى قوزغايسىلەر؟ سىلەر پەقەت ئۆزۈڭلارنى ئۆزۈڭلار ۋەيران قىلىسىلەر ھەمدە دۇنيادىكى بارلىق ئەللەر قارغايدىغان ۋە مەسخىرە قىلىدىغان نىشانغا ئايلىنىپ قالىسىلەر.


باشقا ئىلاھلارنى ئىزدەپ، ئۇلارغا چوقۇنماڭلار ۋە سەجدە قىلماڭلار. ئۆز قولۇڭلار بىلەن ياسىۋالغان بۇت ئىلاھلار بىلەن غەزىپىمنى قوزغىماڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، مەن سىلەرگە زىيان يەتكۈزمەيمەن.»


ئەي پەرۋەردىگار، سېنىڭ سەمىمىيەت ئىزدەيدىغانلىقىڭنى بىلىمەن. سەن بۇ كىشىلەرنى جازالىغان بولساڭمۇ، ئۇلار سۆزلىرىڭگە ئېتىبار قىلمىدى. ھەتتا سەن ئۇلارنى ۋەيران قىلىۋېتىشكە ئازلا قالغان چاغدىمۇ، ئۇلار خاتالىقىنى تۈزىتىشنى خالىمىدى. ئۇلار قەلبلىرىنى خۇددى تاشتەك قاتتىق قىلدى. ئۇلار توۋا قىلىشنى خالىمىدى.


قىز-ئوغۇللىرىنى ئاتىدى قۇربانلىققا، بېغىشلاپ ئۇلارنى جىن-شەيتانغا.


چۈنكى ئۇلار مەندىن يۈز ئۆرۈپ، باشقا ئىلاھلارغا قۇربانلىق كۆيدۈرۈپ، غەزىپىمنى كەلتۈردى. غەزەپ ئوتۇم مۇشۇ زېمىندا يانىدۇ، ئۆچمەيدۇ›».


چۈنكى ئۇلار مەندىن يۈز ئۆرۈپ، باشقا ئىلاھلارغا قۇربانلىق كۆيدۈرۈپ، غەزىپىمنى كەلتۈردى. غەزەپ ئوتۇم بۇ زېمىنغا تۇتىشىدۇ، ئۆچمەيدۇ›».


ئۇلار خۇداغا ئەمەس، جىنلارغا قۇربانلىق قىلدى. ئۇلار بۇرۇن بىلمىگەن، كېيىن ئاڭلىغان، ئەجدادلىرى چوقۇنمىغان ئىلاھلارغا چوقۇندى.


تۆتىنچى پەرىشتە چىنىدىكىنى قۇياشنىڭ يۈزىگە تۆكتى. بۇنىڭ بىلەن، قۇياشقا ئىنسانلارنى ئوتتەك قىزىقى بىلەن ئۆرتەش قۇدرىتى بېرىلدى.


ئۇستىكارلار زەرگەرلەرنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، تۆمۈرچىلەر بازغانچىلارنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، ‹ياخشى سوقتۇڭ!› دەپ ماختىشىدۇ. ئۇلار بۇتنى يىقىلىپ كەتمىسۇن دەپ، ئاۋايلاپ مىخلايدۇ.


ئۇلارنىڭ زېمىنى بۇتلارغا تولدى، ئۇلار ئۆز ئىجادىيىتىگە، يەنى ئۆز قوللىرى بىلەن ياسىۋالغان بۇتلارغا چوقۇندى.


ئاخاز قىيىنچىلىق مەزگىلدە پەرۋەردىگارغا تېخىمۇ كۆپ ساداقەتسىزلىك قىلدى.


ئۇلار بۇندىن كېيىن يەنە ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلىپ، قۇربانلىقلىرىنى ئۆچكە سىياقىدىكى جىنلارغا ئاتىمىسۇن. بۇ مەڭگۈلۈك بەلگىلىمىدۇر، بۇنىڭغا ئۇلار ئەۋلادمۇئەۋلاد ئەمەل قىلسۇن.


سىلەر ئۇ يەردە ياغاچ ياكى تاشتىن ياسالغان بۇت ئىلاھلارغا چوقۇنىسىلەر، ئۇلار ھېچنېمە كۆرەلمەيدۇ، ئاڭلىيالمايدۇ، يېيەلمەيدۇ ياكى پۇرىيالمايدۇ.


ئۇلار شاراب ئىچىشىۋاتقاندا، ئالتۇن، كۈمۈش، تۇچ، تۆمۈر، ياغاچ ۋە تاشلاردىن ياسالغان بۇتلارنى مەدھىيەلەشتى.


بۇتلىرىڭلارنى ۋە بۇتسىمان تاش تۈۋرۈكلىرىڭلارنى يوقىتىمەن. سىلەر ئەمدى ئۆز قولۇڭلار بىلەن ياسىغان نەرسىلەرگە چوقۇنمايسىلەر.


ئاتلارنىڭ كۈچى ئېغىزلىرىدا ۋە قۇيرۇقلىرىدا ئىدى. قۇيرۇقلىرىنىڭ يىلانغا ئوخشاش بېشى بولۇپ، بۇلار بىلەن ئادەمنى زەخىملەندۈرەتتى.


ئاسماندا زور ھەم ھەيران قالارلىق يەنە بىر كارامەتنى، يەنى ئاخىرقى يەتتە خىل بالايىئاپەتنى ئېلىپ كېلىدىغان يەتتە پەرىشتىنى كۆردۈم. خۇدانىڭ غەزىپى بۇ بالايىئاپەتلەر بىلەن ئاخىرلىشاتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite