16 بۇلارنىڭ ئاتلىق لەشكەرلىرىنىڭ سانى ئىككى يۈز مىليون ئىدى. ئۇلارنىڭ سانىنىڭ جاكارلانغانلىقىنى ئاڭلىدىم.
ئاندىن، مەن مۆھۈرلەنگەنلەرنىڭ سانىنى ئاڭلىدىم. ئىسرائىللارنىڭ پۈتۈن قەبىلىلىرىدىن 000،144 كىشى، يەنى:
خۇدانىڭ جەڭ ھارۋىلىرى نۇرغۇن، سان-ساناقسىز، سىناي تېغىدىن مۇقەددەس ئىبادەتخانىغا كىرەر ئىگىمىز.
ئوت ئۇنىڭ ھۇزۇرىدىن كەلكۈندەك يوپۇرۇلۇپ چىقاتتى. ئۇنىڭ ئەتراپىدا مىڭلىغانلار خىزمەت قىلاتتى، ئالدىدا سان-ساناقسىزلار كۈتۈپ تۇراتتى. سوئال-سوراق باشلىنىپ، پۈتۈكلەر ئېچىلدى.
مەن سېنى يولۇڭدىن ياندۇرۇپ ئەكېلىمەن. جاۋىغايلىرىڭدىن ئىلمەك بىلەن ئېلىپ، چوڭ-كىچىك قالقان تۇتقان، قىلىچ ئوينىتىدىغان بارلىق لەشكەرلىرىڭنى، ئاتلىرىڭنى ۋە ساۋۇت كىيگەن چەۋەندازلىرىڭنى سۆرەپ ئەكېلىمەن.
ئاندىن، تەختنىڭ، تىرىك مەخلۇقلارنىڭ ۋە يېتەكچىلەرنىڭ ئەتراپىدا مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان پەرىشتىلەرنى كۆردۈم ۋە ئۇلارنىڭ ئاۋازلىرىنى ئاڭلىدىم.
زامان ئاخىرى بولغاندا جەنۇبتىكى پادىشاھ شىمالدىكى پادىشاھقا ھۇجۇم قىلىدۇ. شىمالدىكى پادىشاھ جەڭ ھارۋىلىرى، چەۋەندازلىرى ۋە كېمىلىرىنى ئىشلىتىپ، كۈچلۈك قايتۇرما زەربە بېرىدۇ. ئۇنىڭ قوشۇنلىرى خۇددى كەلكۈندەك ھەممە يەرنى باسىدۇ. ئۇ نۇرغۇن دۆلەتلەرنى بېسىۋالىدۇ.
ئاشنىلىرىنىڭ ھەممىسى كۆك كىيىم كىيگەن ئەمەلدار ۋە سەركەردىلەر بولۇپ، قامەتلىك، قىران چەۋەندازلار ئىدى.