9 دېڭىزدىكى جانىۋارلارنىڭ ئۈچتىن بىرى ئۆلدى ۋە كېمىلەرنىڭ ئۈچتىن بىرى ۋەيران بولدى.
ئىككىنچى پەرىشتە چىنىدىكىنى دېڭىزغا تۆكتى. دېڭىز سۈيى ئۆلۈكنىڭ قېنىغا ئوخشاش قانغا ئايلاندى ۋە ئىچىدىكى پۈتۈن جانلىقلار ئۆلدى.
بىرىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالغاندا، مۆلدۈر بىلەن ئوت قانغا ئارىلاشقان ھالدا ياغدۇرۇلدى. زېمىننىڭ ئۈچتىن بىرى، دەل-دەرەخلەرنىڭ ئۈچتىن بىرى ۋە پۈتكۈل يېشىل ئوت-چۆپلەر كۆيۈپ كەتتى.
تۆتىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالغاندا، قۇياشنىڭ، ئاينىڭ ۋە يۇلتۇزلارنىڭ ئۈچتىن بىرى زەربىگە ئۇچرىدى. نەتىجىدە، قۇياش، ئاي ۋە يۇلتۇزلارنىڭ يورۇقلۇقىنىڭ ئۈچتىن بىرى ئۆچتى. كۈندۈزنىڭ ئۈچتىن بىرى قاراڭغۇلۇققا ئايلاندى، كېچىنىڭ ئۈچتىن بىرىدە يورۇقلۇق يوقالدى.
ئۈچىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالغاندا، ئاسماندىن مەشئەلدەك يالقۇنلاپ يانغان چوڭ بىر يۇلتۇز دەريالارنىڭ ئۈچتىن بىرىنىڭ ۋە بۇلاقلارنىڭ ئۈستىگە چۈشتى.
خۇددى ئەڭ يىراق تارشىشقا بارىدىغان كاتتا كېمىلەرنى ۋە ھەشەمەتلىك كېمىلەرنى بۇزۇپ تاشلىغاندەك بۇزۇپ تاشلايدۇ.
مەن پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەنكى، بۇ زېمىندىكى ئادەملەرنىڭ ئۈچتىن ئىككىسى يوقىلىدۇ، پەقەت ئۈچتىن بىرى تىرىك قالىدۇ.
ئى خۇدا، چىقىرىپ شەرق شامىلىڭنى، ۋەيران قىلدىڭ «تارشىشنىڭ كېمىلىرى»نى.
بۇ تىر شەھىرى توغرىسىدىكى ۋەھىيدۇر: يىراقتىكى تارشىشتىن قايتىپ كەلگەن دېڭىزچىلار قايغۇرۇپ نالە قىلىڭلار. شەھىرىڭلار تىر گۇمران بولىدۇ، ھېچبىر ئۆي ۋە پىرېستان ساق قالمايدۇ. بۇ خەۋەر ئۇلارغا سىپرۇس زېمىنىدا يەتكۈزۈلىدۇ.
نىل دەرياسىدىكى بېلىقلار ئۆلدى. دەريا سۈيى سېسىق پۇراپ، مىسىرلىقلار بۇ سۇنى ئىچەلمەيدىغان بولۇپ قالدى. مىسىرنىڭ ھەممە يېرىنى قان قاپلىدى.
مەن ئۇلارنى ئوتتا سىنايمەن. ئۇلارنى تاۋلانغان كۈمۈشتەك پاك قىلىمەن. ئۇلارنى ئالتۇننى تاۋلىغاندەك تاۋلايمەن. ئۇلار مېنىڭ نامىمنى چاقىرىدۇ. مەن ئۇلارغا جاۋاب بېرىمەن. مەن: ‹بۇلار مېنىڭ خەلقىمدۇر› دەيمەن، ئۇلار: ‹پەرۋەردىگار بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر› دېيىشىدۇ.»
دەل شۇ يىل، شۇ ئاي، شۇ كۈن ۋە شۇ سائەت ئۈچۈن ھازىرلاپ قويۇلغان بۇ تۆت پەرىشتە ئىنسانلارنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن باغلاقتىن بوشىتىلدى.
ئىنسانلارنىڭ ئۈچتىن بىرى بۇلارنىڭ ئاغزىدىن پۈركۈلگەن ئوت، تۈتۈن ۋە گۈڭگۈرتتىن ئىبارەت بۇ ئۈچ ئاپەتتىن ئۆلدى.
ئۇ ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنىڭ ئۈچتىن بىرىنى قۇيرۇقى بىلەن سۈرۈپ، يەر يۈزىگە چۈشۈرۈۋەتتى. ئاندىن، ئايال يەڭگىگەن ھامان ئۇنىڭ بالىسىنى يالماپ يۇتۇۋەتمەكچى بولۇپ، تۇغۇت ئۈستىدىكى ئايالنىڭ ئالدىدا تۇردى.