Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ۋەھىيلەر 8:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 ئاندىن، پەرىشتە ئىسرىقداننى قولىغا ئېلىپ، ئۇنى قۇربانلىق سۇپىسىدىكى ئوت بىلەن تولدۇرۇپ، يەر يۈزىگە ئاتتى. ئۇ چاغدا، گۈلدۈرمامىنىڭ گۈلدۈر-قاراسلىرى ئاڭلاندى. چاقماقلار چېقىپ، يەر-زېمىن تەۋرەندى.

Gade chapit la Kopi




ۋەھىيلەر 8:5
24 Referans Kwoze  

ئاندىن، خۇدانىڭ ئەرشتىكى ئىبادەتخانىسى ئېچىلدى ۋە ئۇنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئۇ يەردە كۆرۈندى. شۇئان چاقماقلار چېقىپ، گۈلدۈرمامىنىڭ گۈلدۈر-قاراسلىرى ئاڭلاندى. زېمىن تەۋرىنىپ، دەھشەتلىك مۆلدۈر يېغىپ كەتتى.


تەختتىن چاقماقلار چېقىپ، گۈلدۈرمامىنىڭ گۈلدۈر-قاراسلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. تەختنىڭ ئالدىدا يالقۇنلاپ تۇرغان يەتتە مەشئەل بار ئىدى. بۇلار خۇدانىڭ يەتتە روھى ئىدى.


تۇيۇقسىز قاتتىق يەر تەۋرەپ، زىنداننىڭ ئۇللىرىمۇ سىلكىنىپ كەتتى. زىنداننىڭ پۈتۈن ئىشىكلىرى ئېچىلىپ، مەھبۇسلاردىكى كىشەنلەرمۇ چۈشۈپ كەتتى.


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار خۇددى گۈلدۈرمامىدەك، يەر تەۋرىگەندەك دەھشەتلىك بىر ئاۋاز بىلەن كېلىدۇ. جۇدۇن-چاپقۇن، قارا بوران ۋە ئۇلغىيىپ كۆيۈۋاتقان ئوت بىلەن كېلىدۇ.


پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازى گۈلدۈرلەپ ئاسماندا ياڭرىتىپ ئاۋازىنى ئۇلۇغ خۇدا، ياغدۇردى مۆلدۈر ۋە قىپقىزىل چوغلار.


ئاندىن ھۇزۇرۇمدىكى قۇربانلىق سۇپىسىدىن چوغ ئېلىپ، ئىسرىقداننى تولدۇرسۇن ۋە يۇمشاق ئېزىلگەن خۇشبۇي ئىسرىقلاردىن بىر ئوچۇم ئېلىپ، پەردىنىڭ كەينىدىكى ئەڭ مۇقەددەس جايغا كىرسۇن


دەل شۇ چاغدا، زېمىن شىددەتلىك تەۋرەندى، شەھەرنىڭ ئوندىن بىرى گۇمران بولۇپ، يەتتە مىڭ كىشى ھالاك بولدى. قالغانلىرى ئىنتايىن قورقۇشۇپ، ئەرشتىكى خۇدانى ئۇلۇغلاشتى.


ئاندىن، قوزىنىڭ ئالتىنچى پېچەتنى ئاچقانلىقىنى كۆردۈم. بۇ ۋاقىتتا، زېمىن قاتتىق تەۋرىنىپ، قۇياش بەئەينى قاپقارا كۆمۈرنىڭ، ئاي بولسا قاننىڭ رەڭگىگە كىردى.


ئۇلارنىڭ دۇئالىرى ئاياغلاشقاندا، ئۇلارنىڭ تۇرغان يېرى تەۋرىنىپ كەتتى. ئۇلار مۇقەددەس روھقا چۆمۈپ، خۇدانىڭ سۆزلىرىنى يۈرەكلىك يەتكۈزۈشكە باشلىدى.


- مەن دۇنياغا ئوت يېقىشقا كەلدىم. بۇ ئوتنىڭ يېنىپ كېتىشىنى نەقەدەر ئارزۇ قىلىمەن-ھە!


بىر مىللەت يەنە بىر مىللەت بىلەن ئۇرۇش قىلىدۇ. بىر دۆلەت يەنە بىر دۆلەتكە ھۇجۇم قىلىدۇ. نۇرغۇن جايلاردا ئاچارچىلىق ۋە يەر تەۋرەشلەر يۈز بېرىدۇ.


شەھەردىن ۋاراڭ-چۇرۇڭ ئاڭلانماقتا، ئىبادەتخانىدىن بىر ئاۋاز كەلمەكتە، بۇ، مەن پەرۋەردىگارنىڭ دۈشمەنلىرىمنى جازالىغان ئاۋازدۇر!


خۇددى ئۇلۇغ ئوت ھەممە نەرسىنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدىغاندەك، خۇددى جۇدۇن-چاپقۇن ئېلىپ كەلگەن قارا يامغۇر بىلەن مۆلدۈردەك، پەرۋەردىگار ئۇلۇغ ئاۋازىنى ھەممە ئادەمگە ئاڭلىتىدۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ جازالايدىغان غەزەپلىك قولىنى ھەممە ئادەمگە كۆرسىتىدۇ.


پەرۋەردىگار: _ سەن غاردىن چىقىپ، تاغدا ھۇزۇرۇمدا تۇرغىن، مەن يېنىڭدىن ئۆتىمەن، _ دېدى. شۇ ئەسنادا قاتتىق بوران تاغلارنى يېرىپ، قورام تاشلارنى پارچىلىۋەتتى، لېكىن پەرۋەردىگار بوران بىلەن كەلمىدى. بوران ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، يەر تەۋرىدى. لېكىن پەرۋەردىگار يەر تەۋرەش بىلەنمۇ كەلمىدى.


سىلەر ئازال دېگەن جايغىچە سوزۇلغان بۇ جىلغىدىن قېچىپ ئۆتىسىلەر. سىلەر خۇددى يەھۇدىيە پادىشاھى ئۇززىيا دەۋرىدە خەلق يەر تەۋرەشتىن قاچقاندەك قاچىسىلەر. ئۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگارىم خۇدا بارلىق پەرىشتىلىرى بىلەن بىرگە كېلىدۇ.


مەن يەرەمىيا مۇنداق دېدىم: «يايىڭلارنىڭ ئوقىنى ئۇچلاڭلار! قالقانلىرىڭلارنى ئېلىڭلار! پەرۋەردىگار مىدىيالىقلارنىڭ پادىشاھلىرىنى قوزغاپ، ئۇلار ئارقىلىق بابىلنى گۇمران قىلماقچى. ئۇ ۋەيران قىلىنغان ئىبادەتخانىسى ئۈچۈن قىساس ئالىدۇ.


ئۈچىنچى كۈنى ئەتىگەندە ھاۋا گۈلدۈرلەپ، چاقماق چېقىپ، تاغدا بىر پارچە قويۇق بۇلۇت پەيدا بولدى. بۇرغىنىڭ قاتتىق چېلىنغان ئاۋازى ئاڭلاندى. قارارگاھتىكىلەر بۇنى ئاڭلاپ، قورقۇپ تىترەپ كېتىشتى.


ئالتۇن ئىسرىقدان تۇتقان يەنە بىر پەرىشتە كېلىپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئالدىدا تۇردى. تەختنىڭ ئالدىدىكى ئالتۇن قۇربانلىق سۇپىسىدا خۇدانىڭ بارلىق مۇقەددەس خەلقىنىڭ دۇئالىرى بىلەن بىللە ئاتاش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا كۆپ ئىسرىق بېرىلدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite