Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ۋەھىيلەر 8:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

12 تۆتىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالغاندا، قۇياشنىڭ، ئاينىڭ ۋە يۇلتۇزلارنىڭ ئۈچتىن بىرى زەربىگە ئۇچرىدى. نەتىجىدە، قۇياش، ئاي ۋە يۇلتۇزلارنىڭ يورۇقلۇقىنىڭ ئۈچتىن بىرى ئۆچتى. كۈندۈزنىڭ ئۈچتىن بىرى قاراڭغۇلۇققا ئايلاندى، كېچىنىڭ ئۈچتىن بىرىدە يورۇقلۇق يوقالدى.

Gade chapit la Kopi




ۋەھىيلەر 8:12
26 Referans Kwoze  

قۇياش غۇۋالىشىدۇ، ئاي قان رەڭگىگە كىرىدۇ. پەرۋەردىگارنىڭ بۈيۈك ۋە ھەيۋەتلىك كۈنى كېلىشتىن بۇرۇن، بۇ ئىشلار يۈز بېرىدۇ.


ئاسماندىكى يۇلتۇزلار ۋە يۇلتۇز تۈركۈملىرى ئۆز يورۇقلۇقىنى چۈشۈرمەيدۇ. قۇياش قاپقارا بولۇپ چىقىدۇ، ئايمۇ يورۇقلۇق بەرمەيدۇ.


ئۇلار نەگىلا بارسا، ئاسمان-زېمىن تىترەيدۇ. كۈن، ئاي تۇتۇلىدۇ، يۇلتۇزلارمۇ چاقنىمايدۇ.


ئاندىن، قوزىنىڭ ئالتىنچى پېچەتنى ئاچقانلىقىنى كۆردۈم. بۇ ۋاقىتتا، زېمىن قاتتىق تەۋرىنىپ، قۇياش بەئەينى قاپقارا كۆمۈرنىڭ، ئاي بولسا قاننىڭ رەڭگىگە كىردى.


ئىنسانلارنىڭ ئۈچتىن بىرى بۇلارنىڭ ئاغزىدىن پۈركۈلگەن ئوت، تۈتۈن ۋە گۈڭگۈرتتىن ئىبارەت بۇ ئۈچ ئاپەتتىن ئۆلدى.


دەل شۇ يىل، شۇ ئاي، شۇ كۈن ۋە شۇ سائەت ئۈچۈن ھازىرلاپ قويۇلغان بۇ تۆت پەرىشتە ئىنسانلارنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن باغلاقتىن بوشىتىلدى.


- ئۇ كۈنلەردىكى بالايىئاپەتلەر ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، «قۇياش قارىيىپ، ئاي يورۇقلۇق بەرمەس،


- ئۇ بالايىئاپەتلىك كۈنلەر ئۆتۈپ كەتكەن ھامان، «قۇياش قارىيىپ، ئاي يورۇقلۇق بەرمەس، يۇلتۇزلار ئاسماندىن تۆكۈلۈپ، ئاسمان جىسىملىرى لەرزىگە كېلەر.»


ئۇ كۈنى ئاي، كۈن تۇتۇلىدۇ، يۇلتۇزلارمۇ چاقنىمايدۇ.


ئۇ ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنىڭ ئۈچتىن بىرىنى قۇيرۇقى بىلەن سۈرۈپ، يەر يۈزىگە چۈشۈرۈۋەتتى. ئاندىن، ئايال يەڭگىگەن ھامان ئۇنىڭ بالىسىنى يالماپ يۇتۇۋەتمەكچى بولۇپ، تۇغۇت ئۈستىدىكى ئايالنىڭ ئالدىدا تۇردى.


چۈنكى، بۇ دۇنيانىڭ ھۆكۈمرانى بولغان شەيتان خۇدانىڭ ئوبرازى بولغان ئەيسا مەسىھنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى بىلدۈرىدىغان خۇش خەۋەرنىڭ نۇرى ئېتىقادسىزلارنىڭ دىلىنى يورۇتمىسۇن دەپ، ئۇلارنىڭ ئەقلىنى ئىشلىمەس قىلىپ قويدى.


- مەن كېلىشتىن بۇرۇن، قۇياش، ئاي، يۇلتۇزلار غەيرىي تۈس ئالىدۇ. يەر يۈزىدىكى ئەللەر دېڭىز-ئوكيانلارنىڭ غەزەپلىك شاۋقۇنىدىن ئالاقزادە بولىدۇ.


چۈش ۋاقتى سائەت ئون ئىككىدە، پۈتۈن زېمىننى قاراڭغۇلۇق قاپلاپ، سائەت ئۈچكىچە داۋام قىلدى.


چۈش ۋاقتى سائەت ئون ئىككىدىن سائەت ئۈچكىچە پۈتۈن زېمىننى قاراڭغۇلۇق باستى.


مەن مۇنداق دېدىم: «مەن زېمىنغا قارىدىم، ھېچ نېمە يوق، قاقاسلىق ئىدى. مەن ئاسمانغا قارىدىم، يورۇقلۇق يوق ئىدى.


ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «شۇ كۈنى مەن چۈشتە قۇياشنى پاتۇرۇپ، زېمىنىغا قاراڭغۇلۇق چۈشۈرىمەن.


ئاسماندىكى ئاي ئوڭايسىزلىنىدۇ. كۈن ئىزا تارتىدۇ، چۈنكى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار يېرۇسالېمدىكى سىئون تېغىدا ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. ئۇ ئۆز خەلقىنىڭ ئاقساقاللىرىغا شان-شەرىپىنى نامايان قىلىدۇ.


بەشىنچى پەرىشتە چىنىدىكىنى دىۋىنىڭ تەختىگە تۆكتى. دىۋىنىڭ پادىشاھلىقىنى قاراڭغۇلۇق باستى. ئىنسانلار ئازابتىن تىللىرىنى چىشلەشتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite