Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ۋەھىيلەر 7:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9 ئاندىن، ھەر خەلق، ھەر قەبىلە، ھەر مىللەتتىن بولغان، ھەر خىل تىللاردا سۆزلىشىدىغان ساناپ تۈگەتكۈسىز زور بىر توپ خالايىقنىڭ تەختنىڭ ۋە قوزىنىڭ ئالدىدا تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاق تون كىيگەن بولۇپ، قوللىرىدا خورما شاخلىرى تۇتقانىدى.

Gade chapit la Kopi




ۋەھىيلەر 7:9
41 Referans Kwoze  

ئۇلار يېڭى بىر قوشاق ئېيتىشتى: «ئورام يازمىنى ئېلىشقا ۋە پېچەتلەرنى ئېچىشقا لايىقسەن. چۈنكى بوغۇزلاندىڭ ۋە ھەر قەبىلىدىن، ھەر تىلدىن، ھەر مىللەتتىن، ھەر خەلقتىن بولغان ئىنسانلارنى ئۆز قېنىڭ بەدىلى بىلەن خۇداغا مەنسۇپ قىلدىڭ.


ئۇلار قوللىرىغا خورما شاخلىرىنى تۇتۇشقان ھالدا ئۇنى قارشى ئالغىلى چىقىشتى ۋە «خۇداغا شۈكۈر! پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا كەلگۈچىگە مۇبارەك بولسۇن! ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھىغا مۇبارەك بولسۇن!» دەپ ۋارقىراشتى.


سورا مەندىن، بېرىمەن ئىلكىڭگە بارچە خەلقنى، تەئەللۇق قىلىمەن ساڭا پۈتۈن زېمىننى.


ئۇ كۈنلەردە نۇرغۇنلىغان خەلقلەر مەن پەرۋەردىگارغا باغلىنىپ، مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ. مەن ئۆزۈم سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ياشايمەن. ئەنە شۇ چاغدا، مەنكى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ زىكىرىيانى سىلەرگە ئەۋەتكەنلىكىمنى بىلىسىلەر.


ئۇنىڭدىن كېيىن، يەتتىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالدى. ئەرشتىن كەلگەن جاراڭلىق ئاۋازلار مۇنداق دەيتتى: «دۇنيانىڭ پادىشاھلىقى پەرۋەردىگارىمىز ۋە ئۇنىڭ مەسىھىگە مەنسۇپ بولدى. ئۇ ئەبەدىلئەبەد ھۆكۈم سۈرگۈسى.»


ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە بىردىن ئاق تون بېرىلگەن بولۇپ، خۇداغا خىزمەت قىلغان، ئۆزلىرىگە ئوخشاش ئۆلتۈرۈلىدىغان ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىنىڭ سانى توشقۇچە ئازغىنە ۋاقىت كۈتۈشى تەلەپ قىلىنغانىدى.


شۇڭا، باي بولۇشۇڭ ئۈچۈن ئوت بىلەن تاۋلانغان ئالتۇن، يالىڭاچلىق ئەيىبىڭنى يېپىشىڭ ئۈچۈن كىيىدىغان ئاق كىيىم-كېچەك، كۆرۈشۈڭ ئۈچۈن كۆزلىرىڭگە سۈرتىدىغان مەلھەملەرنى مەندىن سېتىۋېلىشىڭنى تەۋسىيە قىلىمەن.


قېرىنداشلار، ئۆزۈڭلارنى يەھۇدىيلاردىن ئۈستۈن تۇتۇشتىن ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، مۇنداق بىر سىردىن خەۋەرسىز قېلىشىڭلارنى خالىمايمەن. بۇ سىر بولسا: بىر قىسىم ئىسرائىللار خۇدا ئەۋەتكەن قۇتقۇزغۇچىنى ھازىرغىچە تەرسالىق بىلەن رەت قىلسىمۇ، بىراق بۇ ئەھۋال پەقەتلا قۇتقۇزۇلغان يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ سانى تولۇقلانغۇچە داۋاملىشىدۇ.


ئۇ ۋاقىتتا ئۇلار يېرۇسالېمنى ‹پەرۋەردىگارنىڭ تەختى› دەپ ئاتايدۇ. بارلىق ئەللەر يېرۇسالېمغا يىغىلىپ، مېنىڭ نامىمغا شان-شەرەپ ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇلار ئەمدى جاھىللارچە ئۆزلىرىنىڭ يامان نىيەتلىرىگە ئەگىشىپ ماڭمايدۇ.


ھەر ۋاقىت ھوشيار بولۇڭلار، يۈز بېرىدىغان بۇ ئالامەتلەردىن ئامان-ئېسەن ئۆتەلىشىڭلار ۋە قىيامەت كۈنى ئىنسانئوغلى ئالدىدا قورقماي تۇرالىشىڭلار ئۈچۈن ھەر دائىم دۇئا قىلىڭلار، - دېدى.


مىڭلىغان كىشىلەر قىستا-قىستاڭچىلىقتىن بىر-بىرىنى دەسسىۋەتكۈدەك بولۇشۇپ كەتكەنىدى. ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا قاراپ: - سىلەر پەرىسىيلەرنىڭ ئېچىتقۇسىدىن، يەنى ساختىپەزلىكىدىن ھوشيار بولۇڭلار.


يۈزلىنەر پەرۋەردىگارغا، ياد ئېتىپ ئۇنى بارچە خەلقلەر، ئى پەرۋەردىگار، سەجدە قىلار ئالدىڭدا بارلىق قەبىلىلەر.


بىرىنچى كۈنى ئەڭ ياخشى مېۋىلەردىن ئۈزۈۋېلىڭلار. خورما دەرىخىنىڭ شاخلىرىدىن، يوپۇرماقلىرى قويۇق بولغان دەرەخ شاخلىرىدىن ۋە دەريا بويىدىكى سۆگەت تاللىرىدىن ئېلىپ، كەپە تىكىڭلار ۋە مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا يەتتە كۈن شاد-خۇراملىق بىلەن ھېيت ئۆتكۈزۈڭلار.


تەختنىڭ ئەتراپىدا يەنە يىگىرمە تۆت تەخت بار ئىدى. تەختلەردە باشلىرىغا ئالتۇن تاج كىيگەن، ئاق تونغا ئورانغان يىگىرمە تۆت يېتەكچى ئولتۇراتتى.


سىلەر سىئون تېغىغا، يەنى مەڭگۈ ھايات خۇداغا تەئەللۇق - ئەرشتىكى يېرۇسالېمغا كەلدىڭلار. ئۇ ھېيت-مەرىكە خۇشاللىقىغا چۆمگەن ئون مىڭلىغان پەرىشتىلەر يىغىلغان،


بۇنىڭ بىلەن بىر ئادەمدىن، بولۇپمۇ يېشى بىر يەرگە بېرىپ قالغان ئادەمدىن ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك كۆپ ۋە دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك سانسىز ئەۋلادلار بارلىققا كەلدى.


مۈشكۈل كۈنلەردە دۈشمەننىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرالىشىڭلار ھەمدە جەڭدىن كېيىنمۇ قەددىڭلارنى رۇسلاپ تۇرالىشىڭلار ئۈچۈن، خۇدا ئاتا قىلغان قوغدىنىش قوراللىرى بىلەن تولۇق قوراللىنىڭلار.


لېكىن شۇنداق بىر ۋاقىتلار كېلىدۇكى، ئىسرائىلىيە خەلقى خۇددى دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك سان-ساناقسىز كۆپىيىدۇ. مەن بۇرۇن ئۇلارغا قەيەردە: «سىلەر مېنىڭ خەلقىم ئەمەس» دېگەن بولسام، يەنە شۇ يەردە ئۇلارغا: «سىلەر مەنكى مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ پەرزەنتلىرىدۇرسىلەر» دەيمەن.


پادىشاھ دارىئوس يەر يۈزىدىكى ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغان ئەل ۋە خەلقلەرگە مەكتۇپ يوللاپ مۇنداق دېدى: «ھەممىڭلارغا ئامانلىق تىلەيمەن!


ئۇ يەتكۈزدى ئىسرائىللارغا مېھىر ۋە مۇھەببىتىنى، ئۇنتۇمىدى ئۇ زىنھار ئىسرائىللارغا بولغان ساداقىتىنى، بارچە ئاۋام كۆردى ھەم ئىگىمىزنىڭ ئۇتۇقىنى.


پادىشاھ نىبۇكادنەزەر يەر يۈزىدە ياشايدىغان ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغان ئەل ۋە خەلقلەرگە مەكتۇپ يوللاپ، مۇنداق دېدى: _ ھەممىڭلارغا ئامانلىق تىلەيمەن!


يەھۇدا تۇتار سەلتەنەت ھاسىسىنى، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى يۈرگۈزەر ھاكىمىيەتنى. كېيىن پۈتكۈل ئەل ئۇنىڭغا ئولپان تاپشۇرار، پۈتكۈل خەلق ھەم تەزىم قىلار.


ئاندىن، تەختنىڭ، تىرىك مەخلۇقلارنىڭ ۋە يېتەكچىلەرنىڭ ئەتراپىدا مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان پەرىشتىلەرنى كۆردۈم ۋە ئۇلارنىڭ ئاۋازلىرىنى ئاڭلىدىم.


مۇشەققەتتە رەببىم ساڭا تەلپۈندىم، كېچىلىرى دۇئا قىلىپ ئۆتۈندىم، تەسەللىگە ئېرىشمىدى بۇ كۆڭلۈم.


مەن سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭنى ھەددى-ھېسابسىز كۆپەيتىمەن. يەر يۈزىدىكى قۇمنى ھېچكىم سانىيالمىغانغا ئوخشاش، ئۇلارنىڭ سانىنىمۇ ھېچكىم سانىيالمايدۇ.


ئاندىن مەن دېدىم: _ ئى پەرۋەردىگار، سەن مېنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتىم ۋە قورغىنىمدۇرسەن، قىيىنچىلىق كۈنلەردىكى پاناھگاھىمسەن! زېمىننىڭ ئەڭ يىراق چېتىدىن كەلگەن خەلقلەر ساڭا كېلىپ: «ئەجدادلىرىمىزنىڭ ساختا ئىلاھلىرى ۋە كېرەكسىز بۇتلىرىدىن باشقا ھېچنېمىسى بولمىغانىدى.


ئى خۇدا، شەرىپىڭ پارلاق نۇرلار چاچار، ئوۋغا باي تاغلاردىنمۇ زور ھەيۋىتىڭ بار.


مەن ئىسقىرتىپ، ئۇلارنى يىغىمەن. ئۇلارنى چوقۇم قۇتقۇزىمەن. ئۇلارنىڭ سانى بۇرۇنقىدەك كۆپ بولىدۇ.


زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن 000،12 كىشى، يۈسۈپ قەبىلىسىدىن 000،12 كىشى، بىنيامىن قەبىلىسىدىن 000،12 كىشى مۆھۈرلەنگەنىدى.


لەنەتكە ئۇچرايدىغان ئىشلار قالمايدۇ. خۇدانىڭ ۋە قوزىنىڭ تەختى شەھەرنىڭ ئىچىدە بولۇپ، خۇدانىڭ خىزمەتكارلىرى ئۇ يەردە ئىبادەت قىلىدۇ.


ئۇ يەنە 500 مېتىر ئۆلچىدى. سۇ تېخىمۇ يۇقىرى ئۆرلەپ، كېچىپ ماڭغىلى بولمايدىغان، پەقەت ئۈزگىلى بولىدىغان بىر دەرياغا ئايلانغانىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite