Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ۋەھىيلەر 7:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 شىمون قەبىلىسىدىن 000،12 كىشى، لاۋىي قەبىلىسىدىن 000،12 كىشى، ئىسساكار قەبىلىسىدىن 12000 كىشى،

Gade chapit la Kopi




ۋەھىيلەر 7:7
14 Referans Kwoze  

لېياھتىن تۇغۇلغانلىرى: رۇبېن (تۇنجى ئوغۇل)، شىمون، لاۋىي، يەھۇدا، ئىسساكار ۋە زەبۇلۇن.


جەمئىي 22,200 ئادەم ئىدى.


شۇنىڭ بىلەن يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر ئۆز قېرىنداشلىرى بولغان شىمون قەبىلىسىگە: _ كەنئانلىقلار بىلەن جەڭ قىلىش ئۈچۈن بىزگە بېرىلگەن زېمىنغا بىرگە بېرىڭلار. كېيىن سىلەرگە بېرىلگەن زېمىنغا بېرىپ، سىلەرگە ياردەم بېرەيلى، _ دېدى. شۇنداق قىلىپ يەھۇدا قەبىلىسى بىلەن شىمون قەبىلىسى بىرلىشىپ جەڭ قىلدى. پەرۋەردىگار كەنئانلار بىلەن پەرىززىلەرنى ئۇلارنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى. ئۇلار بەزەق شەھىرىدە ئون مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈردى.


مىديان ئايال بىلەن بىرگە ئۆلتۈرۈلگەن ئىسرائىلنىڭ ئىسمى زىمرى بولۇپ، سالۇنىڭ ئوغلى ئىدى. ئۇ شىمون قەبىلىسىدە بىر جەمەتنىڭ باشلىقى ئىدى.


شىمون قەبىلىسىدىن 59,300 ئەر تىزىمغا ئېلىندى. ئۇلار يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى، ئۇرۇشقا قاتنىشالايدىغان ئەرلەر بولۇپ، ئۇرۇق-جەمەتى ۋە ئىسىملىرى بويىچە بىر-بىرلەپ تىزىملاندى.


لاۋىينىڭ گېرشوم، قوھات ۋە مىرارى ئىسىملىك ئۈچ ئوغلى بولۇپ، ئۇلار ئۆز جەمەتلىرىنىڭ باشلىقلىرى ئىدى. لاۋىي 137 يىل ئۆمۈر كۆردى.


شىمون بىلەن لاۋىي بىرلەشتى، قىلىچلىرى رەھىمسىزلىك قىلدى.


لېياھ: «مەن دېدىكىمنى ئېرىمگە توقاللىققا بەرگەنلىكىم ئۈچۈن، خۇدا مېنى مۇكاپاتلىدى» دېدى. شۇڭا ئۇ بالىنىڭ ئىسمىنى ئىسساكار [ئىبرانىي تىلىدىكى «مۇكاپات» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] دەپ قويدى.


ئۇ يەنە ھامىلىدار بولۇپ، ئۈچىنچى ئوغلىنى تۇغدى. ئۇ: «ئەمدى ئېرىم ماڭا تېخىمۇ يېقىنلىشىدۇ، چۈنكى مەن ئۇنىڭغا ئۈچ ئوغۇل تۇغۇپ بەردىم» دېدى. شۇڭا بالىنىڭ ئىسمىنى لاۋىي [ئىبرانىي تىلىدىكى «يېقىنلىشىش» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] دەپ قويدى.


تۆتىنچى چەك ئىسساكار قەبىلىسىگە چىقتى. ئۇلارغا جەمەتلىرى بويىچە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىن تۆۋەندىكى شەھەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:


ئىككىنچى چەك شىمون قەبىلىسىگە چىقتى. ئۇلارغا جەمەتلىرى بويىچە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىن، يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ زېمىنى ئىچىدىدۇر.


باغلاپ قويار ئۇ تەخىيىنى ئەڭ ياخشى ئۈزۈمگە، غاجاپ قويسىمۇ ئۇ ئۈزۈمنى گەرچە، ئۈزۈم شارابىدا يۇيار كىيىملىرىنى، ئېسىل شارابتا تونلىرىنى.


ئاشېر قەبىلىسىدىن 000،12 كىشى، نافتالى قەبىلىسىدىن 000،12 كىشى، ماناسسە قەبىلىسىدىن 000،12 كىشى،


زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن 000،12 كىشى، يۈسۈپ قەبىلىسىدىن 000،12 كىشى، بىنيامىن قەبىلىسىدىن 000،12 كىشى مۆھۈرلەنگەنىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite