Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ۋەھىيلەر 7:14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

14 - تەقسىر، مەن بىلمەيمەن، بۇ ئۆزلىرىگە مەلۇمدۇر، - دېدىم. ئۇ ماڭا: - بۇلار دەھشەتلىك بالايىئاپەتلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ كەلگەنلەردۇر. ئۇلار تونلىرىنى قوزىنىڭ قېنىدا يۇيۇپ، ئاپئاق قىلغان.

Gade chapit la Kopi




ۋەھىيلەر 7:14
30 Referans Kwoze  

شۇڭا، خۇدا يورۇقلۇقتا بولغىنىدەك، بىزمۇ يورۇقلۇقتا بولساق، بىر-بىرىمىزگە يېقىن بولىمىز ھەم خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھنىڭ قۇربانلىق قېنى بىزنى بارلىق گۇناھتىن پاك قىلىدۇ.


ھاياتلىق دەرىخىنىڭ مېۋىلىرىدىن بەھرىمەن بولۇش ۋە شەھەر دەرۋازىلىرىدىن كىرىش ھوقۇقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن تونلىرىنى يۇيۇپ تازىلىغانلار نەقەدەر بەختلىك!


شۇڭا، ئەيسا مەسىھمۇ ئۆز قېنى بىلەن خەلقنى پاك قىلىپ، خۇداغا ئاتاش ئۈچۈن، شەھەر دەرۋازىسىنىڭ سىرتىدا ئازاب چېكىپ ئۆلدى.


سادىق گۇۋاھچى، ئۆلۈمدىن تۇنجى تىرىلگۈچى، دۇنيا پادىشاھلىرىنىڭ ھۆكۈمرانى بولغان ئەيسا مەسىھتىن سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە ئامانلىق بولغاي. ئۇ بىزنى سۆيدى، ئۆز قېنى بىلەن بىزنى گۇناھلىرىمىزدىن ئازاد قىلدى،


قېرىنداشلىرىمىز قوزىنىڭ قېنى ۋە ئۇنىڭ قىلغان گۇۋاھلىقى بىلەن ئەجدىھانى يەڭدى. ئۇلار ھەتتا ئۆلۈم ئالدىدىمۇ ئۆز جېنىنى ئايىمىدى.


ئۇنداقتا، ئەيسا مەسىھنىڭ قېنىچۇ؟ ئۇ ۋىجدانىمىزنى ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان قىلمىشلاردىن پاك قىلىپ، بىزنى مەڭگۈ ھايات خۇداغا ئىبادەت قىلىشقا تېخىمۇ يېتەكلىمەمدۇ؟! ئۇ خۇدانىڭ مەڭگۈلۈك روھى ئارقىلىق ئۆزىنى كەم-كۈتىسىز قۇربانلىق سۈپىتىدە بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن خۇداغا ئاتىدىغۇ!


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «كېلىڭلار، بىرلىكتە باش قوشۇپ، بۇنى ھەل قىلايلى. گەرچە گۇناھلىرىڭلار قىزىل داغدەك بولسىمۇ، ئۇلار قاردەك ئاق بولىدۇ. ئۇلار ھەتتا قىپقىزىل داغدەك بولسىمۇ، ئاقارتىلغان قوي يۇڭىدەك ئاپئاق بولىدۇ.


بەلكى خۇدا ئەۋەتكەن كەم-كۈتىسىز قوزىنىڭ، يەنى ئەيسا مەسىھنىڭ قىممەتلىك قېنىنىڭ بەدىلىگە كەلدى.


بەزىلىرىڭلار بۇرۇن مانا شۇنداقلاردىن ئىدىڭلار. لېكىن، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ۋە خۇدانىڭ روھى ئارقىلىق گۇناھىڭلار يۇيۇلۇپ، خۇداغا ئاتالدىڭلار ۋە خۇدا تەرىپىدىن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلاندىڭلار.


ئۇلار يېڭى بىر قوشاق ئېيتىشتى: «ئورام يازمىنى ئېلىشقا ۋە پېچەتلەرنى ئېچىشقا لايىقسەن. چۈنكى بوغۇزلاندىڭ ۋە ھەر قەبىلىدىن، ھەر تىلدىن، ھەر مىللەتتىن، ھەر خەلقتىن بولغان ئىنسانلارنى ئۆز قېنىڭ بەدىلى بىلەن خۇداغا مەنسۇپ قىلدىڭ.


چۈنكى، ئۇ كۈنلەردىكى بالايىئاپەتلەر دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان، كەلگۈسىدىمۇ كۆرۈلمەيدۇ.


ئۇ كۈن كەلگەندە، پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرى ۋە يېرۇسالېم خەلقى ئۈچۈن بىر بۇلاق ئېتىلىپ چىقىدۇ. بۇ بۇلاق ئۇلارنىڭ بارچە گۇناھلىرى ۋە ناپاكلىقىنى يۇيىدۇ.»


بۇلارنى سىلەرگە مەن ئارقىلىق ئامانلىق تاپسۇن، دەپ ئېيتتىم. بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى سىلەرنى ئازاب-ئوقۇبەتكە سالىدۇ. ئەمما، غەيرەتلىك بولۇڭلار! چۈنكى، مەن بۇ دۇنيا ئۈستىدىن غەلىبە قىلدىم!


مەن ئايالنىڭ خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقى، يەنى ئەيساغا گۇۋاھلىق بېرىپ قۇربان بولغانلارنىڭ قېنى بىلەن مەست بولغانلىقىنى كۆردۈم. ئۇنى كۆرۈپ ئىنتايىن ھەيران بولدۇم.


بىز قىيىن ئەھۋاللاردىمۇ يەنىلا شاد-خۇرام بولىمىز. چۈنكى، بىزگە مەلۇمكى، قىيىنچىلىق سەۋرچانلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ،


ئۇلار ئۇ يەرلەردە ئېتىقادچىلارنىڭ ئېتىقادىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنى رەببىمىز ئەيساغا داۋاملىق سادىق بولۇشقا رىغبەتلەندۈردى. ئۇلار ئېتىقادچىلارغا مۇنداق دېدى: - بىز خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىش ئۈچۈن، چوقۇم نۇرغۇن جاپالارنى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.


مەن يەنە ئوت ئارىلاش خرۇستال دېڭىزىدەك بىر كۆرۈنۈشنى كۆردۈم. ئۇنىڭ يېنىدا دىۋە ئۈستىدىن غەلىبە قىلغانلار، يەنى دىۋىگە ۋە ئۇنىڭ ھەيكىلىگە چوقۇنمىغان ھەم ئۇنىڭ نامىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان رەقەم بىلەن مۆھۈرلەنمىگەنلەر تۇراتتى. ئۇلارنىڭ قوللىرىدا خۇدا بەرگەن چىلتارلار بولۇپ،


سېنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىڭنى ۋە نامراتلىقىڭنى بىلىمەن، لېكىن ئەمەلىيەتتە سەن باي. ئۆزلىرىنى يەھۇدىي دەۋالغانلارنىڭ تۆھمەتلىرىنى بىلىمەن. ئەمەلىيەتتە، ئۇلار يەھۇدىي ئەمەس، بەلكى شەيتاننىڭ گۇرۇھىدىكىلەردۇر.


شۇڭا، بىز خۇداغا مەنسۇپ بولغان ھەرقايسى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ئارىسىدا سىلەردىن پەخىرلىنىمىز. چۈنكى، سىلەر بېشىڭلارغا كەلگەن ھەر خىل زىيانكەشلىك ۋە قىيىن ئەھۋاللارغا بەرداشلىق بەردىڭلار ۋە ئېتىقادىڭلاردىن تەۋرەنمىدىڭلار.


ئۇ يەنە ئالتۇندىن تۆت ھالقا قۇيدۇرۇپ، ساندۇقنىڭ تۆت پۇتىغا ئورناتتى. ھالقىلار ھەربىر تەرىپىدە ئىككىدىن بولدى.


شۇنىڭ بىلەن مەن تەخت يېنىدا تۇرغان بىر پەرىشتىدىن بۇلارنىڭ مەنىسىنى سورىدىم. ئۇ ماڭا بۇلارنىڭ مەنىسىنى دەپ بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى:


بەزى دانا يولباشچىلار ئازاب چېكىدۇ، لېكىن ئۇلار چەككەن ئازابلىرى ئارقىلىق تاۋلىنىدۇ، پاكلىنىدۇ ۋە قۇسۇرسىز بولىدۇ. بۇ ئىش تاكى خۇدا بەلگىلىگەن كۈن كەلگۈچە داۋاملىشىدۇ.


پەرىشتە سۆزىنى داۋاملاشتۇردى: _ ئۇ چاغدا خەلقىڭنى قوغدىغۇچى باش پەرىشتە مىكائىل مەيدانغا چىقىدۇ. ئاندىن خەلقىڭ ئاپىرىدە بولغاندىن بۇيان ھېچقاچان بولۇپ باقمىغان ئاپەتلىك بىر دەۋرنى باشتىن كەچۈرىدۇ. لېكىن خەلقىڭنىڭ ئىچىدىكى نامى ھاياتلىق دەپتىرىگە پۈتۈلگەنلەرنىڭ ھەممىسى نىجاتلىققا ئېرىشىدۇ.


چۈنكى، ئۇ كۈنلەردىكى بالايىئاپەتلەر خۇدا ئالەمنى ياراتقاندىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان، كەلگۈسىدىمۇ كۆرۈلمەيدۇ.


ئاندىن، ھەر خەلق، ھەر قەبىلە، ھەر مىللەتتىن بولغان، ھەر خىل تىللاردا سۆزلىشىدىغان ساناپ تۈگەتكۈسىز زور بىر توپ خالايىقنىڭ تەختنىڭ ۋە قوزىنىڭ ئالدىدا تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاق تون كىيگەن بولۇپ، قوللىرىدا خورما شاخلىرى تۇتقانىدى.


ئازاب-ئوقۇبەتلىرىڭنى ئۇنتۇيالايسەن، ئۇلار كەلكۈن سۈيىدەك ئېقىپ تۈگەيدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite