Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ۋەھىيلەر 6:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 قوزا ئۈچىنچى پېچەتنى ئاچقاندا، ئۈچىنچى مەخلۇقنىڭ: «كەل!» دېگىنىنى ئاڭلىدىم. قارىۋىدىم، بىر قارا ئاتنى كۆردۈم. ئاتقا مىنگۈچىنىڭ قولىدا بىر تارازا بار ئىدى.

Gade chapit la Kopi




ۋەھىيلەر 6:5
11 Referans Kwoze  

بىرىنچى جەڭ ھارۋىسى تورۇق ئاتقا، ئىككىنچىسى قارا ئاتقا،


قارا ئاتلىق جەڭ ھارۋىسى شىمالغا، ئاق ئاتلىق جەڭ ھارۋىسى غەربكە ۋە چىپار ئاتلىق جەڭ ھارۋىسى جەنۇبقا بارىدۇ.


ئۇ يەنە: _ ئەي ئادەم بالىسى، مەن يېرۇسالېمنىڭ ئاشلىق مەنبەسىنى ئۈزۈپ تاشلايمەن. ئۇلار نورمىلىق يېمەكلىكلىرى ۋە سۇلىرىنى تەشۋىش ۋە قورقۇنچ بىلەن يەپ-ئىچىشىدۇ.


ئاندىن، قوزىنىڭ يەتتە پېچەتنىڭ بىرىنچىسىنى ئاچقانلىقىنى كۆردۈم. شۇ چاغدا، تۆت تىرىك مەخلۇقتىن بىرىنىڭ گۈلدۈرمامىدەك ئاۋاز بىلەن: «كەل!» دېگىنىنى ئاڭلىدىم.


ئۇلار يېڭى بىر قوشاق ئېيتىشتى: «ئورام يازمىنى ئېلىشقا ۋە پېچەتلەرنى ئېچىشقا لايىقسەن. چۈنكى بوغۇزلاندىڭ ۋە ھەر قەبىلىدىن، ھەر تىلدىن، ھەر مىللەتتىن، ھەر خەلقتىن بولغان ئىنسانلارنى ئۆز قېنىڭ بەدىلى بىلەن خۇداغا مەنسۇپ قىلدىڭ.


بۇنىڭ بىلەن، يېتەكچىلەردىن بىرى ماڭا: - يىغلىما! قارا، يەھۇدا قەبىلىسىدىن كەلگەن شىر - داۋۇتنىڭ نوتىسى غەلىبە قىلدى. ئورام يازمىنى ۋە ئۇنىڭ يەتتە پېچىتىنى ئېچىشقا ئۇ قادىر، - دېدى.


سىلەرنى ئاش-نانغا زار قىلىمەن، ئۇ چاغدا ئون ئايالنىڭ يۇغۇرغان خېمىرى پەقەت بىر تونۇر نان بولىدۇ. ئاياللار ناننى ئۆلچەپ بېرىشىدۇ، يەيسىلەر، لېكىن تويمايسىلەر.


ھەر كۈنى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا يەيدىغان نەرسەڭنىڭ مىقدارى بىر قاچا تاماق، بىر كاسا سۇ بولىدۇ.


ئاچلىقتىن ئۆرلەپ قىزىتمىمىز، تونۇردەك قىزىيدۇ تېنىمىز.


بىر مىللەت يەنە بىر مىللەت بىلەن ئۇرۇش قىلىدۇ. بىر دۆلەت يەنە بىر دۆلەتكە ھۇجۇم قىلىدۇ. نۇرغۇن جايلاردا ئاچارچىلىق ۋە يەر تەۋرەشلەر يۈز بېرىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite