Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ۋەھىيلەر 6:15 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

15 دۇنيانىڭ پادىشاھلىرى، ھۆكۈمرانلىرى، سەردارلىرى، بايلىرى، ھوقۇقدارلىرى، قۇللىرى ۋە ھۆرلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆڭكۈرلەرگە ۋە تاغلارنىڭ كامارلىرىغا يوشۇرۇندى.

Gade chapit la Kopi




ۋەھىيلەر 6:15
19 Referans Kwoze  

پەرۋەردىگار ئورنىدىن قوزغىلىپ زېمىننى لەرزىگە كەلتۈرگەندە، كىشىلەر ئۇنىڭ غەزىپىدىن ۋە ھەيۋەتلىك ئۇلۇغلۇقىدىن، قورقۇنچلۇق ۋەھىمە ئىچىدە ئۆڭكۈر ۋە ئورەكلەرگە كىرىپ كېتىدۇ.


پەرۋەردىگار ئورنىدىن قوزغىلىپ زېمىننى لەرزىگە كەلتۈرگەندە، كىشىلەر ئۇنىڭ غەزىپىدىن ۋە ھەيۋەتلىك ئۇلۇغلۇقىدىن، قورقۇنچلۇق ۋەھىمە ئىچىدە غارلارغا ۋە ئۆڭكۈرلەرگە كىرىپ كېتىدۇ.


سىلەر غارلارغا كىرىۋېلىپ ياكى يەر ئاستىغا يوشۇرۇنىۋېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىدىن قېچىپ قۇتۇلالامسىلەر؟! ئۇنىڭ ھەيۋەتلىك ئۇلۇغلۇقىدىن ئامان قالالامسىلەر؟!


چۆللەردە ۋە تاغلاردا سەرگەردان بولۇپ، ئۆڭكۈرلەردە ۋە گەمىلەردە يوشۇرۇنۇپ يۈردى. ئۇلار بۇ دۇنياغا زايە كەتكەنىدى.


ئۇلار يىلاندەك، يەر بېغىرلىغۇچى جانلىقتەك توپا يالايدۇ، ئۇۋىلىرىدىن تىترىگەن ھالدا چىقىپ كېلىشىدۇ. ئۇلار پەرۋەردىگارىمىز خۇدادىن دەھشەتكە چۈشىدۇ، ئۇنىڭدىن قورقىدۇ.


ئەمما بۇ بويسۇنماس خەلق تالان-تاراج قىلىنىدۇ، تۇزاقلارغا چۈشىدۇ، زىندانلارغا قامىلىدۇ. ئۇلارنى ھېچكىم قوغدىمىغانلىقتىن ئۇلار ئولجا بولۇپ قالىدۇ، بۇ ئولجىلارنى «قويۇپ بەر!» دەيدىغان ھېچكىم چىقمايدۇ.


ئەمەلدارلار كىبرىنى خۇدا سۇندۇرار، قورقار ئۇنىڭدىن بارلىق پادىشاھلار.


ئەمما ئىسرائىللار بولسا ئۆزلىرىنىڭ خەۋپ ئاستىدا قالغانلىقىنى، ئەھۋالىنىڭ ناچارلىقىنى كۆرۈپ، غارلارغا، كامارلارغا، قىيا تاشلار ئارىسىغا، قەبرىلەرگە ۋە ئازگاللارغا يوشۇرۇنۇۋالدى.


مىديانلار ئىسرائىللاردىن كۈچلۈك بولغاچقا، ئىسرائىللار تاغدىكى بىخەتەر جايلار، ئۆڭكۈرلەر ۋە قورغانلاردا پاناھلاندى.


شۇ كۈنى سالقىن چۈشكەن ۋاقتىدا، ئۇلار پەرۋەردىگار خۇدانىڭ باغدا مېڭىپ يۈرگەنلىكىنىڭ شەپىسىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭدىن قېچىپ، دەرەخزارلىقنىڭ ئارىسىغا يوشۇرۇنۇۋېلىشتى.


ئەمدى پارلىمايدۇ چىراغ يورۇقى ئۇنىڭدا، ئاڭلانمايدۇ مۇڭدىشىشلىرى يېڭى ئەر-خوتۇنلارنىڭ. دۇنيانىڭ ئەڭ مەرتىۋىلىك كىشىلىرى ئىدى ئۇنىڭ سودىگەرلىرى، ئازدى سېھرى بىلەن پۈتۈن خەلقىئالەم.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite