13 ئەنجۈر دەرىخىنىڭ قاتتىق بوراندا سىلكىنىشىدىن توڭ ئەنجۈرلەر يەرگە تۆكۈلگەندەك، ئاسماندىكى يۇلتۇزلارمۇ يەر يۈزىگە تۆكۈلدى.
ئاسماندىكى بارلىق يۇلتۇزلار ئېرىپ كېتىدۇ. ئاسمان يۆگىلىپ قالىدۇ. خۇددى ئۈزۈم يوپۇرماقلىرى يەرگە چۈشكەندەك، دەرەختىكى ئەنجۈر يەرگە چۈشكەندەك، يۇلتۇزلار چۈشۈپ كېتىدۇ.
- ئۇ بالايىئاپەتلىك كۈنلەر ئۆتۈپ كەتكەن ھامان، «قۇياش قارىيىپ، ئاي يورۇقلۇق بەرمەس، يۇلتۇزلار ئاسماندىن تۆكۈلۈپ، ئاسمان جىسىملىرى لەرزىگە كېلەر.»
بەشىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالغاندا، ئاسماندىن يەرگە چۈشۈپ كەتكەن بىر يۇلتۇزنى كۆردۈم. تېگى يوق ھاڭغا بارىدىغان لەخمىنىڭ ئاچقۇچى ئۇنىڭغا بېرىلدى.
ئۇنىڭ قۇدرىتى ئەرشتىكى ساماۋى قوشۇنغا زەربە بېرىشكە يېتىپ باردى. ئۇ ھەتتا ساماۋى قوشۇندىكى بەزى يۇلتۇزلارنى ئۇرۇپ، يەرگە چۈشۈردى ۋە دەسسەپ چەيلىدى.
مەن سېنى يوقاتقاندا، ئاسماننى يېپىپ، نۇرسىز قىلىمەن يۇلتۇزلارنى. بۇلۇت بىلەن توسىمەن قۇياشنى، چاچمايدۇ ئايمۇ نۇرىنى.
- مەن كېلىشتىن بۇرۇن، قۇياش، ئاي، يۇلتۇزلار غەيرىي تۈس ئالىدۇ. يەر يۈزىدىكى ئەللەر دېڭىز-ئوكيانلارنىڭ غەزەپلىك شاۋقۇنىدىن ئالاقزادە بولىدۇ.
سۈرىيە بىلەن شىمالدىكى ئىسرائىلىيە پادىشاھلىقىنىڭ ئىتتىپاقداش بولغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر يەھۇدىيەدىكى پادىشاھ ئوردىسىغا يېتىپ كەلگەندە، ئاخاز پادىشاھ ۋە بارلىق خەلق قورققىنىدىن، بوراندا سىلكىنگەن دەرەخلەردەك تىترەپ كەتتى.
سىلەرنىڭ بارلىق قورغانلىرىڭلار خۇددى تۇنجى مېۋىگە كىرىپ، مەي باغلىغان ئەنجۈر دەرىخىگە ئوخشايدۇ. دەرەخ ئىرغىتىلسا، ئەنجۈر ئەنجۈرنى ئىستىگۈچىنىڭ ئاغزىغا چۈشىدۇ.
ئۇ يۇقىرى ئاۋازدا مۇنداق دېدى: ‹بۇ دەرەخنى كېسىڭلار، شاخلىرىنى پۇتاڭلار، يوپۇرماقلىرىنى چۈشۈرۈۋېتىڭلار، مېۋىلىرىنى قېقىۋېتىڭلار. ھايۋانلارنى سايىسىدىن ۋە قۇشلارنى شاخلىرىدىن قوغلىۋېتىڭلار.
زېمىن قۇرۇپ، قاغجىراپ قالىدۇ، لىۋاندىكى ئورمانلىقلار قۇرۇپ، قاقشال بولۇپ قالىدۇ، شارون تۈزلەڭلىكى چۆللۈككە ئايلىنىدۇ، باشان تۈزلەڭلىكىدىكى، كارمەل تېغىدىكى دەرەخلەرنىڭ يوپۇرماقلىرى تۆكۈلۈپ كېتىدۇ.
ئاسماندىكى يۇلتۇزلار ۋە يۇلتۇز تۈركۈملىرى ئۆز يورۇقلۇقىنى چۈشۈرمەيدۇ. قۇياش قاپقارا بولۇپ چىقىدۇ، ئايمۇ يورۇقلۇق بەرمەيدۇ.
قۇياش غۇۋالىشىدۇ، ئاي قان رەڭگىگە كىرىدۇ. پەرۋەردىگارنىڭ بۈيۈك ۋە ھەيۋەتلىك كۈنى كېلىشتىن بۇرۇن، بۇ ئىشلار يۈز بېرىدۇ.
يۇلتۇزلار ئاسماندىن تۆكۈلۈپ، ئاسمان جىسىملىرى لەرزىگە كېلەر.»
ئۇلار ئۈزۈملىرى پىشماي تۇرۇپ مېۋىلىرى تۆكۈلۈپ چۈشكەن ئۈزۈم تېلىغا ئوخشايدۇ. ئۇ چېچىكى ئېچىلىپلا توزۇپ كەتكەن زەيتۇن دەرىخىگە ئوخشايدۇ.