Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ۋەھىيلەر 6:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 ئاندىن، قوزىنىڭ يەتتە پېچەتنىڭ بىرىنچىسىنى ئاچقانلىقىنى كۆردۈم. شۇ چاغدا، تۆت تىرىك مەخلۇقتىن بىرىنىڭ گۈلدۈرمامىدەك ئاۋاز بىلەن: «كەل!» دېگىنىنى ئاڭلىدىم.

Gade chapit la Kopi




ۋەھىيلەر 6:1
17 Referans Kwoze  

ئاندىن تەختتە ئولتۇرغۇچىنىڭ ئوڭ قولىدا ھەر ئىككى يۈزىگە خەت يېزىلغان ۋە يەتتە مۆھۈر بىلەن پېچەتلەنگەن بىر ئورام يازمىنى كۆردۈم.


قوزا ئۈچىنچى پېچەتنى ئاچقاندا، ئۈچىنچى مەخلۇقنىڭ: «كەل!» دېگىنىنى ئاڭلىدىم. قارىۋىدىم، بىر قارا ئاتنى كۆردۈم. ئاتقا مىنگۈچىنىڭ قولىدا بىر تارازا بار ئىدى.


ئاندىن، سۇلارنىڭ شارقىرىشىغا، قاتتىق گۈلدۈرمامىنىڭ گۈلدۈرلىشىگە ۋە نۇرغۇن خالايىقنىڭ ئاۋازىغا ئوخشاش بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم. ئۇلار: «ھەمدۇسانا! ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگارىمىز خۇدا ھۆكۈمراندۇر.


قوزا تۆتىنچى پېچەتنى ئاچقاندا، تۆتىنچى مەخلۇقنىڭ: «كەل!» دېگەن ئاۋازىنى ئاڭلىدىم.


ئاسماندىن خۇددى شارقىراپ ئېقىۋاتقان سۇلارنىڭ ۋە گۈلدۈرمامىنىڭ قاتتىق گۈلدۈرلىشىدەك بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم. مەن ئاڭلىغان ئاۋاز يەنە چىلتارچىلار ئورۇندىغان نەغمە ئاۋازىغىمۇ ئوخشايتتى.


ئاندىن، خۇدانىڭ ئەرشتىكى ئىبادەتخانىسى ئېچىلدى ۋە ئۇنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئۇ يەردە كۆرۈندى. شۇئان چاقماقلار چېقىپ، گۈلدۈرمامىنىڭ گۈلدۈر-قاراسلىرى ئاڭلاندى. زېمىن تەۋرىنىپ، دەھشەتلىك مۆلدۈر يېغىپ كەتتى.


قوزا ئىككىنچى پېچەتنى ئاچقاندا، ئىككىنچى مەخلۇقنىڭ: «كەل!» دېگىنىنى ئاڭلىدىم.


ئەمما بىز كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىمىزنى ئېيتماي تۇرالمايمىز! - دەپ جاۋاب بەردى.


ئەتىسى، يەھيا پەيغەمبەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆزىگە قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ مۇنداق دېدى: - مانا بۇ، پۈتكۈل دۇنيادىكى ئىنسانلارنىڭ گۇناھىدىن ئازاد قىلىنىشى ئۈچۈن ھازىرلانغان خۇدانىڭ قوزىسىدۇر!


تۆت تىرىك مەخلۇقنىڭ ھەربىرىنىڭ ئالتىدىن قانىتى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ پۈتۈن بەدىنى، ھەتتا قانات ئاستىمۇ كۆزلەر بىلەن تولغانىدى. ئۇلار كېچە-كۈندۈز تىنماي مۇنداق دېيىشەتتى: «مۇقەددەس، مۇقەددەس، مۇقەددەستۇر، ئەزەلدىن بار بولغان، ھازىرمۇ بار ھەم كەلگۈسىدە كەلگۈچى ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار خۇدا!»


يازمىنى ئالغاندا، تۆت تىرىك مەخلۇق ۋە يىگىرمە تۆت يېتەكچى ئۇنىڭ ئايىغىغا باش قويدى. ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ قولىدا چىلتار ۋە ئىسرىق بىلەن تولغان ئالتۇن تاۋاق بار ئىدى. بۇ ئىسرىق خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقىنىڭ دۇئالىرى ئىدى.


ئۇلار ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن مۇنداق دېيىشەتتى: «بوغۇزلانغان قوزا قۇدرەت، بايلىق، دانالىق، كۈچ-قۇۋۋەت، ھۆرمەت، شان-شەرەپ ۋە مەدھىيىگە لايىقتۇر.»


قوزا يەتتىنچى پېچەتنى ئاچقاندا، ئەرشتە يېرىم سائەتچە جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى.


دۇنيا يارىتىلغاندىن بۇيان، بوغۇزلانغان قوزىنىڭ ھاياتلىق دەپتىرىگە نامى يېزىلغانلاردىن باشقا، يەر يۈزىدە ياشايدىغان ھەممە ئىنسان ئۇنىڭغا چوقۇنىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite