Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ۋەھىيلەر 4:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

8 تۆت تىرىك مەخلۇقنىڭ ھەربىرىنىڭ ئالتىدىن قانىتى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ پۈتۈن بەدىنى، ھەتتا قانات ئاستىمۇ كۆزلەر بىلەن تولغانىدى. ئۇلار كېچە-كۈندۈز تىنماي مۇنداق دېيىشەتتى: «مۇقەددەس، مۇقەددەس، مۇقەددەستۇر، ئەزەلدىن بار بولغان، ھازىرمۇ بار ھەم كەلگۈسىدە كەلگۈچى ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار خۇدا!»

Gade chapit la Kopi




ۋەھىيلەر 4:8
42 Referans Kwoze  

پەرۋەردىگار خۇدا دەيدۇكى: «باش ۋە ئاخىر ئۆزۈمدۇرمەن. ھازىر ۋە ئەزەلدىن بار بولغان ھەم مەڭگۈ بار بولغۇچىمەن، شۇنداقلا ھەممىگە قادىردۇرمەن.»


تەختنىڭ ئالدىدا يەنە خۇددى خرۇستالدەك پارقىراپ تۇرىدىغان، ئەينەكتەك سۈزۈك دېڭىزغا ئوخشايدىغان بىر نەرسە بار ئىدى. تەختنىڭ ھەربىر تەرىپىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا ئالدى ۋە كەينىدە نۇرغۇن كۆزلىرى بار تۆت تىرىك مەخلۇق تۇراتتى.


ئەيسا مەسىھ تۈنۈگۈن، بۈگۈن ۋە مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ.


ئى پەرۋەردىگار، نەدە بار ئالەمدە سەندەك بىر ئىلاھ؟ كىمدە بار سەندىكىدەك ھەيۋەت، ئۇلۇغ شان-شەرەپ؟ قايسى ئىلاھ ساڭا ئوخشاش كۆرسىتەلىسۇن مۆجىزە-كارامەت؟


ئۇلار خۇدانىڭ خىزمەتكارى مۇسانىڭ ناخشىسىنى ھەم قوزا ھەققىدىكى ناخشىنى ئېيتىشاتتى: «ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار خۇدا، قىلغانلىرىڭ ئۇلۇغ ۋە كارامەتتۇر. ئى پۈتكۈل خەلقلەرنىڭ پادىشاھى، يوللىرىڭ ئادىل ۋە ھەقتۇر.


«ھازىر ۋە ئەزەلدىن بار بولغان ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار خۇدا، شۈكۈرلەر بولسۇن ساڭا. چۈنكى، ئۇلۇغ قۇدرىتىڭ بىلەن، ھۆكۈمۈڭنى يۈرگۈزۈشكە باشلىدىڭ.


يەنە قۇربانلىق سۇپىسىدىن كەلگەن بىر ئاۋازنىڭ: «ئى ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار خۇدا، ھۆكۈملىرىڭ ھەق ۋە ئادىلدۇر» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم.


ھەربىر مەخلۇقنىڭ ئوخشىمىغان تۆت يۈزى ۋە تۆتتىن قانىتى بار ئىدى.


كىمكى ماكان تۇتسا ئۇلۇغ خۇدانىڭ پاناھىدا، ياشار ئۇ ھەممىگە قادىر خۇدا سايىسىدا.


شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلار خۇدانىڭ تەختىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدا كېچە-كۈندۈز ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولىدۇ. تەختتە ئولتۇرغۇچى خۇدا ئۇلارغا سايىۋەندۇر.


ئىبرام 99 ياشقا كىرگەندە، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا زاھىر بولۇپ: _ مەن ھەممىگە قادىر خۇدادۇرمەن. سەن داۋاملىق مېنىڭ يولۇمدا مېڭىپ، قۇسۇرسىز ئادەم بولغىن.


شەھەردە ھېچقانداق ئىبادەتخانا كۆرمىدىم، چۈنكى ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار خۇدا ۋە قوزا شەھەرنىڭ ئىبادەتخانىسىدۇر.


ئۇنىڭ ئاغزىدىن ھەرقايسى خەلقلەرگە زەربە بېرىش ئۈچۈن ئۆتكۈر بىر قىلىچ چىقىپ تۇراتتى. ئۇ خەلقلەرنى تۆمۈر كالتەك بىلەن باشقۇراتتى. ئۇ خۇداغا قارشى تۇرغۇچىلارنى خۇددى ئۈزۈملەرنى شاراب كۆلچىكىدە دەسسەپ مىجىغاندەك، ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ ئوتلۇق غەزىپى بىلەن ھالاك قىلاتتى.


- فىلادېلفىيىدىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ پەرىشتىسىگە مۇنداق ياز:«مۇقەددەس ۋە ئىشەنچلىك، قولىدا داۋۇتنىڭ ئاچقۇچى بولغان، ئىشىكنى ئاچسام ھېچكىم ياپالمايدۇ، ياپسام ھېچكىم ئاچالمايدۇ دېگۈچى مۇنداق دەيدۇ:


مەنكى يۇھاننادىن ئاسىيا ئۆلكىسىدىكى يەتتە ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە سالام! ھازىر ۋە ئەزەلدىن بار بولغان ھەم كەلگۈسىدە كەلگۈچىدىن، ئۇنىڭ تەختىنىڭ ئالدىدىكى يەتتە روھتىن،


تەختنىڭ ئەتراپىدا يەنە يىگىرمە تۆت تەخت بار ئىدى. تەختلەردە باشلىرىغا ئالتۇن تاج كىيگەن، ئاق تونغا ئورانغان يىگىرمە تۆت يېتەكچى ئولتۇراتتى.


˜سىلەرگە ئاتا بولىمەن. سىلەرمۇ مېنىڭ ئوغۇل-قىزلىرىم بولىسىلەر.Œ دەيدۇ.»


مەن سىئون ئۈچۈن سۈكۈت قىلالمايمەن، ئۇنىڭ ھەققانىيلىقى خۇددى نۇردەك چاقنىمىغۇچە، ئۇنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى مەشئەلدەك يانمىغۇچە، يېرۇسالېم ئۈچۈن جىم تۇرالمايمەن.


ھەممىڭلار پەرياد چېكىسىلەر! چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ جازا كۈنى كېلىشكە ئاز قالدى. ئۇ كۈن قادىر خۇدا ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كېلىدىغان كۈن بولىدۇ.


پەرۋەردىگارنىڭ سوراق كۈنىنىڭ كېلىدىغانلىقىغا ئاز قالدى، ئۇ كۈن شۇنچە دەھشەتلىكتۇر! ئۇ ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كېلىدىغان كۈنىدۇر.


بۇلار كارامەتلەر كۆرسىتىدىغان جىنلارنىڭ روھلىرى بولۇپ، پۈتۈن دۇنيادىكى پادىشاھلارنى ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ ئۇلۇغ كۈنىدىكى جەڭگە توپلاشقا كېتىۋاتاتتى.


ئۇنى قىينىغان ئوتنىڭ ئىس-تۈتەكلىرى مەڭگۈ پۇرقىراپ تۇرىدۇ. دىۋىگە ۋە ئۇنىڭ ھەيكىلىگە چوقۇنۇپ، ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ بەلگىسىنى ئۇرغۇزغانلارغا كېچە-كۈندۈز ئاراملىق بولمايدۇ.»


پۇرسەت بولسۇن-بولمىسۇن، ھەر ۋاقىت خۇدانىڭ سۆزىنى يەتكۈزگىن. سەن زور سەۋر-تاقەت ۋە ياخشى تەلىم بېرىش بىلەن كىشىلەرنىڭ خاتالىقلىرىنى تۈزەتكۈز ھەمدە ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرغىن ۋە رىغبەتلەندۈرگىن.


ئۆزۈڭگە ۋە بەرگەن تەلىمىڭگە دىققەت قىل ھەمدە ئۇنى ئىزچىل داۋاملاشتۇر. چۈنكى، شۇنداق قىلساڭ، ئۆزۈڭمۇ ۋە ساڭا قۇلاق سالغانلارمۇ قۇتقۇزۇلىدۇ.


قېرىنداشلار، بىزنىڭ قانداق تىرىشىپ-تىرمىشىپ ئىشلىگەنلىكىمىز جەزمەن ئېسىڭلاردا باردۇر. بىز ھېچقايسىڭلارغا ئېغىرىمىزنى سالماسلىق ئۈچۈن، بىر تەرەپتىن كېچە-كۈندۈزلەپ ئىشلەپ تۇرمۇشىمىزنى قامدىساق، يەنە بىر تەرەپتىن خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى سىلەرگە يەتكۈزدۇق.


شۇڭا، ھوشيار بولۇڭلار. مېنىڭ ئۈچ يىل كېچە-كۈندۈز دېمەي، سىلەرگە ياش ئاققۇزۇپ نەسىھەت بەرگەنلىكىمنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار.


خۇدا مۇنداق دېدى: _ مەن «مەڭگۈ بار بولغۇچى»دۇرمەن. سەن بېرىپ، ئۇلارغا: «مېنى ‹مەڭگۈ بار بولغۇچى› ئەۋەتتى» دېگىن.


ئوتنىڭ ئىچىدە تۆت مەخلۇق تۇراتتى. كۆرۈنۈشتە ئۇلار ئادەمگە ئوخشايتتى.


چاقلارنىڭ چەمبىرەكلىرى ئېگىز ۋە ھەيۋەتلىك بولۇپ، كۆزلەر بىلەن تولغانىدى.


كېرۇبلارنىڭ بەدىنىنى، يەنى دۈمبىلىرى، قوللىرى ۋە قاناتلىرىنى كۆز قاپلىغانىدى، تۆت چاقلارمۇ شۇنداق ئىدى.


تىرىك مەخلۇقلار تەختتە ئولتۇرغان ئەبەدىلئەبەد ھايات بولغۇچىنى ئۇلۇغلاپ، ئۇنىڭغا ھۆرمەت ۋە تەشەككۈر ئىزھار قىلغىنىدا،


ئاندىن، بىر قوزىنىڭ يېتەكچىلەر قورشاپ تۇرغان تەخت بىلەن تىرىك مەخلۇقلارنىڭ ئارىلىقىدا تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. قارىماققا، ئۇ بۇرۇن بوغۇزلانغاندەك قىلاتتى. قوزىنىڭ يەتتە مۈڭگۈزى ۋە يەتتە كۆزى بار بولۇپ، بۇ كۆزلەر خۇدانىڭ پۈتكۈل دۇنىياغا ئەۋەتكەن يەتتە روھى ئىدى.


ئاندىن، قوزىنىڭ يەتتە پېچەتنىڭ بىرىنچىسىنى ئاچقانلىقىنى كۆردۈم. شۇ چاغدا، تۆت تىرىك مەخلۇقتىن بىرىنىڭ گۈلدۈرمامىدەك ئاۋاز بىلەن: «كەل!» دېگىنىنى ئاڭلىدىم.


تۆت تىرىك مەخلۇقنىڭ ئارىسىدىن: «بىر كۈنلۈك ئىش ھەققى ئۈچۈن پەقەت بىر تاۋاق بۇغداي ياكى بولمىسا ئۈچ تاۋاق ئارپىلا بېرىلىدۇ. زەيتۇن دەرىخى بىلەن ئۈزۈم تېلىغا تەگمە!» دېگەندەك بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم.


پۈتۈن پەرىشتىلەر تەختنىڭ، يېتەكچىلەرنىڭ ۋە تۆت تىرىك مەخلۇقنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىۋالغانىدى. ئۇلار تەختنىڭ ئالدىدا يەرگە باش قويۇپ، خۇداغا سەجدە قىلىپ مۇنداق دېيىشەتتى:


ھېلىقى 000،144 كىشى تەختنىڭ، تۆت تىرىك مەخلۇقنىڭ ۋە يېتەكچىلەرنىڭ ئالدىدا يېڭى بىر ناخشا ئېيتىشتى. بۇ ناخشىنى گۇناھلىرىنىڭ بەدىلى تۆلىنىپ بۇ دۇنيادىن ئازاد قىلىنغان كىشىلەردىن باشقا ھېچكىم ئۆگىنىشكە قادىر ئەمەس ئىدى.


تۆت تىرىك مەخلۇقنىڭ بىرى يەتتە پەرىشتىگە ئەبەدىلئەبەد ياشايدىغان خۇدانىڭ غەزىپى بىلەن تولغان يەتتە ئالتۇن چىنىنى بەردى.


يىگىرمە تۆت يېتەكچى ۋە تۆت تىرىك مەخلۇق يەرگە باش قويۇپ: «ئامىن! ھەمدۇسانا!» دەپ، تەختتە ئولتۇرغان خۇداغا سەجدە قىلىشتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite