Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ۋەھىيلەر 4:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 تەختنىڭ ئەتراپىدا يەنە يىگىرمە تۆت تەخت بار ئىدى. تەختلەردە باشلىرىغا ئالتۇن تاج كىيگەن، ئاق تونغا ئورانغان يىگىرمە تۆت يېتەكچى ئولتۇراتتى.

Gade chapit la Kopi




ۋەھىيلەر 4:4
24 Referans Kwoze  

خۇدانىڭ ئالدىدىكى ئۆز تەختلىرىدە ئولتۇرغان يىگىرمە تۆت يېتەكچى يەرگە باش قويۇپ، خۇداغا سەجدە قىلىپ مۇنداق دېيىشتى:


ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: - بىلىپ قويۇڭلاركى، يېڭى دۇنيا يېتىپ كېلىپ، ئىنسانئوغلى شانلىق تەختىدە ئولتۇرغىنىدا، سىلەر - ماڭا ئەگەشكەنلەر ئون ئىككى تەختتە ئولتۇرۇپ، ئىسرائىللارنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىسىلەر.


يىگىرمە تۆت يېتەكچى ئەبەدىلئەبەد ياشايدىغان تەختتە ئولتۇرغۇچىنىڭ ئايىغىغا باش قويۇپ سەجدە قىلاتتى. تاجلىرىنى تەختنىڭ ئالدىغا قويۇشۇپ، مۇنداق دېيىشەتتى:


پۈتۈن پەرىشتىلەر تەختنىڭ، يېتەكچىلەرنىڭ ۋە تۆت تىرىك مەخلۇقنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىۋالغانىدى. ئۇلار تەختنىڭ ئالدىدا يەرگە باش قويۇپ، خۇداغا سەجدە قىلىپ مۇنداق دېيىشەتتى:


ئاندىن، تەختلەرنى ۋە ئۇلاردا ئولتۇرغانلارنى كۆردۈم. ئۇلارغا ھۆكۈم قىلىش ھوقۇقى بېرىلگەنىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەيساغا گۇۋاھلىق بەرگەنلىكى ۋە خۇدانىڭ سۆزىنى يەتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن كاللىسى ئېلىنغانلارنىڭ جانلىرىنىمۇ كۆردۈم. ئۇلار دىۋىگە ۋە ئۇنىڭ ھەيكىلىگە چوقۇنمىغان، ئۇنىڭ بەلگىسى پېشانىسىگە ۋە قوللىرىغا ئۇرۇلمىغانلار ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى تىرىلىپ، مەسىھ بىلەن بىرلىكتە مىڭ يىل ھۆكۈم سۈرەتتى.


تۆت تىرىك مەخلۇق «ئامىن!» دەپ جاۋاب قايتۇراتتى، يېتەكچىلەر يەرگە باش قويۇپ، تەختتە ئولتۇرغۇچىغا ۋە قوزىغا سەجدە قىلاتتى.


يازمىنى ئالغاندا، تۆت تىرىك مەخلۇق ۋە يىگىرمە تۆت يېتەكچى ئۇنىڭ ئايىغىغا باش قويدى. ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ قولىدا چىلتار ۋە ئىسرىق بىلەن تولغان ئالتۇن تاۋاق بار ئىدى. بۇ ئىسرىق خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقىنىڭ دۇئالىرى ئىدى.


سىلەر مېنىڭ پادىشاھلىقىمدا مەن بىلەن ھەمداستىخان بولىسىلەر ۋە تەختلەردە ئولتۇرۇپ، ئىسرائىللارنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىسىلەر.


ھازىر ھەققانىيلىق تاجى مېنى كۈتۈپ تۇرىدۇ. ئۇنى ئادىل سوراق قىلىدىغان رەببىمىز قايتا كەلگەندە، ماڭا كىيدۈرىدۇ. شۇنداقلا، ئۇنى يالغۇز ماڭىلا ئەمەس، ئۇنىڭ قايتا كېلىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتۈپ تۇرغانلارنىڭ ھەممىسىگە كىيدۈرىدۇ.


يىگىرمە تۆت يېتەكچى ۋە تۆت تىرىك مەخلۇق يەرگە باش قويۇپ: «ئامىن! ھەمدۇسانا!» دەپ، تەختتە ئولتۇرغان خۇداغا سەجدە قىلىشتى.


ئاندىن، ھەر خەلق، ھەر قەبىلە، ھەر مىللەتتىن بولغان، ھەر خىل تىللاردا سۆزلىشىدىغان ساناپ تۈگەتكۈسىز زور بىر توپ خالايىقنىڭ تەختنىڭ ۋە قوزىنىڭ ئالدىدا تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاق تون كىيگەن بولۇپ، قوللىرىدا خورما شاخلىرى تۇتقانىدى.


مول بەرىكەتلەر ئاتا قىلدىڭ ئۇنىڭغا، ساپ ئالتۇندىن تاج كىيدۈردۈڭ بېشىغا.


پاكىز ۋە ئاپئاق ئېسىل كەندىر تون كىيگەن ئەرشتىكى قوشۇنلار ئاق ئاتلارغا مىنىپ، ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ كېلىۋاتاتتى.


ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە بىردىن ئاق تون بېرىلگەن بولۇپ، خۇداغا خىزمەت قىلغان، ئۆزلىرىگە ئوخشاش ئۆلتۈرۈلىدىغان ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىنىڭ سانى توشقۇچە ئازغىنە ۋاقىت كۈتۈشى تەلەپ قىلىنغانىدى.


چېكەتكىلەرنىڭ قىياپىتى خۇددى جەڭگە ھازىرلانغان ئاتلارغا ئوخشايتتى. باشلىرىدا بولسا ئالتۇن تاجغا ئوخشايدىغان بىر نەرسە بار ئىدى. چىرايى ئادەمنىڭكىگە ئوخشايتتى.


كەلگۈسىدە چېكىدىغان ئازاب-ئوقۇبەتلەردىن قورقما. بىلىپ قويغىنكى، شەيتان ئاراڭلاردىن بەزىلەرنى يېقىندا زىندانغا تاشلىتىپ سىنىماقچى. سىلەر ئون كۈنگىچە قىينىلىسىلەر. تاكى ئۆلگۈچە ماڭا سادىق بول. شۇ چاغدا، مەن ساڭا ھاياتلىق تاجىنى كىيدۈرىمەن.


موردىكاي ئاق ۋە كۆك رەڭلىك شاھانە كىيىم كىيىپ، ئېسىل زىغىر رەختتىن تىكىلگەن سۆسۈن رەڭلىك يېپىنچا يېپىنىپ، كاتتا ئالتۇن تاج تاقاپ، پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىدىن چىقتى. سۇزا شەھىرى خۇشاللىق تەنتەنىلىرىگە چۆمدى.


شۇڭا، باي بولۇشۇڭ ئۈچۈن ئوت بىلەن تاۋلانغان ئالتۇن، يالىڭاچلىق ئەيىبىڭنى يېپىشىڭ ئۈچۈن كىيىدىغان ئاق كىيىم-كېچەك، كۆرۈشۈڭ ئۈچۈن كۆزلىرىڭگە سۈرتىدىغان مەلھەملەرنى مەندىن سېتىۋېلىشىڭنى تەۋسىيە قىلىمەن.


تەختنىڭ ئالدىدا يەنە خۇددى خرۇستالدەك پارقىراپ تۇرىدىغان، ئەينەكتەك سۈزۈك دېڭىزغا ئوخشايدىغان بىر نەرسە بار ئىدى. تەختنىڭ ھەربىر تەرىپىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا ئالدى ۋە كەينىدە نۇرغۇن كۆزلىرى بار تۆت تىرىك مەخلۇق تۇراتتى.


ئاندىن، بىر قوزىنىڭ يېتەكچىلەر قورشاپ تۇرغان تەخت بىلەن تىرىك مەخلۇقلارنىڭ ئارىلىقىدا تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. قارىماققا، ئۇ بۇرۇن بوغۇزلانغاندەك قىلاتتى. قوزىنىڭ يەتتە مۈڭگۈزى ۋە يەتتە كۆزى بار بولۇپ، بۇ كۆزلەر خۇدانىڭ پۈتكۈل دۇنىياغا ئەۋەتكەن يەتتە روھى ئىدى.


ئاندىن، تەختنىڭ، تىرىك مەخلۇقلارنىڭ ۋە يېتەكچىلەرنىڭ ئەتراپىدا مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان پەرىشتىلەرنى كۆردۈم ۋە ئۇلارنىڭ ئاۋازلىرىنى ئاڭلىدىم.


ھېلىقى 000،144 كىشى تەختنىڭ، تۆت تىرىك مەخلۇقنىڭ ۋە يېتەكچىلەرنىڭ ئالدىدا يېڭى بىر ناخشا ئېيتىشتى. بۇ ناخشىنى گۇناھلىرىنىڭ بەدىلى تۆلىنىپ بۇ دۇنيادىن ئازاد قىلىنغان كىشىلەردىن باشقا ھېچكىم ئۆگىنىشكە قادىر ئەمەس ئىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite